• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بالىلىرىمىزنىڭ سۈرىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارمىغان ياخشى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2016-08-20 19:05:16
    تەھرىر : shahbanu
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:

    jwTئاقيول تور بىكىتى

    شىنجاڭ ج خ نازارىتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:jwTئاقيول تور بىكىتى

    ما فامىلىلىك خانىمنىڭ بىر نەۋرە قىزى بار بولۇپ، مەلۇم بىر كۈنى ئازراق ئىشى چىقىپ قېلىپ مەكتەپتىن نەۋرىسىنى ئەكېلىشكە كەچ قالدى. بۇ ۋاقىتتا نەۋرە قىزىنى بىر ناتونۇش ئادەم گەپكە سېلىۋاتقان بولۇپ، ناتونۇش كىشى ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرگەنلىكىنى، ئىسمىنى بىلىدىغانلىقىنى، يەنە ئۇ قىزنى ئېلىپ ئاپىسىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھېلىمۇ ياخشى شۇ ۋاقىتتا بىر مۇئەللىم يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىشقا دىققەت قىلغان ھەم ناتونۇش ئادەمدىن ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغاندا، ئۇ ناتونۇش كىشى ئۆزىنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، باھانە كۆرسىتىپ غىپپىدە تىكىۋەتكەن.jwTئاقيول تور بىكىتى

         بۇ ئىش ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ما خانىم ھەرقانچە ئويلاپمۇ نەۋرە قىزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ نېمىشقا باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. كۆپ ئويلاش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە نەۋرە قىزىنىڭ رەسىمىنى چىقارغانلىقىنىڭ، باشقىلارنىڭ نەۋرە قىزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتتى. jwTئاقيول تور بىكىتى

        بىز ئەستايىدىل ئويلاپ باقىدىغان بولساق، مۇشۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئۇچۇر ئالاقىسى تەرەققىي قىلغان دەۋردە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن ئائىلە باشلىقلىرى ئىختىيارسىزلا ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنىڭ قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پايدىلىنىدىغان يىپ ئۇچى بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. شۇڭا كۈتۈلمىگەن خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى دوستلار چەمبىرىكىگە بالىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقارغان ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. jwTئاقيول تور بىكىتى

    jwTئاقيول تور بىكىتى

       1. بالىلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك. jwTئاقيول تور بىكىتى

    ئادەتتە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە ھەر خىل ھېسسىيات سۆزلىرىنى قوشۇپ بىرلىكتە يازىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەي بالىلىرىنىڭ ئىسمى، يېشى ياكى كىچىك ئىسمى قاتارلىقلارنى دەپ سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى ما خانىمنىڭ نەۋرە قىزىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاپ كەتكەنگە ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىدۇ. شۇڭلاشقا كۆپچىلىك ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى، بالىلىرىنىڭ رەسىمىنى چىقارغان ۋاقىتتا چوقۇم شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ سومكىسى، ئىسمى كەشتىلەنگەن قولياغلىق ۋە ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى بار رەسىملەرنى ئامال بار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارمىغان ياخشى.jwTئاقيول تور بىكىتى

       2. بالىلارنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى رەسىمىنى چىقارماسلىق كېرەك.jwTئاقيول تور بىكىتى

    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىدا كىچىك بالىلار ناھايىتى ئوماق بولۇپ، مەيلى ئۇخلىغان ۋاقىتتا بولسۇن ياكى يۇيۇنغان ۋاقىتتا بولسۇن كۆپىنچە يالىڭاچ ھالەتتە بولىدۇ. گەرچە ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل ھالەت ساقلاشقا تېگىشلىك قىممەتلىك ئەسلىمە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇچۇرلار باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.jwTئاقيول تور بىكىتى

       3. بالىلار چىقىرىشقا قوشۇلمىغان رەسىملەرنى چىقارماسلىق كېرەك. jwTئاقيول تور بىكىتى

    ئادەتتە كىچىك بالا تۆت-بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈك ئېڭى شەكىللىنىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار دوستلار چەمبىرىكىگە بالىلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن، بالىدىن سوراپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر بالىلار ئۆزىنىڭ بۇ رەسىمىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشنى خالىمىسا، ئەڭ ياخشىسى بۇ رەسىمنى چىقارماڭ. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى «مەن ئائىلە باشلىقى، ھەممىلا ئىشتا بالىلارغا خوجا بولۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىماڭ.jwTئاقيول تور بىكىتى

        4. مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقارماسلىق كېرەك. jwTئاقيول تور بىكىتى

    بالىلار مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، ھەرگىزمۇ مەكتەپ ياكى بالىلار باغچىسىنىڭ ئىسمىنى ياكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى چىقارماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار ناھايىتى ئاسانلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. گەرچە مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرى ناھايىتى قاتتىق بولسىمۇ، لېكىن كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.jwTئاقيول تور بىكىتى

    jwTئاقيول تور بىكىتى

        5. باشقىلارنىڭ بالىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقارماسلىق كېرەك. jwTئاقيول تور بىكىتى

    ئادەتتە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كىچىك دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوينىغان رەسىملىرىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭلا ئەمەس، باشقا كىچىك بالىلارنىڭمۇ ئۇچۇرلىرى ناھايىتى ئاسانلا ئاشكارىلاپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامال بار باشقا كىچىك بالىلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.jwTئاقيول تور بىكىتى


    jwTئاقيول تور بىكىتى

    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى مۇھىم خەۋەرلەر