
ئالىبابا گورۇھى شاڭخەي ئاپتوموبىل گورۇھىغا بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، رەسىمدىكى Roewe ئاپتوموبىلىنى ياساپ چىقتى. بۇ توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان SUV ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالاھىدە پۇختا ئالدى يۈز ۋە ئاپتوموبىل گەۋدىسى بار، چوڭ ھەم نەپىس تۆت دانە خىروم يالىتىلغان توغرا لىم بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدە نەپىسلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

بۇ نۇسخىدىكىSUV ئاپتوموبىلنى شاڭخەي ئاپتوموبىل گورۇھى لايىھەلەش ۋە ھەرىكەت كۈچىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، ئاپتوموبىلدىكى ھەر خىل ئالاقە ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئالىبابا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئاپتوموبىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى ۋە تورغا ئۇلانغان ئالاقىلەر، ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى مەسئۇل بولغان.

بۇ ئاپتوموبىلغا ھازىر تېخى رەسمى ئىسىم قويۇلمىغان بولسىمۇ، بۇ مايۈننىڭ ئۆز قولى بىلەن مەبلەغ سالغان تۈرى بولۇپ، ئالىنىڭ كەلگۈسى ئاپتوموبىل كەسپىگە بولغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپتوموبىلغا «مايۈن ئاپتوموبىلى» دەپ نام بېرىشكە بولىدۇ.

20 دىيۇملۇق بەش رادىيال شەكلىدىكى بالوننىڭ ئىچكى قىسىمى بەش رادىيال شەكلىدىكى قارا رەڭلىك كاربون تالاسى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، قارىماققا ئادەمگە ئىنتايىن فانتازىيەلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.

ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئوق ئارىلىقى 3.1 مېتىردىن ئاشىدۇ. «مايۈن ئاپتوموبىلى»نى ئاۋدى A6L بىلەن ئوخشاش بولغان چوڭ-كىچىكلىكىگە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.

ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ ئۆتكۈر ۋە ئادەمگە ئاجايىپ تۇيغۇ ئاتا قىلىدىغان شەكلى، قۇيرۇق چىرىغى قارا رەڭ بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئادەمگە ئىنتايىن ھەرىكەتچان تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

ئاپتوموبىل قۇيرۇقى يان يۈزىدىكى سىزىق ئاپتوموبىل ئالدى چىرىغىدىن ئارقا چىرىغىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئادەمگە كۈچلۈك ھەرىكەتچانلىق كەيپىياتى ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپتوموبىلنىڭ ياسىلىشى تېخىمۇ ھەشەمەتلىك بولۇپ، بايلارغا خاس ئۇسلۇبنى ياراتقان.

ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە، ئاساسلىقى ئاچ سېرىق رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يۇمشاق ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا كونترول سۇپىسىغا ئورنىتىلغان 13.5 دىيۇملۇق ئېكران، بۇ ئاپتوموبىلدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.
تويوتا، خوندا، نسساننىڭ قايسىسى بىرىنچى؟
ئالىبابا بىر مىليارد مەبلەغ سېلىپ «مايۈن» ماركىلىق ئاپتوموبىل ياساتتى
سىز بىلمەيدىغان توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ھەركەت
8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلاش تەسلىشىدۇ
ئۈرۈمچىدىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى يېڭى ئەندىزە يولغا قويىدۇ
2015-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى: ئاممىباب 2016-نۇسخا شالاڭ
شياۋمى ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ, باشلىنىش باھاسى 39999 يۈەن
تۇلپار 2 نىڭ Active Tourer پاسونى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىكەن
ئۆزىنى بازارغا سالغان بۇگاتتى ماشىنىلىرىغا نەزەر
فورد GT ۋارىس ئاپتوموبىل پاسونىنىڭ يېڭى ئۇچۇرى
سوگو تور كۆرگۈچىگە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى
تويوتا، خوندا، نسساننىڭ قايسىسى بىرىنچى؟
ئالىبابا بىر مىليارد مەبلەغ سېلىپ «مايۈن» ماركىلىق ئاپتوموبىل ياساتتى
سەنۇبەر تۇرسۇن بۈگۈن ئامېرىكىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ
سىز بىلمەيدىغان توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ھەركەت
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
شىنجاڭ يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقاتتى
8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلاش تەسلىشىدۇ
تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى℃46.7 قا چىقىپ رېكورت ياراتتى
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 2030-يىلدىن بۇرۇن ئەيدىزنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى