99-يىللىق نۇسخىدىكى بەش يۈرۈش خەلق پۇلى ئۆمرى ئەڭ قىسقا بىر يۈرۈش پۇل، چۈنكى ئاران 6 يىل ئىشلىتىلىپلا شاللىنىپ قالدى، بولۇپمۇ 5 يۈەنلىك پۇلنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ قىسقا بولدى. شۇ سەۋەبلىك بۇ بازاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇچراتقىلى بولمايدىغان خەلق پۇلى كىشىلەرنىڭ يىغىپ ساقلاش نەزەر دائىرىسىگە جىمجىتلا كىرىپ كەلدى. ھازىر ئوبوروت بولۇۋاتقان خەلق پۇلىنى ئېلىپ سېتىش ئىشلىرى قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، نۆۋەتتە يىغىپ ساقلاش بازىرىدا ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمىزدىكى، بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىغا نىسبەتەن 1999-يىللىق نۇسخىدىكى بەش يۈرۈش پۇل كەلگۈسىدە چوقۇم يىغىپ ساقلاشتىكى بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالىدۇ.
ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر 1999-يىللىق نۇسخىدىكى پۇلنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاران 6 يىل ئىشلىتىلىپلا 2005-يىللىق نۇسخىدىكى پۇلغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىشىپ كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇلنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يىغىۋېلىنغانلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، 99-يىللىق نۇسخىدىكى خەلق پۇلىدا ئىككى چوڭ ئېغىر مەسىلە ساقلانغان، بىرى ئۇنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن: بىخەتەرلىك سىزىقىنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس، جىددىي ئۆزگەرتىش زۆرۈر، شۇڭا ئەسلى نۇسخىنى يىغىۋېلىپ پۇقرالارنىڭ يېڭى نۇسخىنى ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك؛ ئىككىنچىسى بۇ نۇسخىدىكى قەغەز پۇلدا خەنزۇ تىلى پىنيىنىدا يېزىلغان «YUAN» دېگەن خەت كەم قالغان، بۇ ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنى تارقاتقاندىن بۇيانقى ئادەتلەنگەن ئۇسۇلغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ ئۆمرى قىسقا بولغان.
ئەمما مەركىزىي بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما دېلۇن مۇھەررىرلىكىدە يېزىلغان «جۇڭگونىڭ كىملىكى - خەلق پۇلى» ناملىق كىتابتا، ئۇ بۇ خەلق پۇلىنىڭ يىغىۋېلىنىپ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى.
كىتابتا تىلغا ئېلىنىشچە، بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي بانكا ئارقا-ئارقىدىن ئاممىدىن خەت تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، خەتتە پۇل يۈزىدىكى «ئايرىم ئامىللار كەمچىل بولۇپ، ساختا پۇللار ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولغانلىقى»دەك ئەھۋاللار ئىنكاس قىلىنغان. كىتابتا كۆرسىتىلىشچە، بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى ۋاقىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن قوشۇلغان، كېيىن تارقىتىلغان كىچىك سوممىلىق قەغەز پۇل، مەسىلەن: 10 يۈەنلىك پۇلنىڭ قوش رەڭ ئۇلىنىشى، 1 يۈەنلىك پۇلنىڭ قول سېزىمى سىزىقى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر چوڭ سوممىلىق پۇلنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ خەلقئارادا ساختا پۇلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەغەز پۇلنى يېڭىلاپ ئالماشتۇرۇش دەۋرىنى 4-7 يىلغا قىسقارتقان، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى مۇھىملىقى كۈنسايىن گەۋدىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالغان.
ما بانكا باشلىقىنىڭ بۇ كىتابىدا ئۈچ نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن: بىرىنچىسى، «ئايرىم ئامىللار» كەم بولۇپ قېلىش؛ ئىككىنچىسى، ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگىسى بىرلىككە كەلمەسلىك؛ ئۈچىنچىسى، ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسنى يېڭىلاشنى تېزلىتىش. ئىككىنچى، ئۈچىنچىسى ئېنىقكى دەسلەپكى ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكى مۇقىم بولماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ، بىرىنچىسى بولسا «YUAN» دېگەن بۇ ئەڭ ئاساسىي خەنزۇ تىلى پىنيىنى قەغەز پۇل يۈزىدىن چۈشۈپ قالغان، بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار ئىدى، شۇڭا 2005-يىلىدىكى پۇلغا بۇ خەت قوشۇلدى ھەمدە 99-يىللىق نۇسخىدىكى قەغەز پۇل «خاتا نۇسخىدىكى» پۇل دەپ قارالدى.
ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، بۇ نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنى نۆۋەتتىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ئىچىدىكى ئىشلىتىش ئۆمرى ئەڭ قىسقا بولغان قەغەز پۇل دېيىشكە بولىدۇ، 2005-يىللىق نۇسخىدىكى قەغەز پۇل شۇ يىلى تارقىتىلغاندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 11 يىل بولدى. كېيىنكى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ 2015-يىلى مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، 1999-يىللىق نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چوقۇم كۈنسايىن گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.