جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
پۈتۈن دۇنيادىكى يېرىم نوپۇسنىڭ، يەنى تەخمىنەن 3 مىليارد 500 مىليون ئادەمنىڭ تورغا چىقىش تەجرىبىسى بار بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ تورغا چىقىش ئادىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بانكا ھېساباتىدىكى پۇلى قانچە كۆپ ئادەمنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىقتىساد تەتقىقات ئىدارىسى (The National Bureau of Economic Research)نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۇلى قانچە كۆپ ئادەمنىڭ تورغا چىقىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى شۇنچە ئاز ئىكەن، بۇ خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، يەنى ئادەم قانچە پۇلدار بولسا سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش، شەھەر ئەتراپىغا چىقىپ سەيلە قىلىش ياكى ئاشپۇزۇلغا كىرىش قاتارلىقلاردەك خۇشاللىق ئىزدەش شەكىللىرى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.

ئەكسىچە، بىر ئادەمنىڭ پۇلى قانچىكى ئاز بولسا كۆڭۈل ئېچىش تۈرى جەھەتتىكى تاللىشىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تورغا چىقىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن. چۈنكى قانداقلا بولمىسۇن تورغا چىقىش تەننەرخىنى مۇقىم باھادا ھېسابلىغىلى بولىدۇ.
تەتقىقات جەريانىدا يىللىق مائاشى 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئارىلىقتىكى، شۇنىڭدەك 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئائىلىلەرنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، نەتىجىدە ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقىسىنىڭ ھەر ھەپتىدە تورغا چىقىش ۋاقتى كېيىنكىسىدىن 92 مىنۇت كۆپ بولغان.

تەتقىقاتتا يەنە بىر قەدەر باي ئادەملەرنىڭ تورغا چىقىش ئادىتى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى خەۋەر كۆرۈش، بانكا سودىسى قىلىش، تەربىيىۋى فىلىملەرنى كۆرۈش ۋە ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
لېكىن، مەيلى بىر قەدەر باي ئادەملەر ياكى بىر قەدەر نامرات ئادەملەر بولسۇن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقىشقا سەرپ قىلغان ۋاقىت بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭغان.
iPhone 7 دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 يۈەندىن باشلىنىدۇ
ئادەم قانچە پۇلدار بولسا تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن
ئۈندىداردىكى يېڭى ئالدامچىلىق، «جەسەت» لەردىن ھوشيار بولۇڭ
سوگو تور كۆرگۈچىگە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى ئىقتىدار قوشۇلدى
iPhone 7 نىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئاخىرى ئېنىق بولدى
ئالتۇن بۇركۇت كەسپى تىخنىكا مەكتىپىدىن خوش -خەۋەر
iPhone 7 دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 يۈەندىن باشلىنىدۇ
ئادەم قانچە پۇلدار بولسا تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن
ئۈندىداردىكى يېڭى ئالدامچىلىق، «جەسەت» لەردىن ھوشيار بولۇڭ
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ سىياسى قانۇن سىستېمىلىرى 121 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدۇ
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
بالىلىرىمىزنىڭ سۈرىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارمىغان ياخشى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ