بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا سامسۇڭ شىركىتى جۇڭگونى بىر ئايلىنىپ چىقىپ ئاخىرىدا شىياڭگاڭ رايونىنى تاللىدى. بۈگۈن سامسۇڭ شىركىتى يەنە دۆلەت ئىچى نۇسخىسىدىكى Galaxy Note7 نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى رەسمى ئېلان قىلدى. بۇ چوڭ ئېكرانلىق يانفون مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17:00دە رەسمى ئېلان قىلىنىدۇ. چەتئەللەردىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، سامسۇڭ Galaxy Note7 نۇسخىلىق يانفونغا ئېنفېرا قىزىل نۇرلۇق رەڭدار پەردىنى تونۇيدىغان سېنزور سەپلەنگەن.

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، كۆز رەڭدار پەردىسىنى تونۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئىشلىتىلىش ئورنى تېخىمۇ كېڭەيگەن. مەسىلەن، Galaxy Note7 نۇسخىلىق يانفوندا رەڭدار پەردىنى تونۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئېچىلىدىغان ھۆججەت قىسقۇچ تەمىنلەنگەن. بۇ يانفونغا يەنە IP68 دەرىجىلىك سۇدىن ۋە چوڭ توزاڭدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ھەمدە سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
كونكىرت سەپلىمە ئۆلچەملىرى تۆۋەندىكىچە:
سەپلىمىلرىگە ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K بولغان 5.7 دىيوملۇق ئېكران، كۇۋالكۇم شىركىتىنىڭ سىناپدىراگون 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلىقى، 12 مىليون پىكسېللىق كەينى كامىراسى، 5 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېراسى، 3500mAhلىق باتارېيە سەپلەنگەن، قوش كارتىنى ۋە ئۇنۋېرسال تورنى قوللاش ئىقتىدرىغا ئىگە.
نۆۋەتتىكى شىياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى Galaxy Note7 غا 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GBلىق ئاساسى سىغىم بوشلىقى سەپلەنگەن، سېتىلىش باھاسى 6198 شىياڭگاڭ دوللىرى، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 5300 يۈەن. دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت ئىچى نۇسخىسىدىكى Galaxy Note7نىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ 5888 يۈەن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

Galaxy Note7نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
بىنا ئۆي سېتىۋالغان چاغدا قايسى قەۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
10 يىلدىن كېيىن ئىنسانلار مۇنداق ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن
شىۋېتسىيەلىك ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتكۈچى ئۇچقاندەك كەلگەن لامبورجىنى ئاپتوموبىلىدىن ئاتلاپ ئۆتتى
91 ياشلىق مۇلازىمەتچى
ئامېرىكىدا بىر ئەر قار ئۆي ياساپ ئىجارىگە بەردى
ياپونىيەدە سامساق تەملىك كولا بازارغا سېلىندى
2014-يىلى ئامېرىكىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن 10 پارچە سۈرەت
‹‹ ساھىبجامال بېلىق › › لار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
ئالتۇن يېمەكلىك
شىنجاڭ سىياسى قانۇن سىستېمىلىرى 121 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدۇ
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ
Galaxy Note7نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
سوگو تور كۆرگۈچىگە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى
تويوتا، خوندا، نسساننىڭ قايسىسى بىرىنچى؟
ئالىبابا بىر مىليارد مەبلەغ سېلىپ «مايۈن» ماركىلىق ئاپتوموبىل ياساتتى
سەنۇبەر تۇرسۇن بۈگۈن ئامېرىكىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ
سىز بىلمەيدىغان توققۇز خىل قائىدىگە خىلاپ ھەركەت