• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • 2017-يىللىق ئاسپىرانت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 10-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2016-10-10 12:48:21
    تەھرىر : shahbanu
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    20161010120544942.jpgDPRئاقيول تور بىكىتى

    2017-يىلى مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 10-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىدۇ، دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە.DPRئاقيول تور بىكىتى

    مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2017-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى تارقاتتى، 2017-يىلى ماگىستىر ئاسپىرانت ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:00 دىن 20:00 غىچە، ۋاقتى ئۆتسە تولۇقلاپ تىزىملانمايدۇ، تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى قايتا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. دەسلەپكى ئىمتىھان 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، 3 سائەتتىن ئاشىدىغان پەنلەرنىڭ ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ.DPRئاقيول تور بىكىتى

    ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش «خىزمەتتىكى ئاسپىرانت» ئىمتىھانى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئىلگىرى نۇرغۇن خىزمەتتىكى خادىملار ئاسپىرانت ئىمتىھانغا تىزىملاتسا، ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەتلىك بىرلەشمە ئىمتىھانغا قاتناشسىلا بولاتتى، 2017-يىلىدىن باشلاپ، خىزمەتتىكى خادىملار ئاسپىرانت ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتا زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت كەسپى ئۇنۋانى ئوقۇشىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك بىرلەشمە ئىمتىھانىنى بىكار قىلىپ، غەيرى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانت مائارىپى شەكلىدە دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت بىر تۇتاش ئىمتىھانى دائىرىسىگە كىرگۈزدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىللە، پۈتۈن كۈنلۈك ۋە غەيرى پۈتۈن كۈنلۈك ئىككى تۈر بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك دوكتور، ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ تارقىتىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك ۋە غەيرى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانت ئىمتىھانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش تەلىپى بويىچە، ئوخشاش سىياسەت ۋە ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىدۇ.DPRئاقيول تور بىكىتى


    DPRئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز