ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مىكروسوفت 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، Windows Phone 7 نى ېلان قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىكروسوفت 10-ئاينىڭ 11-كۈنى نىيۇ-يوركتا كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، كۆرگەز قىلىدىغان بەزى يېڭى مەھسۇلاتلار 21-چىسىلا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەلەردە بازارغا سېلىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، كەسپىي زاتلار بۇ مەھسۇلاتلار ئىچىدە Windows Phone 7 يانفۇنىمۇ بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشتى.
يېقىندا، مىكروسوفت ئاللىقاچان ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا Windows Phone 7 سىتېمىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن ھەمدە شىركەتنىڭ «ھەممە تەييارلىقلىرى پۈتتى» دېگەن. مىكروسوفتنىڭ Windows Phone تۈرىگە مەسئۇل كارخانا مۇئاۋىن مۇدىرى Terry Myerson ئىلگىرى شىركەتنىڭ بۇ تۈرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:«بۇ مەن قاتناشقان مەھسۇلات ئېچىش خىزمەتلىرى ئىچىدىكى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك بولغان بىر قېتىملىقى»
ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، مىكروسوفت ئەنگلىيىدىكى بىر چوڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئەنگلاىيىدىكى Orange مۇ مىكروسوفتنىڭ ئەنگلىيىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مىكروسوفت بازار ئېچىش، كېڭەيتىش ئشىلىرىغا زور مەبلەغ سەرپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، Windows Phone 7 نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلەپچىقارغۇچىسى LG، خۇڭدا ئېلېكترۇنى بىلەن سامسۇڭ بولۇپ، Dell بىلەن Toshibaمۇ ئارقىدىنلا ئۆزلىرىنىڭ Windows Phone 7 يانفۇنىنى ئىشلەپچىقارغان.
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ