سەھىپىلەر
خەۋەر
ئەسەر
ئۇچۇر
ناخشا
MTV
كىنو
ئۇيۇن
رەسم
چۈشۈرۈش
تېلېۋىزىيە

تەۋسىيەلىك يانفۇن بىلىملىرى

يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
يانفون سىگ
2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
2013-يىلىدىك

ئاۋات يانفۇن بىلىملىرى

گارتنېر: Windows Phone 7 مىكروسوفتنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-09   مەنبەسى : ئاقيول تورى   كۆرۈلىشى:   بىسىپ چىقىرىش
ئاقيول تورى خەۋىرى:



چەتئەلدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئورگىنى Gartner يېقىندا مىكروسوفتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي يانفۇن سۇپىسى Windows Phone 7 نىڭ يەنىلا مىكروسوفتنى قۇتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

Gartnerنىڭ تەھلىلچىلىرىى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن زاتلارنىڭ قارىشىچە، Windows Phone 7 مىكروسوفتنىڭ ئەقلىي يانفۇن بازىرىدىكى ئۈلۈشىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. Gartner مۆلچەرىچە، Windows Phone سۇپىسىنىڭ بۇ يىللىق بازار ئۈلۈشى %4.7 بولۇپ، Windows Phone 7 بازارغا چىققاندىن كېيىن، مىكروسوفتنىڭ 2011-يىلىدىكى بازار ئۈلۈشى %5.2 كە ئۆرلەيدىكەن، لېكىن 2014-يىلىغا بارغاندا يەنىلا %3.9 كە چۈشۈپ، ھەر قانداق ئاساسلىق زاۋۇتنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

Gartner مۆلچەرلەپ، 2014-يىلىغا Symbian OS نىڭ بازار ئۈلۈشى %30.2، Android نىڭ %29.6 بولىدىكەن. 2009-يىلى Androidنىڭ بازار ئۈلۈشى ئاران %3.9 بولغان، 2010-يىلىدا بولسا %17.7 كە چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، مىكروسوفت نىيۇ يوركتا Windows Phone 7 نى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدۇ، T-Mobile تۇنجى ئېلان قىلشتىكى ھەمكارلاشقۇچى بولىدۇ.

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، Windows Phone 7 ئاساسىدىكى ئەقلىي يانفۇنلار ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەلەردە بازارغا سېلىنىدۇ. تۇنجى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن LG، خۇڭدا ئېلېكترۇنى بىلەن سامسۇڭ، دېل بىلەن Toshiba قاتارلىقلار بار.

( تەھرىر : ئاقيول تورى )

ئادرىسىنى كۆچۈرۋېلىڭ

«كىيىنكى
ئالدىنقى»
كىيىنكى خەۋەر:يانفۇن ۋىرۇسلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ .
ئالدىنقى خەۋەر:موتورولا ئالمىنى 18 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دېدى .
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرمۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزدىكى بەزى ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号