ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى، «سۇغا سەكرەش ئايال پادىشاھى» گاۋ مېينى كۆرگۈڭىز بارمۇ؟ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەپمە بوكس تۈرىدە قوش چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋۇ جىڭيۈ بىلەن سالاملاشقۇڭىز بارمۇ؟ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گىمناستىكا تۈرىدە چېمپىيون بولغان خې كېشىن بىلەن يۈز تۇرانە ئەسرالاشقۇڭىز بارمۇ؟ 2016-يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە-ساياھەت كۆرگەزمىسى( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى كۆرگەزمە» دەپلا ئېلىنىدۇ) 2-سېنتەبىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىقباشلىنىدۇ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تاماشىبىنلار ئۈچ نەپەر ئولىمپىك چېمپىيونى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
گاۋ مېي
مۇخبىرنىڭ 30-ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە،«ئىككى كۆرگەزمە»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا نۆۋەتتە جىددىي تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۈچ نەپەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونىقاتنىشىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار تاختىدىن سۇغا سەكرەش تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى ئالغانگاۋ مېي بولۇپ،ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاختىدىن سۇغا سەكرەش تۈرىدەدۆلىتىمىزدىن تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالغان، ئۇ ئىلگىرىيەتتە يىلنىڭ ھەممىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن«ئەپسانىۋى» شەخسبولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا 70 نەچچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، «گاۋ مېي دەۋرى»دە ھەر قانداق رىقابەتچى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگەن.
ۋۇ جىڭيۈ
يەنە بىرىئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەپمە بوكس تۈرىدەقوش چېمپىيونلۇقنىئالغان ھەممىگە تونۇشلۇقۋۇ جىڭيۈ، ئۇ كۆرگەزمە مەزگىلىدە پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنشىىدىكەن، تەپمە بوكس سارىيىدا تەپمە بوكس ھەۋەسكارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن.
خې كېشىن
ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان يەنە بىر ئولىمپىك چېمپىيۇنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ گىمناستىكا تۈرىدە چېمپىيون بولغان خې كېشىن،ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتمۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ گىمناستىكا كوللېكتىپ تۈرىۋە ئېگىز-پەس تورنىك تۈرى قاتارلىق تۆت تۈردەدۇنياۋى چېمپىيۇن بولغان ۋە «ئېگىز-پەس تورنىك مەلىكىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.