
21-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 18-ئىيۇل كەچ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويى شەھىرى دۇرباندىكى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە باشلاندى، بەش كۈن ئېچىلىدىغان بۇ يىغىندا قانداق قىلىپ 2030-يىلدىن بۇرۇن دۇنيا بويىچە ئەيدىزنى يوقىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتە ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بىر قىسىم دۆلەتلەردە پەقەت 20 مىنۇتتىلا ئەيدىزگە دىياگنوز قويغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى 17 مىليون ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى ئۈنۈملۈك داۋالاش بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتتى.
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەيدىزگە ئائىت ئەڭ چوڭ يىغىن بولۇپ، خەلقئارا ئەيدىز ئىلمىي جەمئىيىتى ئاچىدۇ. 1985-يىلى، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنى ئامېرىكا ئاتلانتادا ئېچىلغان. دەسلەپتە يىغىن ھەر يىلدا بىر قېتىم ئېچىلغان، 1994-يىلدىن باشلاپ ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىشقا ئۆزگەرگەن. يىغىننىڭ يىللاردىكى باش تېمىلىرى دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ئەيدىز كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل مەسىلىلەر، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئەيدىز تەتقىقات ساھەسىدىكى يېڭى نەتىجىلەر، ئەيدىز ۋاكسىنىسى ۋە يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 2030-يىلدىن بۇرۇن ئەيدىزنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
8-ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەت چىقىدۇ
جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر قاغىلىقتىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كې
زۇلپىقارWBO دا شەرق ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى
99-يىللىق نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ بازاردىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى
سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلدى
21 مىليون قىممىتىدىكى ئالتۇن ئەتكەسچىلىك دېلوسى پاش قىلىندى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇغى
قان مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسمەكتە
يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتتى
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 2030-يىلدىن بۇرۇن ئەيدىزنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
8-ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەت چىقىدۇ
جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر قاغىلىقتىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كې
زۇلپىقارWBO دا شەرق ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى
iPhone 7 نىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئاخىرى ئېنىق بولدى
بىنا ئۆي سېتىۋالغان چاغدا قايسى قەۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئالتۇن بۇركۇت كەسپى تىخنىكا مەكتىپىدىن خوش -خەۋەر
99-يىللىق نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ بازاردىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى
سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلدى
10 يىلدىن كېيىن ئىنسانلار مۇنداق ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن