ئۆركەش جاپپار خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاراپ ماڭغاندا، تەلكە تاغلىرىغا كىرىش ئېغىزىدا دېڭىز يۈزىدىن 2072 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان گۈزەل سايرام كۆلى بار.
ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، سايرام كۆلىنىڭ ئەتراپى «نادام بايرىمى» ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدان قىلىنغانىدى. كۆل ئەتراپى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان مېھمانساراي، ئاشپۇزۇللار بىلەن تولۇپ كەتكەچكە، ئوت–چۆپلەر چەيلىنىپ، كۆل ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانىدى.
بورتالا ئوبلاستىدىكىلەر 2011–يىلىدىن باشلاپ سايرام كۆلى ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، كۆل ئەتراپىدىكى مېھمانساراي، ئاشپۇزۇللارنى چېقىپ تۈزلىدى، يايلاقتا مال بېقىۋاتقان 2591 مالچى ۋە 127 مىڭ 600 تۇياق چارۋامالنى تارقاقلاشتۇرۇپ، كۆل ئەتراپىدا چارۋامال بېقىشنى مەنئى قىلدى. نەتىجىدە 214 مىڭ 500 مو كۆلەمدىكى يايلاق «دەم ئېلىش»قا چىقىرىلىپ، كۆل ئەتراپىنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، سايرام كۆلى ئەتراپى خىيابان جىمجىتلىقىغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى. ئوت–چۆپلەر بۇلۇق ئۆسۈشكە باشلىدى، سۇ يۈزى تىنچلاندى، «يامانلاپ» كەتكەن ئاق قۇلار ئۆز ماكانىغا قايتتى.
ھازىر سايرام كۆلىگە بارسىڭىز، كۆك ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇرغان كۆل ئەتراپىدىكى گۈل–چېچەكلەر بىلەن تولغان چىمەنلىكتە جىمجىت سەيلە قىلىپ، جەننەت ماكاننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىسىز ۋە شېئىرىي تۇيغۇلارغا چۆمۈلىسىز.