تېڭشۈن تورى مالىيە قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
شىركەت يېڭىدىن تىجارەت باشلىغاندا، قىز-يىگىتلەرنىڭ تويى بولغاندا ھەمدە تېلېفون نومۇرى تاللاش قاتارلىقلاردا «6» ياكى «8» توغرا كېلىدىغان كۈن ياكى سانلارنى تاللايدۇ. «4» ۋە «13» قاتارلىق سانلارنى ھېچكىم سۈرۈشتە قىلمايدۇ، ھەتتا بۇ سانلاردىن قاچىدۇ. شۇنىڭدەك بىنا ئۆينىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قەۋىتىنى تاللاش توغرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا بولىدىغان بولۇپ، بەزىلەر «ئېگىز قەۋەتنىڭ ھاۋاسى ياخشى قۇياش نۇرى كۆپ چۈشىدۇ، مەنزىرىسى ياخشى» دەپ قارىسا، بەزىلەر «تۆۋەن قەۋەت تېخىمۇ يېقىشلىق، كىرىپ- چىقىش تېز ۋە قولايلىق، تېخىمۇ بىخەتەر» دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا بىز بىنا ئۆيلەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قەۋەتلىرىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
1. 1-قەۋەتتىن 3-قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەرنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى
پايدىسى: يەر تەۋرەش، ئۆرۈلۈش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاسادىپىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، 1-قەۋەتتىن 3-قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەر ئەڭ بىخەتەر قەۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئاشۇنداق كىچىك بالىسى بار ئائىلىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. ھەر تەرەپتىكى ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەگەر ئادەتتىكى بەش، ئالتە قەۋەتلىك كونا ئولتۇراق بىنالار بولسا 3-قەۋەت ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك قەۋەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
زىيىنى: 1-قەۋەتتىن 3-قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەر بەلكىم بەك تىنىچ ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كوچىغا قاراپ تۇرىدىغان ئۆيلەر بولسا، يولدىكى ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گازلار ۋە چاڭ- توزان بىلەن بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. بەزى كونا ئولتۇراق رايونلاردا، يەر ئاستى ئۆيىدىن يەنە نەم ھاۋا كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، پاشا ۋە قۇرت- قوڭغۇزلارنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، 1- قەۋەتتىكى ئۆيلەرگە ئوغرى ئەڭ ئاسان كىرەلەيدۇ.
2. 4- قەۋەتتىن 6- قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەرنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى
پايدىسى: ئېگىز بىنا ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇھىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 4- قەۋەتتىن 6- قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئەڭ ياخشى.
زىيىنى: ئەگەر لىفىتتىن كاشىلا كۆرۈلسە ياكى لىفىت قىستاڭچىلىق بولغان ۋاقىتتا، 4- قەۋەتتىن 6- قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەر بەلكىم ياشانغانلار بىلەن بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىناغا چىقىش ۋە چۈشۈش بەك قولايسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
3. 7- قەۋەتتىن 8- قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەرنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى
پايدىسى: ئېگىز تۇرالغۇ بىنا ئۈچۈن ئېيتقاندا، 7- قەۋەت ۋە 8- قەۋەت «ئالتۇن قەۋەت» بۆلىكى دېيىلىدۇ، چۈنكى بۇ قەۋەتلەر جىمجىت بولۇپ، ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گازلار ۋە چاڭ- توزانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىنى ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلى قىلىپ قويغۇدەك دەرىجىگە تېخى يەتمەيدۇ.
زىيىنى: 7- قەۋەت ۋە 8- قەۋەتلەردە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا گەرچە ئولتۇراقلىشىش شارائىتى قولايلىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىك بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولمىغان تۇرالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ھاۋا بېسىمى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، ئادەمگە بەك ئاسانلا تىنىق يىتىشمەيدۇ، شۇڭا يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ بۇ قەۋەتلەرنى سېتىۋېلىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ.
4. 9- قەۋەتتىن 14- قەۋەتكىچە بولغان قەۋەتلەرنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى
پايدىسى: 9- قەۋەت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قەۋەتلەر ئەڭ يورۇق بىنا قەۋەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئەڭ ئېگىز دەرەخلەرمۇ بۇ قەۋەتلەرنىڭ ئېگىزلىكىگە يېتەلمەيدۇ، شۇڭا يورۇقلۇق ئاسان توسۇلۇپ قالمايدۇ.
زىيىنى: ئەگەر بۇ بىر نەچچە قەۋەتتە تاشلاندۇقلارنى چىقىرىش تۇرۇبىسى بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ قەۋەتلەرنىڭ ئۇچرايدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
5. 15- قەۋەتتىن يۇقىرى قەۋەتلەرنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى
پايدىسى: كۆرۈش دائىرىسى ئەڭ ياخشى، ھاۋاسى ئەڭ ساپ بولىدۇ. بىنا ئۆيلەردە پار يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان بولغاچقا، 16- قەۋەتنىڭ ئۈستىدىكى ئۆيلەر ئەڭ ئىسسىق بولىدۇ.
زىيىنى: بەزى كونا ئولتۇراق رايونلىرىدا، ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ بىناسىدا ئادەتتە سۇ بېسىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، بەزىدە سۇ توختاپ قېلىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە قېچىپ قۇتۇلۇش ئاسان ئەمەس، شۇنىڭدەك ئوت ئاپىتى جەريانىدا تارقالغان زەھەرلىك گازنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تارقىلىدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئەڭ خەتەرلىك قەۋەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، ئومۇمىي قەۋەت سانى ئوخشاش بولمىسا، ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدىغان قەۋەت سانىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
15 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 5- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە؛
18 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 6- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە؛
22 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 5- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە، 14- قەۋەتتىن 17- قەۋەتكىچە؛
24 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 6- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە، 15- قەۋەتتىن 20- قەۋەتكىچە؛
25 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 6- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە، 15- قەۋەتتىن 20- قەۋەتكىچە؛
26 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 6- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە، 15- قەۋەتتىن 20- قەۋەتكىچە؛
28 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 6- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە، 15- قەۋەتتىن 22- قەۋەتكىچە؛
30 قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ياخشى قەۋەتلىرى: 6- قەۋەتتىن 7- قەۋەتكىچە، 15- قەۋەتتىن 24- قەۋەتكىچە.