• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • زۇلپىقارWBO دا شەرق ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2016-07-18 11:59:05
    تەھرىر : shahbanu
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى WBOدا شەرق ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بوكىس سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم چاقنىدى5NQئاقيول تور بىكىتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت:5NQئاقيول تور بىكىتى

       2016-يىل 9-ئىيۇل كەچتە، بېيجىڭ دۆلەتلىك سۇ ئۈزۈش مەركىزنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى كەسپىي بوكىس بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى بىر مەيدان نۇقتىلىق مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ماھىرى زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى تانزانىيە ماھىرى توماس ماشالىنى 4-ئايلانمىدىلا ئۇرۇپ يىقىتىپ، 168 قاداقلىقلار بويىچە دۇنياۋى بوكىس تەشكىلاتى WBO شەرق ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بوكىس مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم چاقنىدى.5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    ئۇ بۇ يىل 2-ئايدا شاڭخەي دۇڭفاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بوكىس ئالاھىدە ھەپتىلىكى» بوكىس مۇسابىقىسىدە 76 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئالتە ئايلانمىلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسدىلا ئاۋىستىرالىيەلىك رىقابەتچىسى ستىۋېنغا  ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئۇنى يەر چىشلىتىپ، مۇسابىقىدىكى يارقىن يۇلتۇزغا ئايلانغانىدى. بۇ قېتىمقى ئون ئايلانمىلىق مۇسابىقىنىڭ 4-ئايلانمىسىدىلا رەقىبىنى يەر چىشلىتىپ، جۇڭگو خەلقىنى چەكسىز سۆيۈندۈردى. يۇرتىمىزنىڭ پەخرى، ئۈمۈدلىك ياش زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى كەسپىي بوكىسقا قاتناشقان ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سەككىز مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، يەتتە مەيدان ئۇتۇپ، بەش مەيدان رەقىبىنى ئۆرۈپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، مەملىكەتلىك بوكىس چېمپىيونى، مەملىكەتلىك بوكىس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچىلىكى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە يەتتە مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بىرلەشمىدىكى «رەقىبىنى ئەڭ تېز يەرگە يېقىتىش رېكورتى»نى ياراتقان.  بۇ قېتىمقى رەقىبى توماس ماشالى زۇلپىقاردىن بەش ياش چوڭ بولۇپ، بوكىس ھاياتىدا 18 مەيدان ئۇتۇش، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇش، توققۇز مەيدان ئۇرۇپ يىقىتىشتەك رېكورتنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

        زۇلپىقارنىڭ نەتىجىسىدىن پەخىرلەنگەن شىنجاڭ خەلقى ئۇنىڭ زور ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 17-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق قۇتلۇقلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا بوكىسقا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زۇلپىقارنىڭ نەتىجىلىرى قۇتلۇقلانغاندىن سىرىت، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كىيگەن بوكىس پەلىيى كىمئارتۇق قىلىنىپ 80 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى. بۇ پۇلنى زۇلپىقار يېقىندا قاغىلىق ناھىيەسىدە لاي-لاتقا ئاپىتىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ئۆز قولى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى.5NQئاقيول تور بىكىتى

      زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى 2015-يىل 24-ئاپرېلدا بېيجىڭ پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن، خەلقئارا بوكسچىلار جەمئىيىتى (WBA) نىڭ ئالتە ئايلانمىلىق مۇسابىقىسىدە تايلاندلىق ماھىر خۇۋانا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي بوكسچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يەرگە يىقىتىپ غەلىبىگە ئېرىشكەنىدى. 5NQئاقيول تور بىكىتى

     خەلقئارا بوكسچىلار جەمئىيىتىنىڭ شەخسلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىسى ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۈچ مىنۇتتىن بولىدىغان، 4، 6، 8، 10، 12 قېتىم ئۇچرىشىش بويىچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئالتۇن كەمەر تالىشىدىغان مۇسابىقە بولغاچقا، بوكس ماھىرلىرى دەسلەپتە تۆت ئايلانما مۇسابىقىگە چۈشۈشتىن باشلاپ قاتارغا قوشۇلۇپ، بۇ تۈردە يېڭىپ چىقسا، بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئالتە ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئۆتكەلنى ساقلاپ تۇرغان ماھىرغا جەڭ ئېلان قىلاتتى، مۇشۇ تەرىقىدە ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئالتۇن كەمەرنى تالىشاتتى. زۇلپىقارنىڭ كەسپىي نەتىجىسى ۋە سەۋىيەسىگە ئاساسەن، ئۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئالتە مەيدان ئېلىشىش ئۆتكىلىدىكى تايلاندلىق ماھىر بىلەن ئۇچراشتى. زۇلپىقار مۇسابىقىدە خۇۋاناغا ئەجەللىك نەچچە مۇشت ئېتىپ، رەقىبىنى بىر نەچچە رەت دەلدەڭشىتىپ قويدى، 5-قېتىملىق ئۇچرىشىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا توختىماي بىرىكمە مۇشت ئاتتى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ھەم دەل جايىغا ئاتقان مۇشتلىرى خۇۋانانى ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى. رېپېر ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، دەرھال مۇسابىقىنى توختاتتى. زۇلپىقار مۇسابىقىدە غەلىبە قىلدى، بۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بوكسچىلىرىنىڭ كەسپىي بوكس سەھنىسىدە تۇنجى قېتىم رەقىبىنى يەرگە يىقىتىپ غەلىبە قىلىشى ئىدى. كەسپىي بوكىس بولسا رايونىمىزدا يېڭىدىن بىخ ئۇرغان ئىستىقباللىق كەسىپلەرنىڭ بىرى، مانا بۇ ساھەدە زۇلپىقار ئارزۇسى بويىچە تىرىشتى، ئاخىرى ئۆزى ئارزۇ قىلغان شەرق ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشىپ، بىزگە بۇ ساھەدىن ئۈمۈد بەردى.5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى


      زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى 1994-يىلى 6-ئايدا مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، چىلىشچى مەشقاۋۇلى بولغان دادىسى مۇھەممەتئېلى زۇلپىقارغا ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا بوكس ئۆگىتىشنى باشلىۋەتكەن. زۇلپىقار 12 ياشقا كىرگەندە بوكسنىڭ ئاساسىي ماھارەتلىرىنى خېلى پۇختا ئىگىلەپ بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە مۇنتىزىم تەربىيەلىنىش ئارزۇسى بويىچە، شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن.
      زۇلپىقار تەنتەربىيە مەكتىپىگە كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تەسىس قىلغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا تاللىنىپ، مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىم قاتارلىق ئۇستازلىرىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى ئارقىسىدا كەسپىي جەھەتتە تېز ئالغا باسقان ھەم شۇ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 16 ياشقا كىرگەندە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە بوكسچىلىقتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان كۇبا ماھىرىنى يەڭگەن. ئۇ يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك بوكس مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چېمپىيونلۇقنىڭ تاتلىق تەمىنىمۇ، مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنىمۇ ئوبدانلا تېتىغان.5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى


      زۇلپىقار 20 ياشقا كىرگەندە، ئېغىرلىقىمۇ، تېخنىكىسىمۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشتى. ئەڭ مۇھىمى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆزى ئۈچۈن جاپا تارتقان ھەر بىر كىشىگە ياخشى نەتىجە بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى كۈچىيىپ، ھەر قانداق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قولدىن بەرمىدى. گەرچە ئۇ 2014-يىلى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە 2-بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئاخىرى كەسپىي بوكس ئويناشنى ئۆزىگە نىشان قىلدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ شاڭخەيدىكى «شېڭلىشىجيا» بوكس كۇلۇبىنىڭ تەكلىپى بىلەن شاڭخەيگە كېلىپ، دۇنياغا داڭلىق تىرېنېر مارىئونىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشىپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى


      زۇلپىقار بوكسچىلىق ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مەن ئۇزاق يىل ئارزۇ قىلغان، ئارزۇيۇمدىكى ئالتۇن كەمەرگەئېرىشەلىگەن مۇسابىقە بولدى. رەقىبىم ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، مۇسابىقە ئالدىدا ئازراق جىددىيلەشتىم، مەشىقلەرنى كۈچەپ قىلىپ ياخشى تەييارلىق قىلدىم. تۇنجى قېتىم رەقىبىم بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇ ماڭا مەنستمىگەن نەزەرى بىلەن قارىغان ئىدى، رەقىبىم كۈچلۈك بولسىمۇ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى يوقاتمىدىم. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى توققۇز كىلو ئېغىرلىق چۈشۈرۈپ ئوينىدىم، ئون ئايلانمىلىق مۇسابىقىنىڭ 4-ئايلانمىسىدىلا رەقىبىمنى يېڭىشىمنى ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم.  مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىم، غەلىبەم شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئۇستازلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەربىيەلەپ ئاساسنى پۇختا سالغانلىقىدىن، دادامنىڭ ئىزچىل مېنى قوللاپ، مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، تەڭ جاپا چىكىپ قوللاشلىرىدىن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن قولغا كەلگەن. ئابدۇشۈكۈر ئاكام دائىم بىزگە «غەلىبە ھامان ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغانلارغا مەنسۇپ»، مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابلىكىم ئاكىمىز «مۇسابىقىدە باھانىنىڭ كېرىكى يوق»، «چېمپىيون بولغاندىن كېيىن قىلغان قۇرۇق گەپلەرمۇ ئۇلۇغ گەپكە، چېمپىيون بولماي تۇرۇپ قىلغان ئۇلۇغ گەپلەرمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ»، دەپ تەربىيە بېرەتتى. مەن بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈمگە قىبلىنەما قىلىپ كەلدىم. ھازىر كەسپىي بوكسچىلىق ھاياتىمدا غەلىبە قازىنىپ، شەرق ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردۈم. مەن بۇنىڭلىق بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتسەم بولمايدۇ، مۇسابىقىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن مېنىڭ دۇنيا بويىچە  WBOدىكى ئورنۇم  129 ئورۇندا ئىدى، مۇسابىقىدىن كېيىن 65 ئورۇنغا، ئوخشاش ئېغىرلىقلار بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتۈم. شۇڭا مەن دۇنيانىڭ ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشىش، خەلقئارا WBOدىكى 1-ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭغا، جۈملىدىن مېنى تەربىيەلەۋاتقان ۋەتىنىمگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىم كېرەك. 
      زۇلپىقارنىڭ دادىسى مۇھەممەتئېلى قادىر مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەتنىڭ، ئۇستازلارنىڭ ئەجرى كۆپ، كەلگۈسىدىكى ئارزۇلىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ئوغلۇمنىڭ ئىرادىسى، غەيرەت-شىجائىتىگە باغلىق، مەن ئوغلۇمنىڭ خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇ چوقۇم ھەممىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدۇ.
      زۇلپىقار ئۆز كەسپىدە تېز ئىلگىرىلەپ، مەملىكەتلىك، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمدىلا 22 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان زۇلپىقار كەسپىي بوكسچىلىق ھاياتىدىكى قەدىمىنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇستازلىرى سۆيۈنگۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىدا دۇنيا ئالتۇن كەمىرىنى ئۆزىگە نىشان قىلىپ، دۇنيا بوكس سەھنىسىدە دىيارىمىزدىن چىققان بىر چولپان بولۇپ كۆزنى چاقنىتىشىغا تىلەكداشمىز. 5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى

    5NQئاقيول تور بىكىتى


    5NQئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى مۇھىم خەۋەرلەر