
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 2016-يىللىق قۇربان ھېيىت ۋە تاۋۇز چاغىنى پات ئارىدا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ خىزمەت ئورۇنىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇخبىرنىڭ ھېسابلىشىچە، يەتتە كۈنلۈك بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە دىجورنىلىق ھەققى 18 كۈنلۈك مائاشقا تەڭ بولىدىكەن.
2016-يىل 11-سېنتەبىر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيىت. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر 11-سېنتەبىر (يەكشەنبە)دىن 17-سېنتەبىر (شەنبە)گىچە قۇربان ھېيىت ۋە تاۋۇز چاغانىلىق بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن.
يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش ئىچىدە 11-، 12-، 13-سېنتەبىر قۇربان ھېيىت، 15-سېنتەبىر تاۋۇز چاغىنى بولۇپ، بۇ تۆت كۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرامغا تەۋە. ئەگەر بۇ تۆت كۈندە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەندە، دۆلەتنىڭ «مائاش بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ 13-ماددىسىغا ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ %300ى بويىچە ئىسمېنا مائاش بېرىشى كېرەك ئىكەن. دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدىكەن.
14-، 16-، 17-سېنتەبىر كۈنلىرى خىزمەت ۋاقتى بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرۇشقا تەۋە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرگە مائاش بەرمەي تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشسا بولىدىكەن، ئەگەر تولۇقلاپ دەم ئېلىش بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ %200 ى بويىچە ئىسمېنا مائاشى بېرىشى كېرەك ئىكەن.
شىنجاڭدا ئىككى بايرام مەزگىلىدە يەتتە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر 18 كۈنلۈك مائاشقا ئېرىشەلەيدۇ
ئۈچ نەپەر ئولىمپىك چېمپىيۇنى شىنجاڭغا كېلىدۇ
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
بالىلىرىمىزنىڭ سۈرىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارمىغان ياخشى
ئالما شىركىتىنىiPhone 7مۇ قۇتقۇزالمايدۇ
خەلق پۇلى ئۈستىدىكى سىرلىق چەمبەرلەرنىڭ قانداق رولى بار؟
ئەزىمەتلەر قەشقەردىن يۈگۈرۈپ كەلدى
شىنجاڭدا ئىككى بايرام مەزگىلىدە يەتتە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر 18 كۈنلۈك مائاشقا ئېرىشەلەيدۇ
ئۈچ نەپەر ئولىمپىك چېمپىيۇنى شىنجاڭغا كېلىدۇ
iPhone 7 دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 يۈەندىن باشلىنىدۇ
ئادەم قانچە پۇلدار بولسا تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن
ئۈندىداردىكى يېڭى ئالدامچىلىق، «جەسەت» لەردىن ھوشيار بولۇڭ
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ سىياسى قانۇن سىستېمىلىرى 121 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدۇ
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى