ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش زور دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، چېگرا رايوندىكى گازارمىلار يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنى قۇرۇلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن ھەربىي بايراق بېرىپ ھەم سۆز قىلىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان يېڭىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ ھەربىي رايونى 2016 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
يېرىم يىلدىن بۇيان، ھەربىي رايون پارتكومى ئورگىنىدىن چېگرا مۇداپىئە 1 - سېپىدىكى قاراۋۇلخانىلارغىچە، شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسىدىن غەربىي چېگرادىكى پورتلارغىچە، قارلىق يالغۇز ئارالدىن قاتتىق سوغۇق بولىدىغان قۇتۇبقىچە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممە گازارمىدا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كەسىپنى قەدىرلەپ - تۆھپە قوشۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن زامانىۋىلاشقان يېڭىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇشنىڭ «شىنجاڭ سەھىپىسى»نى يېزىپ چىقتى.
ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەش، بىر نىيەتتە پارتىيەگە تەلپۈنۈش
7 - ئاينىڭ تومۇز ئىسسىقىدا، «مىللىي جەڭچىلەر پارتىيەنىڭ گېپىنى مەڭگۈ ئاڭلايدۇ» دېگەن تېمىدىكى كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ماشىنىلاشقان پىيادىلەر تۈەنى مىللىي 6 - ليەنىنىڭ كۇلۇبىدا باشلىنىپ، «قورال مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايدۇ، مەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن» دېگەن دەبدەبىلىك قەسەم شەرھلەندى.
بۇ بىر جۈملە سۆز شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئورتاق كۆڭۈل سۆزى ئىدى، بۇنىڭدا قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان يېڭىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم روھ تۇرغۇزۇش كېرەكلىكى بايان قىلىنغانىدى.
شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «تەربىيەچى ئاۋۋال ئۆزى تەربىيەلىنىشى كېرەك»دېگەن تەلەپكە ئاساسەن، رەھبىرىي كادىرلارنى نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ پۇختا ئىشلىدى. ئۇلار ئايدا ئىككى كۈن يىغىلىپ، ھەر قېتىم بىر مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەش، <تۆتكە ئىگە> يېڭى ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەردىن بولۇش» بويىچە نەزەرىيە ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسىمنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئورگىنى ئىشتات تۈزۈلمىسىنى تەڭشىدى، نۇرغۇن كادىر نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، كېتىش ياكى قېلىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەلدى. سىناق ئالدىدا، مەيلى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىسۇن ياكى ھەربىي فورمىنى سېلىۋەتسۇن، قىلچە ئاغرىنماي، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش خىسلىتىنى نامايان قىلدى.
ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى ئارقىلىق يېتەكلەش، قۇرۇش ئارقىلىق جەڭگىۋارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ھەربىي رايون ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى تۈرىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئۇلتاش، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ؛ ئۇلار دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشى كېرەك.
رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇرىدۇ، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلارچە ئالغا باسماقتا. ئىككى يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم ئىسلاھاتى ماھىيەتلىك قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەربىي رايوندىكى قىسىملار «ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش»تىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقىچە، تۇراقلىق ھالەتتە چارلاشتىن چازا قۇرۇپ، چارلاپ كونترول قىلىشقىچە، ئاخباراتنى رازۋېدكا قىلىپ چارلاشتىن ئالاھىدە جەڭ قىلىشقىچە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى.
ئارمىيە جەڭ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىك ئاپپاراتى نۇقتىلىق ھالدا ئەينەن جەڭ مەيدان مۇھىتى بەرپا قىلىش، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئەمەلىي مەشىقلەندۈرمەسلىك ئىستىلىنى تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى، ئۆزگەرتىش دائىرىسىنىڭ كەڭ، سالمىقىنىڭ زور، ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى، تەلىپىنىڭ قاتتىقلىقى جەھەتتە مىسلىسىز بولۇپ، ئۇچۇرلاشقان جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
−− مەۋقەنى جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت بۇ «يېتەكچى»گە قويۇپ، جەڭگىۋارلىق، «قوماندانلىق كالتىكى»لىق رولى جارى قىلدۇرۇلدى. قۇرۇلۇش ئۇسۇلىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەشىق بازىسى يادرو، رايون تىپىدىكى مەشىق مەيدانى تايانچ، گازارما رايونى مەشىق مەيدانى ئاساس قىلىنغان مەشىق مەيدانى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقە ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، تانكا ئىككى تۈر مۇسابىقىسى، «سۇۋوروۋ» ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق 17 مەشىق مەيدانى قۇرۇلدى؛
−− ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت «ئاساسىي مەقسەت» گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنىڭ «يېتەكلەش» رولى جارى قىلدۇرۇلدى. مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈسى بىلەن مەلۇم ئالاھىدە جەڭ قىلىش لۈسى يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەربىي رايون ئىككى ئورۇندىن نەچچە ئون ئايروپىلان 300 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرنى ئاجرىتىپ، ئوخشاش بىر مەشىق مەيدانىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئىككى ئايدا 3000 قېتىمدىن ئارتۇق پاراشوت بىلەن چۈشۈش مەشىقى، 5000 قېتىمدىن ئارتۇق ئايروپىلاندىن تاشلاش مەشىقى قىلدى، ناچار كىلىمات شارائىتىدا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ۋە دۈشمەن ئارقا سېپىدە تۈركۈملەپ پاراشوت بىلەن چۈشۈپ دۈشمەن ئارىسىغا سىڭىپ كىرىش قاتارلىق ئون نەچچە خىل جەڭ قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەشىق قىلىش ئۇسۇلىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە بۇ توغرىسىدا ئىزدەندى.
ھەربىي مەشىق قىلىشتىكى مەقسەت ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئۈچۈن. ھەربىي قىسىم ئورگىنىدىن ئاساسىي قاتلام 1 - سېپىدىكى بەن، پەيگىچە، دالا ئۇرۇش قىسىملىرىدىن چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغىچە، «تىنچ ھالەتكە ئادەتلىنىپ قېلىشتەك كونا ئادەتلەرنى»نى تاشلاش، ھەقىقىي مەشىق قىلماسلىق ئىستىلىنى تۈزىتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەربىي رايون قىسىملىرىدا چوڭ تازىلاشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقىي جەڭ قىلىدىغان، ھەقىقىي، قىيىن، قاتتىق ئەمەلىي مەشىقلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى گازارمىلاردا قانات يايدۇرۇلدى.
−− مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۈەنى ليەندۈيدىكىلەرنى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئىشتات بويىچە ئۈچ كېچە - كۈندۈز توختىماي مەشىق قىلدۇردى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر 37 كىلوگىرامدىن ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ، پىيادە نەچچە يۈز كىلومېتىر ماڭدى؛ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىش، نىقابلىنىش، گىرانات ئىشلىتىش، تېز بېرىپ ھۇجۇم قىلىش، كېچىدە خەرىتە بويىچە مېڭىش، يوشۇرۇن نىشاننى ئوققا تۇتۇش قاتارلىق 27 دەرسلىك بويىچە باھالاپ، بەدەن فۇنكسىيەسى، قورال - ياراغ ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە مەشىقلەندۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇردى؛
−− ھەربىي رايون ئورگىنى جەڭ مەشىقى مەزمۇنىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر ھەپتىدە مەشىققە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئايدا سىناپ باھالاپ، پەسىلدە باھا بېرىپ، نورمال مەشىقنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي جەڭ قىلىش، قورال - جابدۇقلارنى ھەقىقىي ئىشلىتىش، شۇنداقلا نەق مەيداندا خەرىتىسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەمەلىي، قوللىنىشچان دەرسلىكلەر بويىچە نۇقتىلىق باھالىدى، مەيلى ۋەزىپىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن، يېشى چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممەيلەن مەشىققە، باھالاشقا قاتنىشىپ، ئۆلچەمگە يەتتى.
شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەشىق مەيدانلىرىدا، «مەشىق مەيدانىنى ھەقىقىي جەڭ مەيدانى دەپ بىلىش»، «جەڭنى قانداق قىلىش كېرەك بولسا، ئەسكەرلەرمۇ شۇنداق مەشىق قىلىش»تەك جانلىق ئەمەلىيەتنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەربىي رايون قىسىملىرى ئۇچۇرلاشقان دەۋردىكى قۇرۇقلۇق قىسىمىنىڭ قۇرۇلۇش ئەندىزىسىگە ۋە ئۇنى قوللىنىش ئۇسۇلىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەۋپلىك ئەھۋال، خەتەرلىك ۋەزىيەت ۋە قىيىن ۋەزىيەتتە ئۆزلۈكىدىن چېنىقىپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى.
ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش
ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى باھالاشقا قاتنىشىش، چېگرانى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش... 7 - ئايدىن بۇيان، بورتالا شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۈەنى ئالاتاۋ چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە كەينى - كەينىدىن تۈرلۈك ۋەزىپە چۈشۈرۈلدى. ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ئەزالىرى خىزمەت تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك ئىشلىدى. شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، ھەربىي رايون پارتكومى ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكنى قاتلاممۇ قاتلام كۈچەيتىپ، پىروگرامما بويىچە قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ئالتە ئاي بۇرۇن، ھەربىي رايوننىڭ تەۋەلىكى ئەمدىلا ئۆزگەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، يېڭى - كونا تۈزۈلمە تىپى ئۆزگەرتىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەندى؛ ھەربىي قىسىمنىڭ كۆلىمى زور، تىپى كۆپ بولغاچقا، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق جەھەتتە يېڭى سىناقلارغا دۇچ كەلدى... ھەربىي رايون پارتكومى بەنزىسىدىكىلەر تىپنى ئۆزگەرتىشنى ماسلاشتۇرۇش مەزگىلىدىن قانداق سىلىق ئۆتۈش توغرىسىدا مۇنداق قارىدى: ھەر قانچە قىيىنچىلىق ۋە ئېغىر سىناق ئالدىدا، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىلگىرى سۈرۈش، قىسىمنى چوڭلۇقتىن كۈچلۈكلۈككە قاراپ ئۆزگىرىشكە يېتەكلەش كېرەك.
ئالتە ئايدىن بۇيان، كەيپىيات قۇرۇلۇشى قىلچە بوشاشتۇرۇلماي چىڭ تۇتۇلدى.
ئىسلاھ قىلىش، تەڭشىلىش تېخى ئەمدى باشلاندى، ھەربىي كومىتېت پارتكومى مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، كادىرلار ئىنتىزامى، مالىيە ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرغان تەڭشەش - ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنى شەرت قويماي، كەم - كۈتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەيلى ئورۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بىرلەشتۈرۈلگەن، دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن، ئۆزگەرتىلگەن، خادىملار بۆلۈنگەن ياكى ئورۇنلارنىڭ مۈلكى يۆتكەلگەن، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە تاپشۇرۇۋالغان بولسۇن، ھەممىدە تۈزۈم بويىچە ئىش كۆرۈش، تەرتىپ بويىچە مېڭىش، قائىدە بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەربىي رايون پارتكوم ئورگىنىنى تەڭشەش مەزگىلىدە، بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ بىرمۇ مەسىلە كۆرۈلمىدى.
ئالتە ئايدىن بۇيان، قانۇن بويىچە يېتەكلەشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىلدى.
يېڭى رەھبەرلىكنىڭ قوماندانلىق تۈزۈلمىسىدە، ھەربىي رايون يېڭى ئىشتاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تارماقلار ۋە سىستېما خادىملىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە كەسىپ تەقسىماتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خادىملارنى، ئىش ئورنىنى ۋە مەسئۇلىيەتنى بېكىتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مەنبەدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي ئۈنۈم ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۈزەكى كۆزىتىش، پىلاندىن سىرت پائالىيەت ۋە ۋاقىتلىق ۋەزىپىلەرنى قىسقارتىپ، ئادەتتىكى كۆرسەتمىلەرنى بەرمەي، پىرىنسىپال تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماي، «بەش كۆپ بولۇش»نى ئورگاندىن باشلاپ ئازايتتى.
ئالتە ئايدىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.
مەيلى تۈزۈلمە قانداق ئۆزگەرسۇن، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى چىڭ تۇتۇش ئىدىيەسى قىلچە ئۆزگەرمىدى. 3 - ئايدىن باشلاپ، ھەربىي رايون «رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىش، ئورگاندىكىلەر ھەپتىدە بىر قېتىم قانۇن ئۆگىنىش، ئاساسىي قاتلامدىكلەر ھەر ھەپتىدە قانۇن ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى پىروگرامما بويىچە چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «يەرلىك سىياسەت»، «يەرلىك بەلگىلىمە»نى تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ساقايماس، جاھىل «كېسەل»لەرنى كۈچلۈك چەكلىدى ۋە تۈزەتتى.
ھەربىي رايون قىسىملىرى قانۇن - تۈزۈم ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. ئەسكەرلەر پارتىيەگە كىرىشتىكى ئىمتىھان - ئۆگىنىشلەر، كەنجى ئوفىتسېرلارنى تاللاش ۋە ئۆزگەرتىشتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ئاشكارا، ئادىل بولدى؛ تۇغقان يوقلاش، دەم ئېلىش، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قوشۇن بىلەن بىللە تۇرۇش قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى؛ ۋاقىتلىق رۇخسەت سوراش، مەشىق ۋاقتىنى تەقسىملەش قاتارلىق تېزىستا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلار ليەندۈيگە قايتۇرۇپ بېرىلدى... ئاساسىي قاتلامنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ھەر دەرىجىلىك ئەسكەرلەرگە باشچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.