
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرلىرى گۈلرۇخ يالقۇن خەۋىرى، يۈسۈپجان تۇرسۇن فوتوسى: 16-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 10 لاردا ئۈرۈمچى تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۇلانباي ھەق ئېلىش پونكىتىدا دەستە-دەستە گۈللەرنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كىشىلەر قەشقەر شەھىرى شەرقىي رايونلۇق تولۇقسىز 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى تۇردىھاجى ئادىل بىلەن مۇختەرجان موللاياقۇپنىڭ يىراقتىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان سىيماسىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئالقىش ياڭراتتى. ئىككى جەسۇر ئوغلان ئۆزلىرىنىڭ يېرىم ئايدىن بۇيانقى مۇشەققەتلىك سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئاخىرقى بېكەتكە قەدەم قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئەزىمەت باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لاردىن بولۇش تەلىپىگە يېتىش ئارزۇسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، ياشلارغا خاس غەيرەت-جاسارەتنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە 1-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 7:30 دا ئۆزلىرى خىزمەت قىلىدىغان مەكتەپ قورۇسىدىن يولغا چىققان. قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەمدە ھەر قايسى كارخانا، شىركەتلەر ئۇلارنىڭ 15 كۈنلۈك سەپىرىدىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە كۈچ تولۇقلاپ بەرگەن. ئۇلار يول باشلىغۇچى ئاپتوموبىلنىڭ ھەمراھلىقىدا يولغا چىققاندىن كېيىن ھەر بىرى كۈنىگە 50 كىلومېتىردىن كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرگەن.
تۇردىھاجى ئادىل بىلەن مۇختەرجان موللاياقۇپنىڭ زامانىمىز ياشلىرىغا خاس جۇشقۇنلۇق ھەم جەڭگىۋارلىققا تولغان جاسارىتى، باشقىلارنى «ئويغىتىش» روھىدىن تەسىرلەنگەن بىر نەچچە مىللىي كارخانا ئىككى ياشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەپ ئىقتىسادىي جەھەتتە «كۆڭلى» نى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ياردەملەرنى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىدىغان مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھەدىيە قىلىدىكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-08/17/content_541867.htm
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ
خەلق پۇلى ئۈستىدىكى سىرلىق چەمبەرلەرنىڭ قانداق رولى بار؟
ئەزىمەتلەر قەشقەردىن يۈگۈرۈپ كەلدى
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
شىنجاڭ يېزىلاردا يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقاتتى
تۇرپاننىڭ تېمپېراتۇرىسى℃46.7 قا چىقىپ رېكورت ياراتتى
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 2030-يىلدىن بۇرۇن ئەيدىزنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
8-ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەت چىقىدۇ
شىنجاڭ سىياسى قانۇن سىستېمىلىرى 121 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدۇ
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ
Galaxy Note7نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
خەلق پۇلى ئۈستىدىكى سىرلىق چەمبەرلەرنىڭ قانداق رولى بار؟
ئەزىمەتلەر قەشقەردىن يۈگۈرۈپ كەلدى
سوگو تور كۆرگۈچىگە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى
تويوتا، خوندا، نسساننىڭ قايسىسى بىرىنچى؟
ئالىبابا بىر مىليارد مەبلەغ سېلىپ «مايۈن» ماركىلىق ئاپتوموبىل ياساتتى