
يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇرتىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە ۋە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرىدىغان ئاۋاز سىستېمىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا نۇقتىلىق قىلىپ ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە/ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى كۆرسىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى بىلەن سوگو (搜狗) تور كۆرگۈچى ھەمكارلىشىپ، خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئابۇنتلارنىڭ تورغا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان تۇنجى تور كۆرگۈچ.
ئىگىلىنىشىچە، سوگو تور كۆرگۈچنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ نۇرغۇن تىل ماتېرىيال ئامبىرىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرتىلى بىلەن خەنزۇتىلىنى ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىدىغان ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. يەنى سوگو تور كۆرگۈچى خەنزۇچە تور بەت ئېچىپ، خەنزۇچە تور بەتنى ئۇيغۇرچە تور بەتكە تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بەت ئاچقان، ئوخشاشلا خەنزۇچە تور بەتكىمۇ تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر ئابونتلار سوگو تور كۆرگۈچىنىڭ كېڭەيتىش مەركىزىدىن«خەنزۇچە-مىللىيچە تەرجىمە تەرجىمە» قىستۇرما دېتالىنى چۈشۈرۈپ، قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن سوگو تور كۆرگۈچىنىڭ ئۈستىدىكى كېڭەيتىش ئىستونىدا«يېشىل قوش ئوقتا» كۆرۈنىدۇ. شۇنى چېكىپ قويسىڭىزلا خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىش تور بەت ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز.

دۆلەتنىڭ«بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن شىنجاڭ«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇش رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆخشىمىغان يېزىقلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا تەرجىمىگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. سوگو تور كۆرگۈچى ئاچقان ئاز سانلىق مىللەت تىلى تەرجىمە ئىقتىدارى ئاددىي، ئىشلىتىشچان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تورغا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە گۈزەل شىنجاڭنى چۈشىنىشتە«ئىنتېرنېت + » يېڭى كۆزنەك ئاچتى.
ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسىدە سوگو تور كۆرگۈچىنىڭ ئىشلىتىلىشى نى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ، موڭغۇل يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقى، قازاق يېزىقى ۋە چاۋشيەن يېزىقى دېگەندەكلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىدىغان ئىقتىدارنى داۋاملىق ئاچىدىكەن.
سوگو تور كۆرگۈچىگە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى
سەنۇبەر تۇرسۇن بۈگۈن ئامېرىكىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ
سىز بىلمەيدىغان توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ھەركەت
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
شىنجاڭ يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقاتتى
8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلاش تەسلىشىدۇ
تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى℃46.7 قا چىقىپ رېكورت ياراتتى
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 2030-يىلدىن بۇرۇن ئەيدىزنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
8-ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەت چىقىدۇ
جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر قاغىلىقتىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كې