چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسەن، ئاشكارلاش ئىلاھى @evleaks، نوكىيا مىكروسوفىت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، يېڭى بىر تۈركۈم Windows Phone 8 يانفونلىرىنى چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىدى. @evleaks ئۆزىنىڭ تۈيتېسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، يېڭى بىر تۈركۈم Windows Phone 8 يانفونىنىڭ مەخپىي نامى بەلكىم ئىچكى جەھەتتىن «Goldfinger»«Moneypenny»،«Normandy» ،«Phantom»ۋە «Spinel» دەپ بېكىتىلىدۇ دېدى. مەلۇم بولىشىچە، «Goldfinger» بىلەن «Moneypenny» ھەممىسى كىلاسسىك كىنو جىمىس.باندنىڭ ئىچىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ئىكەن. نوكىيا ئۈسكۈنىسىگە «Moneypenny»دەپ ئىسىم بولغان، بۇ بەلكىم سودا تەرەپتىكى ئىقتىدارىنى تەكىتلەشكە قارىتىلغان بولىشى مۇمكىن، يەنە بەلكىم تاقىغىلى بولىدىغان ئەقلىي سائەتكە ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتقا قارىتىلغان بولىشى مۇمكىن. «Goldfinger»گە بولسا بەلكىم مېتاللىق سۈپەتنى قوللىنىپ، شامپان رەڭگىنى چىقىرىشى مۇمكىن. «Spinel» بولسا بىر ئۇچلۇق شپات دەپ ئاتىلىدىغان رۇدا، بۇ نوكىيانىڭ بۇ خىل ماتېرىيالدىكى يانفوننى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرەمۇ؟ مۇمكىنچىلىقى بار.«Phantom» بىلەن «Normandy» بولسا تېخىمۇ سىرلىق بىز ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن يەنىلا خەۋەرسىز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى،007 سېستىمىسىدىكى كىنولار بۇ تۈرلۈك مەھسۇلاتلارغا نۇرغۇن ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلگەن. كەلگۈسىدە كىشىلەر لازىر دەستىسى بولغان Windows Phone نى كۆتۈرۋالارمۇ؟
( تەھرىر : )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ