تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپچىلىك بەلكىم دىققەت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، ھازىر بازاردا ئوبوروت بولۇۋاتقان خەلق پۇلىنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر قىسىم قانۇنىيەتسىز تىزىلغان كىچىك چەمبەرلەر بار. بەزىلەر بۇ چەمبەرنى ساختىلىقتىن ساخلىنىش بەلگىسى، يەنە بەزىلەر ئەمالار يېزىقى، يەنە بەزىلەر زىننەت بۇيۇمى دەپ قارىغان. تۆۋەندە بۇ چەمبەرلەرنىڭ قانداق رولى بارلىقىغا قاراپ باقايلى:
سىرلىق «چەمبەر» ساختا پۇلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
بەلكىم سىز پۇلنى نۇسخىلاپ باقىمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، پۇلنى نۇسخىلىغان ۋاقىتتا پەقەت بىر قۇر تور بەت ئادرېسىلا نۇسخىلىنىپ چىقىدۇ ياكى نۇسخىلاشقا بولمايدۇ دەپ ئەسكەرتمە چىقىدۇ، ئۇنداقتا پىرىنتېر بىز نۇسخىلىغان نەرسىنىڭ پۇل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟ ئەسلىدە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى قەغەز پۇلىغا ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدىغان بىر خىل بەلگە، يەنى كىچىك چەمبەر ئىشلىتىلگەن.
ياپونىيە ئومرون شىركىتى كەشىپ قىلغان ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى
بۇ كىچىك چەمبەرلەر ئومرون ھالقىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر خىل كىچىك چەمبەر يۇلتۇز تۈركۈمى ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگىسىدىن ئىبارەت، بۇ خىل شەكىلنى تونۇش پىرىنسىپى ھازىرغا قەدەر بىر سىر. ئومرون ھالقىسى بىر خىل يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك نۇسخىلاش ماشىنىسىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان شەكىل بولۇپ، بەش دانە كىچىك چەمبەردىن تۈزۈلگەن (ئوڭ تەرەپ ئاستى)، بۇ چەمبەرلەر ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەكلىدە تىزىلغان. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم نۇسخىلاش ماشىنىلىرىغا بۇ خىل شەكىلنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ خىل شەكىلنى بايقىغان ھامان، نۇسخىلاش ماشىنىسى باشقا شەكىللەرنى نۇسخىلاپ چىقىرىدۇ ياكى بىۋاستە نۇسخىلىمايدۇ.
ئومرون ھالقىسىنىڭ رەڭلىك نۇسخىلاش ماشىنىسى ئارقىلىق قەغەز پۇلنى نۇسخىلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار پۇلغا مۇشۇ تېخنىكىنى ئىشلەتكەن. پۇل ئۈستىدىكى چەمبەرلەر بەك كۆپ دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئومرون ھالقىسنى ھاسىل قىلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەس، ئادەتتە پەقەت بىرلا ئومرون ھالقىسى بولىدۇ، قالغان چەمبەرلەر ئومرون ھالقىسىنىڭ ساختىسىنى نۇسخىلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىلمىسە، بەلكىم سىز بۇ ھالقىنى بايقىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
قايسى دۆلەت ئومرون ھالقىسىنى ئەڭ ياخشى يوشۇرىدۇ؟
بىر قىسىم بانكىلار ئومرون ھالقىسىنى قەغەز پۇلنىڭ لايىھەسىگە ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن. گېرمانىيەنىڭ 1990-يىللىق نۇسخىدىكى 50 مارك قەغەز پۇلىدا ئومرون ھالقىسى بىلەن تەگلىكتىكى مەركەزداش چەمبەرلەر نەپس بىر شەكىلنى ھاسىل قىلغان.
ئېلگانىڭ باش سۈرئىتى بېسىلغان كونا نۇسخىدىكى 20 فوندستېرلىڭلىق قەغەز پۇلدا بۇ چەمبەرلەر بەش سىزىقلىق نوتا ئۈستىدە سەكرەپ تۇرىدىغان نوتىلارغا ئايلانغان.
2007-يىللىق نۇسخىدىكى ئادام سىمىسنىڭ باش سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن 20 فوندستېرلىڭلىق قەغەز پۇلدا بۇ چەمبەرلەر «20£» دېگەن خەتنى چۆرىدەپ زىننەت بۇيۇملۇق رولىنى ئوينىغان.
ئوخشىمىغان قەغەز دوللار ئۈستىدە، بۇ چەمبەرلەر پۇل سوممىسىدىكى «0» رەقىمى شەكلىدە پەيدا بولۇپ، يەنە بىر رەقەم بىلەن بىرلىكتە بۇ پۇلنىڭ سوممىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاۋىستىرالىيەنىڭ 5 يۈەنلىك قەغەز پۇلىدىكى ئومرون ھالقىسى ئەپچىللىك بىلەن بىر تۈپ دەرەخ قىلىپ لايىھەلەنگەن.