مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بەرگەن خەۋىرى، شىنجاڭ تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى مىچۈەن كۆكتاغ رايونىدا يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، تىجارەت ھوقۇقىنى جەزملەپ تىزىملاپ كىنىشكا تارقاتتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى پۈتكۈل ناھىيە سىناق قىلىنىدىغان 14 ناھىيەنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2015-يىلى 6-ئايدا مىچۈەن كۆكتاغ رايونى ئالدى بىلەن يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت ھوقۇقىنى جەزملەش سىناق نۇقتا خىزمىتىنى قوزغاتقان ھەمدە سەنداۋبا بازىرى سەنداۋبا كەنتى، دوڭتەن كەنتىنى سىناق نۇقتا كەنتى قىلىپ جەزملىگەن. نۆۋەتتە، بۇ ئىككى كەنتتە تىجارەت ھوقۇقىنى جەزملەپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى مىچۈەن كۆكتاغ رايونىدا ھازىر 81 مەمۇرىي كەنت بار. بۇنىڭ ئىچىدە 66 مەمۇرىي كەنت يەر ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تاماملىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى باقىت قېدىرباينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنى جەزملەپ تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش سىناق نۇقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھازىرقى يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز تەڭشەش ياكى دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى چەكلەش بولۇپ، دېھقانلاردىن مەنپەئەت تالىشىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۈرۈمچى ناھىيەسى قاتارلىق 4 رايون (ناھىيە) نىڭ سىناق نۇقتا خىزمىتى پات يېقىندا قوزغىتىلىدۇ، ھەر قايسى رايون ناھىيەلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى چىڭىتىپ، خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئالدىن شەرت ئاستىدا، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.