
بۈگۈن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق پروفېسسور، پەخىرلىك ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى تاشپولات روزىنىڭ ئۈندىدار چەمبىرىكىدە خۇش خەۋەر كۆرۈپ، بارلىق قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىش مەقسىتىدە سىلەرگە سۇندۇم.
تاشپولات روزى تىلىدىن:
تۈنۈگۈن كەچ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى سەنۇبەر تۇرسۇن سىڭلىم، تەمبۇرچى مىجىت يۇنۇس ئەپەندى، غىجەكچى ئادىل ئابلىز ئۇكام ۋە ئۇسسۇلچى مۇقەددەس مىجىت سىڭلىم بىلەن لوس ئانجېلېس شەھەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا ئۇچرىشىپ تاماق يېگەچ پاراڭلاشتۇق. مەن ئۇنىڭ يېقىندا شاڭخەي مۇزىكا كانسورۋاتوريىنىڭ كومپوزىتورلۇق كەسپى بويىچە ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغانلىقىنى تەبرىكلىدىم. بۇ ئۇچرىشىشقا سان فرانسىسكودىن شىنجاڭ ھەرەم باغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى زۇلپىقار ئەبەيدۇللا ئۇكاممۇ كېلىپ قاتناشتى.
مەن سەنۇبەر تۇرسۇن سىڭلىمنى بۇ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. 8-ئاينىڭ 7-كۈنى يەنە ئەتە يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 7 دىن سائەت 9 غىچە ئىككى سائەت لوس ئانجېلېس شەھەر مەركىزىدە بىرىنچى قېتىملىق «سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھازىرغىچە ئامېرىكىدا بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركىزى بولغان لوس ئانجېلېستا بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇر ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە شىنجاڭنى ئامېرىكىلىقلارغا تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە باشقا مۇزىكانتلار لوس ئانجېلېسقا يېتىپ كەلگەندىن بېرى ھەر كۈنى ناخشا كېچىلىكى ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ناخشا كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
----تاشپولات روزى









سەنۇبەر تۇرسۇن بۈگۈن ئامېرىكىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ
سىز بىلمەيدىغان توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ھەركەت
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
شىنجاڭ يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقاتتى
8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلاش تەسلىشىدۇ
تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى℃46.7 قا چىقىپ رېكورت ياراتتى
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 2030-يىلدىن بۇرۇن ئەيدىزنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
8-ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەت چىقىدۇ
جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر قاغىلىقتىكى پەۋقۇلئاددە زور لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كې
زۇلپىقارWBO دا شەرق ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈردى