تېڭشۈن تورى خەۋىرى، ئالما 9-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالمىسىلا iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus كۆپچىلىك بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشىدىكەن. نۆۋەتتە، @The Malignant نامىدىكى تورداش iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسىنى ئاشكارىلىغان، ھەمدە ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەرگە ئوخشاش، 32GB سىغىمدىن باشلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، iPhone 7 نىڭ باھاسى 5288 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، iPhone 7 Plus نىڭ 6088 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.
ئىلگىرى iPhone 7 نىڭ سىغىمى 32 GBدىن باشلىنىدۇ، بىراق باھا جەھەتتىن «سىغىمى چوڭايتىلىپ باھا قوشۇلمايدۇ، يەنىلا iPhone 6s بىلەن iPhone 6s Plus نىڭ باھاسىغا ئوخشاش بولىدۇ دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ھازىر بۇ گەپلەر ئەمەلىيەتتە ئاساسەن ئىسپاتلاندى. @The Malignant نامىدىكى تورداش ئاشكارىلىغان iPhone 7 بىلەن iPhone 7 iPhone 7 Plus نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسىنى ئاشكارىلىدى، ھەمدە ئىلگىرى تارقالغان خەۋەرلەرگە ئوخشاش، iPhone 7 بىلەن iPhone 7 Plus نىڭ سىغىمى 32 GBدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، 128GB ۋە GB256 لىق نۇسخىسىمۇ چىقىدىكەن.