«خەير-ساخاۋەت قانۇنى» بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى
بۈگۈندىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلىشى مەنئى قىلىنىدۇ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى «خەير-ساخاۋەت قانۇنى» يولغا قويۇلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «خەير-ساخاۋەت قانۇنى» ئىئانە قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەت ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بويسۇنىدىغان قائىدە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشلىرىنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. ھازىرقى توردىكى ھەر خىل شەكىلدىكى ئىئانە، ياردەم تەلەپ قىلىشقا قارىتا، «خەير-ساخاۋەت قانۇنى» دا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: شەخسنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىئانە توپلىشىغا بولمايدۇ. بۇ، ئاساسلىقى ئالدامچىلىق قىلمىشى قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئىئانە توپلاشتا، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ئىئانە قىلغان پۇل-مالنىمۇ خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى باشقۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىلا توردا ئىئانە توپلىسا بولىدۇ. خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىنىڭ بار يوقلۇقىغا قاراشتا، ئۇنىڭ «ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» نىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.
«خەير-ساخاۋەت قانۇنى» دا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، سېلىق سېلىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن سېلىق سېلىش يول قويۇلمايدۇ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن مېھرىبان كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان «مېنىڭ ئىئانەم يۆتكەپ ئىشلىتىلدىمۇ-يوق» دېگەن مەسىلىگە قارىتا، «خەير-ساخاۋەت قانۇنى» دا، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى جامائەت ئىئانە توپلاش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.
بۈگۈندىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ ئىئانە توپلىشى مەنئى قىلىنىدۇ
شىنجاڭدا ئىككى بايرام مەزگىلىدە يەتتە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر 18 كۈنلۈك مائاشقا ئېرىشەلەيدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ تەرجىمىھالى
ئۈچ نەپەر ئولىمپىك چېمپىيۇنى شىنجاڭغا كېلىدۇ
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
بالىلىرىمىزنىڭ سۈرىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارمىغان ياخشى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ
بۈگۈندىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ ئىئانە توپلىشى مەنئى قىلىنىدۇ
شىنجاڭدا ئىككى بايرام مەزگىلىدە يەتتە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر 18 كۈنلۈك مائاشقا ئېرىشەلەيدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ تەرجىمىھالى
ئۈچ نەپەر ئولىمپىك چېمپىيۇنى شىنجاڭغا كېلىدۇ
iPhone 7 دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 يۈەندىن باشلىنىدۇ
ئادەم قانچە پۇلدار بولسا تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن
ئۈندىداردىكى يېڭى ئالدامچىلىق، «جەسەت» لەردىن ھوشيار بولۇڭ
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ سىياسى قانۇن سىستېمىلىرى 121 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدۇ