
BuzzFeed نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شىتاتى فىلىنت شەھىرى (Flint) دىكى ئامارىياننا كوپېنىي (Amariyanna Copeny) ئىسىملىك توققۇز ياشلىق قىزنىڭ يېقىندا تىرامپ بىلەن چۈشكەن رەسىمى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كۈلكىسىنى قوزغىۋەتكەنىدى. رەسىمدە تىرامپ بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ قولىنى تۇتقان ھالدا مېھرىبان قىياپەتتە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بولۇپ، لېكىن كىچىك قىزچاقنىڭ چىراي ئىپادىسى سەل قورققاندەك، تىرامپ بىلەن رەسىمگە چۈشۈشنى خالىمىغاندەك تۇراتتى. بۇ رەسىمنى بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما فىلىنت شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندا كوپېنىينىڭ ئوبامانى كۆرۈشى بىلەنلا قىزغىنلىق بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇچاقلىۋالغان كۆرۈنۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كوپېنىينىڭ ئوباما بىلەن تىرامپقا تۇتقان ئوخشىمىغان پوزىتسىيىسى تورداشلارنى قاتتىق كۈلدۈرۈۋەتكەن.

ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، كوپېنىي ئىسىملىك قىزچاق زۇڭتۇڭ ئوباماغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن فىلىنت شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بۇلغىنىپ كېتىش مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلغان. ئوباما كوپېنىينىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇ يىل 4-ئايدا فىلىنت شەھىرىگە زىيارەتكە كەلگەن ھەم بۇ كىچىك قىزچاق بىلەن كۆرۈشكەن. كوپېنىي زۇڭتۇڭنى كۆرگەندىن كېيىن خۇشاللىق ھېسسىياتىنى باسالماستىن قۇچىقىنى كەڭ يايغان ھالدا زۇڭتۇڭنى قۇچاقلاپ كەتكەن.

زۇڭتۇڭنى كۆرگەن كىچىك كوپېنىي قاتتىق خۇش بولۇپ كەتكەنىدى.

مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپمۇ فىلىنت شەھىرىنى زىيارەت قىلغان، كوپېنىي ۋەكىل سۈپىتىدە تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەن، لېكىن ئۇ تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەندە نەچچە ئاي بۇرۇن ئوباما بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكىدەك ئۇنچە ھاياجانلىنىپ كەتمىگەن. بەزى تورداشلار قىزىقچىلىق قىلىپ مۇنداق دېگەن:«كوپېنىينىڭ تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى چىراي ئىپادىسى پۈتكۈل ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپ بەردى»، «بۇ يىلقى زۇڭتۇڭ سايلىمىنى بۇ رەسىم ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ».

2014-يىلى فىلىنت شەھىرىدە ئىچىملىك سۇ كىرىزىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى قوغۇشۇن ماددىسى قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان، بۇ يىل 1-ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما فىلىنت شەھىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەم فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مېچىگان شىتاتى ۋە باشقا جايلاردىكى سۇ بايلىقى ئارقىلىق فىلىنت شەھىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى تولۇقلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. كوپېنىي زۇڭتۇڭغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن:«مەنمۇ قوغۇشۇندىن بۇلغانغان ئىچىملىك سۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ بىرى، مەن تىرىشچانلىق بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈپ، باشقا بالىلار ئۈچۈن بۇ ھەقتە گەپ قىلماقچىمەن، مەن يەنە سىز شۇنداقلا خانىمىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق مەدەت بېرىدۇ». كوپېنىي يۇقارقى ئىش سەۋەبىدىن كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەڭ كىچىك فىلىنت خانقىزى» دەپ ئاتالغان.
5–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆلەم، ھەجىم، تېما جەھەتتە ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگ
ئوبامانى قىزغىن قۇچاقلىغان كىچىك قىزچاق تىرامپقا قاراپمۇ قويمىدى
بۈگۈندىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ ئىئانە توپلىشى مەنئى قىلىنىدۇ
شىنجاڭدا ئىككى بايرام مەزگىلىدە يەتتە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر 18 كۈنلۈك مائاشقا ئېرىشەلەيدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ تەرجىمىھالى
ئۈچ نەپەر ئولىمپىك چېمپىيۇنى شىنجاڭغا كېلىدۇ
قاغىلىق ناھىيەسىدىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2016-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى
ئالتايدا 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى تاش غار بايقالدى
شىنجاڭدا 330 كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
5–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى كۆلەم، ھەجىم، تېما جەھەتتە ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگ
400 يىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان باتارېيە
بۇ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە بىر قېتىم سۇ ئۈزسىڭىز 6 مىليون يۈەن خەجلەيسىز
ئوبامانى قىزغىن قۇچاقلىغان كىچىك قىزچاق تىرامپقا قاراپمۇ قويمىدى
بۈگۈندىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ ئىئانە توپلىشى مەنئى قىلىنىدۇ
شىنجاڭدا ئىككى بايرام مەزگىلىدە يەتتە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلەر 18 كۈنلۈك مائاشقا ئېرىشەلەيدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ تەرجىمىھالى
ئۈچ نەپەر ئولىمپىك چېمپىيۇنى شىنجاڭغا كېلىدۇ
iPhone 7 دۆلەت ئىچى نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5288 يۈەندىن باشلىنىدۇ
ئادەم قانچە پۇلدار بولسا تورغا چىقىش ۋاقتى شۇنچە ئاز بولىدىكەن
