
بىر ئايال نىيۇ-يورك كوچىسىدا تېلفۇندا سۆزلەشكەچ يولدىن ئۆتىۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، نىيۇ-يورك بىر تۈرۈلۈك يېڭى قانۇننى يولغا قويغان، يەنى پىيادىلەر يولدىن ئۆتكەندە تېلفۇن ئۇرۇش ياكى iPod دا مۇزىكا ئاڭلاشنى چەكلىگەن، بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 100 دوللار جەرىمانە قويىلىدىكەن.
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، يانفۇن رادىئاتسىيىسىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يانفۇن سالامەتلىككە يەنە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەرلەر تورى يانفۇننىڭ ئەڭ يېڭى <<يەتتە گۇناھى>>نى ئېلان قىلدى.

1. دوختۇرنىڭ يانفۇنىدا مىكروپ ئەڭ كۆپ
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، نۇرغۇن يانفۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سالامەتلىك مەسىلىسىدىكى ئەيبلەر يانفۇننىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى دوختۇرنىڭ يانفۇنىدا ئىكەن. <<كېلىنكا مىكرو جانلىقلار ئىلمى يىللىق ژورنىلى>>دا ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، تەكشۈرۈلگەن 200 نەپەر داۋالاش خادىمىنىڭ يانفۇنى ئىچىدە %94.5 يانفۇندا زىيانلىق باكترىيەلەرنىڭ بارلىقى بايقالغان، بەزىلىرى ھەتتا <<ئادەتتىن تاشقىرى خەتەرلىك>> خەتەرلىك باكتېرىيەلەر ئىكەن. پەقەت %10 داۋالاش خادىمىلا دائىم يانفۇنىنى تازىلاپ تۇرىدىكەن.
2. تاشيولدىكى بىرىنچى قاتىل: ماشىنا ھەيدە تېلفۇن قىلىش
يانفۇن رادىئاتسىيىسىنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى، ماشىنا ھەيدەپ تېلفۇندا سۆزلىشىشنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرىگە يەتمەيدۇ. ئامېرىكا كارنېگ مېلون ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار، ماشىنا ھەيدەپ تېلفۇندا سۆزلىشىش، شوپۇرنىڭ دىققىنى %37 تۆۋەنلىتىپ، قاتناش ھادىسىنىڭ خەۋپىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىۋىتىدىكەن.

3. تاشيولدىكى ئىككىنچى قاتىل : يولدا كېتىۋىتىپ تېلفۇندا پاراڭلىشىش
بىر تەرەپتىن يولدا ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن تېلفۇن ئۇرۇش ياكى تېلفۇن ئېكرانىغا قادىلىپ تورغا چىقىش ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرۈش، ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدىغان قاتناش بىخەتەرلىك مەسىلىسى. كىشىلەر يولدىن ئۆتكەندە، ئوڭ-سولىغا قاراش نىسبىتى %20 تۆۋەنلىسە، قاتناش ھادىسىسىنىڭ خەتىرى %43 يۇقىرىلايدۇ.
4. يانفۇننى تىترەشكە تەڭشەپ قويغاندا، ئاسانلار يانفۇنغا تايىنىۋىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
<<يانفۇن سايرىغاندەك بولۇش كېسىلى>> بولسا سىمسىز دەۋردىكى كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان قوشۇمچە ھاسىلاتلارنىڭ بىرى. بۇ خىل ھەمىشە يانفۇن سايراۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ ئەمەلىيەتتە يانفۇننى كۆپ ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل پىسخىكىلىق مەسىلە. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، يانفۇننى تىترەش ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلاردا، ئاسانلار يانفۇنغا تايىنىۋىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

5. داۋاملىق ئۇچۇر يوللىغاندا باش بارماق بارماق ئۇنۋېرسال يىغىندى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
قىسقا ئۇچۇرنى زىيادە يوللايدىغانلار ياكى ئۇزۇن ۋاقىت يانفۇندا تورغا چىقىدىغانلارنىڭ باش بارمىقىنى يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ باش بارماققا مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇل تالالىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، باش بارماق ئاغرىش، تارتىشىش، ئشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. يانفۇنمۇ رىئاكسىيە قىلىدۇ
بەزىلەر يانفۇن ئىشلىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تېرىلىرى غەلىتە قىزىرىپ ئىششىپ كېتىدۇ، ھەتتا سۇلۇق قاپارتما ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار، بۇ خىل تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىنىڭ دەل يانفۇن سىرتقى قېپىدىكى بەزى مېتاللار مەسىلەن، نېكىل قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
7. ئاۋاز بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يانفۇننى MP3 ئورنىدا ئىشلىتىدۇ، يەنە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر يانفۇننىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى تەڭشەپ قويىدۇ. لېكىن مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاۋاز 80 دېتسىبىلدىن ئېشىپ كەتكەندە قۇلاققا زىيانلىق ئىكەن. نورمال پاراڭلاشقاندا ئاۋاز چوڭلۇقى 60 دېتسىبىل بولۇپ، يانفۇن نائۇشنىكى 100 دېتسىبىلغا يېتىدىكەن. شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا، كىشىلەر ئاۋازنى تېخىمۇ يۇقىرى تەڭشەيدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا، ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان بولىدۇ.
( تەھرىر : ئاقيول تورى )
ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ
ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ۋىروس ئۆلتۈرۈش دېتالى قاچىلاش زۆرۈرمۇ؟
يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
MIUI سېستىمىسى ھەقسىز ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى
يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone air دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن
Note 3 كە يېڭىدىن قىزىل ۋە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قوشۇلماقچى
ئالما مەستانىلىرى ئۈچۈن Typo iPhone مەخسۇس لاھىيەلەندى
4.7 ديۇملۇق تۆت يادرولۇق يېڭى يانفون نۇبىيا Z5S mini
ئالدىنقى ئايدا يەر شارى بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن يانفونلار تىزىملىكى
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
نوكىيانىڭ سىرلىق يېڭى يانفونىنىڭ مەخپىي نامى ئاشكارلاندى
يانفونغا تايىنىۋېلىش كېسەللىكى ئالامەتلىرى
iphone ئالما تىلىفۇنغا SIM كارتىدىكى نۇمۇرنى تونۇتۇش ئۇسۇلى
ئەقلىي تېلىېفۇندا ، تېلېفۇن نۇمۇرىنى زاپاسلاش ئۇسۇلى
يۇمشاق ئېكران زادى قانداق؟
iPhone ئەيىبلەندى،ليەنتوڭ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى
NOKIAشىركىتى 1800نەپەر خىزمەتچىسىنى قىسقارتىدىكەن
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ باش لىدىرى كىم بىلەمسىز ؟
يانفۇننىڭ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەتتە گۇناھى
موتورولا ئالمىنى 18 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېدى
گارتنېر: Windows Phone 7 مىكروسوفتنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ
يانفۇن ۋىرۇسلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
مىكروسوفت 21-چىسىلا Windows Phone 7نى ئېلان قىلىدىكەن
سىزدە تېلېفوندىن قورقۇش كېسىلى بارمۇ ؟
يانفۇن نومۇرىغا قارىتا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ
ئامېرىكا ئىنژىنېرلىرى يانفۇنغا قول تىلىنى تونۇتۇشنى سىناق قىلدى
WP7 دا ئىقتىدار تولۇق ، يېڭىلىق كەم ئىكەن
تورداشلار تېلفۇننىڭ بىر نەچچە مەخپىي ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى
تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆزگىچە مەھسۇلات ۋە پەرەزلەر
نومۇر باسمىسىمۇ بولىدىغان يانفون
ھەقىقىي > تېلېفون دېگەن مۇنداق بولىدۇ
iPhone 4 نىڭ سىگنال كاشىلىسىنى ئوڭشاشنىڭ 10 خىل چارىسى
دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك يانفون ئىسرائىلىيىدە بارلىققا كەلدى
دۇنيا پەن-تېخنىكا بازىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم سىتىفىن.جوبىس
ئالما شىركىتى iPhone 4 غا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ
Microsoft بۈگۈن iPhon4 نى مازاق قىلدى
سەرپىياتى بەش مىڭ يىلغا يېتىدىغان باتارىيە كەشىپ قىلىندى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چىدامچان يانفۇن مەيدانغا كەلدى
گوگول ئەمدى داۋاملىق يانفۇن ئىشلەپچىقارمايدۇ
تۆتىنچى ئەۋلاد IPhone نىڭ قاتتىق ماتېرىياللىرىنى يېشىش