
مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لى يامېڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ شۈجىسى جىن جىگاڭ قاتارلىقلار چارباغ بازىرىنىڭ سەيشەنبە بازار (1) كەنتىگە كىلىپ مەزكۈر كەنىتتىكى چىڭخۇا ئۇنۋىرسىتېغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى پەرھات ئابدۇقادىرنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ ، قاغىلىق ناھىيلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكىمىتىگە ۋاكالىتەن 30مىڭ يۈەن مەخسۇس ئوقۇش ياردەم مۇكاپاتى بەردى .
پەرھات ئابدۇقادىر 1997-يىلى 4-ئايدا چارباغ بازىرىنىڭ 1-كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، 2012-يىلى مەزكۈر بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن جېجاڭ ئۆلكىسى خەينىڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈپ ، بۇ يىل ئەلا نەتىجە بىلەن چىڭخۇا ئۇنۋىرستېنىڭ قانۇن كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان .

پەرھات ئابدۇقادىرنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان بولۇپ ، پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەربىيلەپ ، ئۇلارنى تېرشىپ ياخشى ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان ، ئىنىسى ئۆتكەن يىلى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ، سىڭلىسىمۇ مۇشۇ بازاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە تېرشىپ ياخشى ئوقىۋاتىدۇ ، پەرھات ئابدۇقادىرنىڭ دادىسى 4يىل ئىلگىرى قازا قىلغان بولۇپ ، تېرىشچان ئانا ئۈچ بالىنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان .
پەرھات ئابدۇقادىرنىڭ ئۆيىدە ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لى يامېڭ ئۇنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كەلگەن ، دوست -بۇرادەر ، ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئۇنىڭ چىڭخۇا ئۇنۋرسىتېگە ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىدى ، ھەمدە پەرھات ئابدۇقادىر يۇرتمىزغا شەرەپ كەلتۈردى ، ئۇ چارباغ بازىرى ھەم قاغىلىق دىيارىمىزنىڭ پەخرى دىدى ، لى يامېڭ يەنە پەرھات ئابدۇقادىرنىڭ ئانىسى بۇمەريەم باراتنىڭ پەرزەتلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە سۈيۈندى ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ ، كەنتتىكى باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆزگە ئوخشاش ياراملىق پەرزەنىت تەربىيلەيدىغان لاياقەتلىك ئانىلاردىن بولۇشقا يىتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى .

قاغىلىق ناھىيسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لى يامېڭ كۆپچىلىكنى يەنە : بىز مىننەتدار تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ، ھازىرقى ياخشى ئوقۇش شارائىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، تىرشىپ ياخشى ئوقۇپ ، جەمىئيەتكە تۆھپە قوشۇپ ، گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، ياراملىق ئادەم بولۇپ ، كەلگۈسىدە يۇرتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇشقا چاقرىق قىلدى .
سۆھبەت يىغىنىدىن كىيىن ، پەرھات ئابدۇقادىرنىڭ ئانىسى ناھىيلىك پارتىكوم ، خەلق ھۆكىمىتى بەرگەن 30مىڭ يۈەن مەخسۇس ئوقۇش ياردەم مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، ھەم ھاياجانلانغان ھالدا : بالامنى چوقۇم ياخشى تەربىيلەيمەن ، ناھىيلىك پارتىكوم ، خەلق ھۆكىمىتىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن ، ئوغلۇم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن يۇرتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن دىدى .
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ
خەلق پۇلى ئۈستىدىكى سىرلىق چەمبەرلەرنىڭ قانداق رولى بار؟
ئەزىمەتلەر قەشقەردىن يۈگۈرۈپ كەلدى
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
شىنجاڭ يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقاتتى
تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى℃46.7 قا چىقىپ رېكورت ياراتتى
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 2030-يىلدىن بۇرۇن ئەيدىزنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
شىنجاڭ سىياسى قانۇن سىستېمىلىرى 121 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدۇ
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ
Galaxy Note7نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
خەلق پۇلى ئۈستىدىكى سىرلىق چەمبەرلەرنىڭ قانداق رولى بار؟
ئەزىمەتلەر قەشقەردىن يۈگۈرۈپ كەلدى
سوگو تور كۆرگۈچىگە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى
تويوتا، خوندا، نسساننىڭ قايسىسى بىرىنچى؟