• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • شىنجاڭدا تېمپراتۇرا ℃15 تۆۋەنلەپ يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 2016-10-12 18:58:49
    تەھرىر : shahbanu
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ehKئاقيول تور بىكىتى

    جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:ehKئاقيول تور بىكىتى

    ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدىكى سوغۇق ھاۋا ئېقىمنىڭ تەسىر كۈچى تېخى يوقالمىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلاردا تېمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃15  تۆۋەنلەيدۇ. ehKئاقيول تور بىكىتى

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېترولوگىيە ئىدارىسى 11-ئۆكتەبىر ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇرال تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 14-كۈنى كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، تەڭرىتاغ رايونىدا تېمپىراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن ھەمدە قىرو ئۈششۈكى چۈشىدىكەن. ehKئاقيول تور بىكىتى

    بولۇپمۇ ئىلى دەريا ۋادىسى، بۆرتالا ئوبلاستى، چۆچەك شەھىرى، ئالتاي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرى، تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى كۈچلۈك يامغۇر ياغىدىكەن ۋەياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە قار ياغىدىكەن (12-17 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا)، يۇقىرىقى جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدىكى شامال كۈچى توققۇز بال ئەتراپىدا بولىدىكەن. ehKئاقيول تور بىكىتى

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقىرىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپراتۇرا ℃8 ~ ℃10 تۆۋەنلەيدىكەن، چۆچەكنىڭ شىمالى، ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃10~℃15  تۆۋەنلەيدىكەن. ئىلى دەريا ۋادىسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشىدىكەن، چۆچەكنىڭ شىمالى، ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃2-~℃6- گە تۆۋەنلەيدىكەن. ehKئاقيول تور بىكىتى

    ئوخشاشلا، ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىمۇ سوۋۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، 14-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئوتتۇرا ھال يامغۇر يېغىپ قار ئارىلاش يامغۇرغا ئالمىشىدۇ (5~10 مىللىمېتىر)، جەنۇبىي شەھەر رايونى ۋە تاغلىق رايوندا ئوتتۇرال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ (5~12 مىللىمېتىر)، كوچىلاردا قار يىغىلىدۇ (3~6 سانتىمېتىر)، يۇقىرىقى رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، تېمپىراتۇرا ℃8~℃10  تۆۋەنلەيدۇ. يامغۇر 14-ئۆكتەبىر سائەت 18 دىن 14-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 2 گىچە بولغان ۋاقىت بۆلىكىگە مەركەزلىشىدۇ، 15-ئۆكتەبىر ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى 0 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، شەھەر ئەتراپىغا قىرو ئۈششۈكى چۈشىدۇ. ehKئاقيول تور بىكىتى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېترولوگىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەر رايونىدا يەنە شەرقىي جەنۇب شامىلى ۋە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 19-ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۈرۈمچىدە يەنە يامغۇر يېغىپ تېمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، شەھەر رايونىدا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن. ehKئاقيول تور بىكىتى


    ehKئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى مۇھىم خەۋەرلەر