
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 13-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول تىرانسىپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى 68 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلەش ئورنى كۇرسانتلارغا ئارقا-ئارقىدىن «ئاۋۋال ئۆگىنىپ، ئاندىن ھەق تاپشۇرۇش»تەك يېڭى ئەندىزىنى يولغا قويىدۇ.
ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يېڭى ئەندىزە بويىچە، كۇرسانت پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا يۈزلىنىدىكەن، تىرېنېرنى ۋە ئۆگىنىش ۋاقتىنى ئۆزى تاللايدىكەن، بىر مەۋسۇملا ئۆگەنسە شۇ بىر مەۋسۇمنىڭ پۇلىنى تاپشۇرىدىكەن، ئۆگىنىش جەريانىدا «بىر ئادەمگە بىر ئادەم»، «بىر ئادەمگە بىر ئاپتوموبىل» بولۇشتەك ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن، 2-پەن ۋە 3-پەننىڭ ئۆگىنىش ھەققىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش ياكى ۋاقىت ھېسابلاپ تاپشۇرۇشتىن خالىغان بىرىنى تاللىۋالسا بولىدىكەن.
يۇقىرىقى يېڭى ئەندىزىدە مەكتەپلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى، تىرېنېرلار ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرگەندىلا كۇرسانتلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ قالالايدىكەن، بولمىسا، كۇرسانت بۇ دەرسنى ئاڭلاپ ياخشى بولمىسا كېتىپ قالىدىكەن. ئەنئەنىۋى ئەندىزىدە تىرېنېر ئاساس بولغان بولسا، بۇ يېڭى ئەندىزىدە كۇرسانت ئاساس بولىدىكەن، تىرېنېرلار كۇرسانتلارغا ئەگىشىپ يۈرىدىكەن، ئىلگىرىكى «ئۇستاز-شاگىرت» مۇناسىۋىتى ئەمدى «مۇلازىمەتچى بىلەن ئىستېمالچى» مۇناسىۋىتىگە ئۆزگىرىدىكەن.
مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2016-07/14/content_534661.htm
ئۈرۈمچىدىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى يېڭى ئەندىزە يولغا قويىدۇ
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
بېيچىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى ئېنېرگىيىلىك مەھسۇلات پىلانى
گۇاڭچى چۇەنچى شىمالىي ئامېرىكىدا GS4 ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلماقچى
دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان چوڭ تاپانلىق ئاپتوموبىل
تۇلپار ھىدروگېن باتارىيىلىك ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى چىقارماقچى
ئۈرۈمچىدىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى يېڭى ئەندىزە يولغا قويىدۇ
21 مىليون قىممىتىدىكى ئالتۇن ئەتكەسچىلىك دېلوسى پاش قىلىندى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇغى
قان مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسمەكتە
يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتتى
ئاۋۇت پالاكەت 3-بۈلۈمى پات ئارىدا سۆرەتكە ئىلىنىشقا باشلىنىدۇ
يېڭى تارىخىي باش پەللە(رەسىملىك)
يېڭى تارىخىي باش پەللە
چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ كەتكەن ناخشا