• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2016-08-20 19:04:30
    تەھرىر : shahbanu
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    Business Insider تورى 20-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى7SEئاقيول تور بىكىتى

    مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ئالما 9-ئاينىڭ 7-كۈنى iPhone 7نى ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما بۇ يانفون مىسلىسىز دەرىجىدىكى خەتەرنى ئۆزىگە يۈكلىگەن. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    ئالمىنىڭ ئەقلىيفون كەسپى كۆپ يىللىق كۈچلۈك ئېشىشتىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئالما ئۇچرايدىغان بېسىممۇ بارغانسېرى چوڭايدى، ئۇ چوقۇم يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنىڭ ئىلگىرىكى بىرقانچە ئەۋلاد مەھسۇلاتقا ئوخشاش بازىرى ئىتتىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. لېكىن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش بەكلا قىيىن ئىكەن. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    بازار تەتقىقات شىركىتى IDCنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، iPhoneنىڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئازلاپ كەتكەن، بۇ iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۇدا ئۈچ پەسىل ئوخشاش مەزگىدىكىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشى ھېسابلىنىدۇ. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    ئالما 2016-يىلى ئىككىنچى پەسىلدە 44 مىليون 400 مىڭ دانە iPhone سېتىپ چىقاردى، 2015-يىلى ئىككىنچى پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارى 48 مىليون 100 مىڭ دانە بولغان. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    7SEئاقيول تور بىكىتى

    ھەر قېتىم يېڭى iPhone ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئازلايدۇ. ئەمما بۇ يىللىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئازلىشىغا دىققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ، بۇنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار، بىرى بۇ خىل تۆۋەنلەش سېلىشتۇرما تۆۋەنلەش بولماستىن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش، يەنى كىشىلەر بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە سېتىۋالغان iPhoneنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش پەسلىدە سېتىۋالغان iPhoneنىڭ سانىغا قارىغاندا ئاز.7SEئاقيول تور بىكىتى

    ئىككىنچىسى، ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشىمۇ تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يەرشارىدىكى ئەقلىيفون بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %14.6تىن تۆۋەنلەپ، %12.9كە چۈشۈپ قالدى. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    ئالمىنىڭ كۆپ قىسىم تىجارەت كىرىمى iPhone دىن كېلىدۇ؛ شۇڭا بۇ كەسىپنىڭ تىجارەت ئەھۋالى پۈتكۈل ئالمىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل 4-ئايدا، ئالما پەسىللىك تېلېفون يىغىنىدا iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى شىركەتنىڭ پەسىللىك كىرىمىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ جاكارلىدى.  شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار ئالمىغا زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ، iPhone 7نىڭ ئالما كىرىمىنىڭ ئېشىش ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان ياكى كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    7SEئاقيول تور بىكىتى


    7SEئاقيول تور بىكىتى

    ئۇنداقتا iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟7SEئاقيول تور بىكىتى

    IDCنىڭ قارىشىچە، دۇنيا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەقلىيفوننىڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، بۇلتۇر ئىككىنچى پەسىلدىكى 330 مىليون دانىدىن 344 مىليون دانىغا كۆپەيگەن. ئەمما ياۋروپا-ئامېرىكا قاتارلىق پىششىپ يېتىلگەن بازاردىكى سېتىلىش مىقدارى ئاستىلاۋاتقان بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىپتۇ، ئەمما ئالمىنىڭ قىممەت يانفونى بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىك كۆرمىگەن. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    ئەمەلىيەتتە، ئالمىنىڭ بەزى بازاردىكى ئىپادىسى ئادەمنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ. IDC تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئەقلىيفون بازىرى ئىككىنچى پەسىلدە %4.6 ئاشقان، ئەمما ئالمىنىڭ بۇ جايدىكى ئىككىنچى پەسىللىك سېتىلىش مىقدارى %31.7 ئازلاپ كەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 12 مىليون 600 مىڭ دانىدىن ئازلاپ سەككىز مىليون 600 مىڭ دانىغا چۈشۈپ قالغان. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىشى ئالمىنىڭ iPhone 7نى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، iPhone 7نىڭ ئەھۋالى iPhone 6s بىلەن بەكلا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدىكەن. 7SEئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى مۇھىم خەۋەرلەر