نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈندىدارىدا يۈزدىن ئارتۇق ھەتتا نەچچە يۈزلىگەن دوستلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ئالاقە قىلمايدىغان دوستلارنى كۆپچىلىك «جەسەت» دەپ ئاتايدۇ. يېقىندا، جېجياڭلىق بىر بوغالتىرنىڭ 760 مىڭ يۈەن پۇلى «جەسەت» تەرىپىدىن ئالداپ كېتىلگەن.
يېقىندا، جېجياڭ ۋېنجۇلۇق بىر كارخانىنىڭ بوغالتىرى شياۋلىن بىر ئۈندىدارغا قوشۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. قارشى تەرەپنىڭ ئىسمى، باش سۈرىتى شىركەتنىڭ باش مۇدىرىنىڭكى بىلەن ئوپ-ئوخشاش ئىدى. شياۋلىن شىركەتنىڭ خىزمەت توپىدا باش مۇدىرنىڭ ئۈندىدارىنى كۆرۈپ باققان، بىراق ئىككىسى بىر-بىرىنى قوشۇپ باقمىغان بولغاچقا، شياۋلىن بۇ ئىلتىماسقا قارىتا ھېچقانداق گۇماندا بولمىغان.
دوستقا قوشقاندىن كېيىن، بۇ «باش مۇدىر» شياۋلىننىڭ ئۈندىدارىدىكى «جەسەت» بولۇپ قالغان. بۇ ساختا «باش مۇدىر» ئۇزۇن ۋاقىت شياۋلىننىڭ ئۈندىدار دوستلار قاتارىغا يوشۇرۇنۇپ، شياۋلىننىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن ئۇنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ئادىتىنى ئىگىلىگەن.
ئارقىدىن، بۇ «باش مۇدىر» شياۋلىننى بىر ئىچكى قىسىم خىزمەت توپىغا ئېلىپ كىرگەن. بۇ ئۈندىدار توپىنىڭ ئىسمى دەل شياۋلىن ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە نىقابلانغان ئۈندىدار توپى ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، «باش مۇدىر» شياۋلىندىن شىركەتنىڭ ھېساباتىدا قانچە پۇل بارلىقىنى سورىغان. ھېساباتتا ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، «باش مۇدىر» تاپشۇرىدىغان ئازراق پۇل بارلىقىنى، شياۋلىننىڭ قارشى تەرەپكە پۇلنى ئۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى بەرگەن. قىسقىغىنا بىر سائەت ئىچىدە، شياۋلىن كۆرسەتمىگە ئاساسەن ئىككى قېتىمدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 60 مىڭ يۈەن ۋە 700 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. ئالدامچى شياۋلىندىن ئۈچىنچى قېتىم پۇل يۆتكەشنى تەلەپ قىلغاندا، ئازراق گۇمانلىنىپ قالغان شياۋلىن شىركەتنىڭ باش مۇدىرىغا تېلېفون ئۇرۇپ ھەقىقىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەندە، باش مۇدىر ئۆزىنىڭ ھېچقاچان پۇل يۆتكەشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.
ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پۇل يۆتكىگەندە چوقۇم تېلېفون ئۇرۇپ جەزملەشتۈرۈڭ، ئۈندىدار ۋە QQ دىكى «جەسەت» لەردىن ھوشيار بولۇڭ
شىركەتلەرنىڭ مالىيە تارماقلىرى پۇل يۆتكىگەندە چوقۇم غوجايىنغا تېلېفون ئۇرۇپ جەزملەشتۈرۈش لازىم. بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىدا، جىنايەت گۇماندارلىرى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق شىركەت خادىملىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يانفون نومۇرى ئارقىلىق ئۈندىدارغا قوشۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىنتايىن ئالدامچىلىق خاراكتېرىغا ئىگە بولغاچقا، ھەمىشە شىركەتنىڭ مالىيە خادىملىرى ياكى ئادەم بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، ئالدانغۇچىلار زور زىيانغا ئۇچرايدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا، ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، گەرچە ئالدامچىلارنىڭ ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى توختىماي يېڭىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: گەرچە ئالدامچىلار قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ، QQ ياكى ئۈندىدار ئىسمى، باش سۈرىتى قاتارلىقلارنى كىلونلىسىمۇ، QQ بوشلۇقى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى يېزىق ۋە سۈرەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ بولالمايدۇ، شۇڭا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلساقلا راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈندىداردىكى دوستلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، قوشۇلغاندىن كېيىن گەپ قىلماي «جەسەت» كە ئايلانغانغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش لازىم. ساقچىلار يەنە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، QQ ياكى ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش ياكى قىممەت تولۇقلاشنى تەلەپ قىلغاندا، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك كىشىگە تېلېفون ئۇرۇپ ياكى يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ جەزملەشتۈرۈش لازىم.
بېيجىڭلىق جاڭ خانىمنىڭ يانفونى تۇيۇقسىزلا ئاۋازسىز بولۇپ قالغان، بانكا كارتىسىدىن ئالتە سائەتتە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل يۆتكەپ كېتىلگەن.
يانفوندىكى ھەر خىل ئەپلەر ئابۇنىتلارنى ھەر خىل قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوللىنىشچان ئەپلەردىكى يوچۇقلار قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن. يېقىندا بېيجىڭلىق جاڭ خانىمنىڭ يانفونىدىكى ئۈندىدار ۋە قىسقا ئۇچۇر تۇيۇقسىز ئاۋازسىز بولۇپ قالغان، قايتا ئاۋازلىق قىلىپ تەڭشىگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاۋاز چىقمىغان ھەمدە يانفوندىن كاشىلا چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ كۆپ ئېتىبار بەرمىگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە يانفونغا قارىغاندا، يانفون كارتىسى بىلەن باغلانغان چىقىمداندىن 17 قېتىمدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئەتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپ چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن ئاشقۇچە، جەمئىي 17 قېتىم پۇل يۆتكەلگەن بولۇپ، ئاز بولغاندا 200-300 يۈەن، كۆپ بولغاندا 1000 يۈەندىن ئارتۇق يۆتكەلگەن.
CCTV پىروگراممىسىدىكى كۆرۈنۈش
جاڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئۇ بىر كۈن يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، يانفون ۋە بانكا كارتىسى يېنىدىن ئايرىلمىغان، يۈتۈپمۇ كەتمىگەن. ئۈندىدار ۋە قىسقا ئۇچۇرنىڭ تۇيۇقسىز ئاۋازسىز بولۇپ قالغانلىقى ھەمدە ھەر قانداق قىلىپمۇ ئاۋازلىق قىلغىلى بولمىغانلىقى يادىغا يەتكەندىن كېيىن، جاڭ خانىم باشقىلارنىڭ ياغاچ ئاچ ۋىرۇسى ئارقىلىق يانفوننى كونترول قىلىپ، پۇلنى يۆتكەپ كەتكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. ساقچىلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ خانىمنىڭكىگە ئوخشاش بۇنداق دېلو پەقەت بىر قېتىملا يۈز بەرمىگەن. بۇ خىل دېلونىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى شۇكى: جىنايەت گۇماندارلىرى يانفون قىسقا ئۇچۇر ياغاچ ئات ۋىرۇسى ئۇلىنىشىنىڭ ئالدىغا «يىغىلىش سۈرەتلىرى»، «ساۋاقداشلار خاتىرە سۈرەتلىرى» دېگەندەك بىر جۈملە سۆز قوشۇپ، ئابۇنىتلارنى ئۇلىنىشنى چېكىشكە باشلايدۇ. ئابۇنىتلار بۇ ئۇلىنىشنى چەككەندىن كېيىنلا ياغاچ ئات ۋىرۇسى يانفونغا كىرىدۇ.
CCTV پىروگراممىسىدىكى كۆرۈنۈش
بۇ خىل يامان نىيەتلىك پىروگراممىلار ئالدىن ئىجرا بولۇپ، يانفوندىكى ھېسابات، مەخپىي نومۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدۇ. شۇڭا، بۇنداق قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا قەتئىي چەكمەسلىك، جاۋاب قايتۇرماسلىق ھەمدە دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش لازىم. بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئوغرىلانغان ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى دەرھال بارلىق توردا پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارنى بىكار قىلىش ھەمدە يانفوننىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاش لازىم.