ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمىزغا خۇش كەپسىز، قۇتلۇق قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!
<<ئىگىلىك سەھنىسى>> گە قاتنىشىپ تىلۋېزورغا چىقتىم...
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2013-02-11
ئۈرۈمچى تىلۋىزىيە ئىستانسىدا قويۇلغان تۇنجى سان <<ئىگىلىك سەھنىسى>> پروگراممىسىغا ماھىر سۈپىتىدە قاتنىشىپ تىلۋېزورغا چىقتىم. پروگرامما قويۇلغاندىن كىيىن www.80halta.com بلوگىنىڭ زىيارەتچىلەر سانى بىر ھەپتىگىچە 300-400 ئەتراپىدا ئۆرلەش ھالىتىدە تۇردى. 300-400 IP ئۇيغۇر بلوگلىرى ئۈچۈن ئۇنچە بەك ئاز سان ئەمەس. پروگراممىدا سۆزلەش نۆۋىتى كەلگەندە 80خالتا بلوگ ئادرىسىنى تولۇق قىستۇرۇپ ئۆتكەننىڭ پايدىسى بوپتۇ . . . تۇنجى سان پروگرامما بولغاچقا سۈپەت. ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە يىتەرسىز تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى رىژىسورمۇ ئىتىراپ قىلدى. مەنمۇ تۇنجى قېتىم تېلۋېزورغا چىقىدىغان بولغاچقا سەل جىددىلىشىپ قالغان چىراي كۆرۈنۈپ قاپتىمەن. ئوبدان سۆزلىيەلمىگەندەكمۇ كۆرۈندۈم. لىكىن تېلۋېزوردا كۆرگەنلەر، ۋاي ھەكىم سىلىنى تىلۋىزوردا كۆردۇق، ئوبدان سۆزلىدىلە دېيىشتى. ئاڭلىغانلار، ئاپلا، شۇ پروگراممىنى كۆرەلمەي قاپتىمىز، ئىمكان بولسا 80خالتا بلوگلىرىغا چىقىرىپ قويغان بولسىلا، بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى دېيىشكەن بولدى.
تۆۋەندە شۇ قېتىملىق <<ئىگىلىك سەھنىسى>> پروگراممىسىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم.
<<بىرزات>> دىن بىرسىلا بار
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2012-07-10
ئىلگىرى ھېيتگاھ ئەتراپىدا يىراقتىن 80خالتا دۇكىنى ھەم بىرزات ئەپەندىمنى ئىزدەپ كەلگۈچى خىرىدارلىرىمىز مېنى تاپالماي باشقا دورا-دەرمەك دۇكانلىرىغا كىرىپ سورىسا ئۆزلىرىنى ‹‹80خالتا›› دۇكىنى مۇشۇ دەپ كۆزىنى پارقىرتىپ تۇرۇپلا يالغان ئېيتىپ دورا-دەرمەك ساتقۇچىلار بولغان. ئۇ خىرىدارلار بىرزات ئەپەندىمنىڭ توردىكى ئوبرازىغا ئىشىنىپ خاتا كىرىپ قالغان ‹‹80خالتا›› دۇكانلىرىدىن ئالغان مەھسۇلاتلىرىدىن رازى بولماي، 80خالتا بلوگىغا كىرىپ تېلفۇن نۇمۇرۇمنى ئىزدەپ تېپىپ ماڭا تېلفۇن قىلىپ خەختىن ئالغان مەھسۇلات ئۈچۈن مەندىن ھېساب ئالىدىغان ئىشلار بولغان. كىيىن ئەھۋالنى بىرەر قۇر ئىگەللىگەندىن كىيىن باشقىلارنىڭ 80خالتا نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ خىرىدارلارغا يالغان ئېيتقانلىقى، خىرىدارلىرىمىزنىڭمۇ ياخشىراق سۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپ مەن توردىكى ‹‹80خالتا›› شۇ دېسە ئىشىنىپ قالغانلىقى دېگەندەكلەرنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئۇ خىرىدارلىرىمىز ئۇلارنى شەرمەندە قىلماق ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئالدىغان ‹‹80خالتا›› دۇكىنىغا قايتا بارسا، بىزمۇ شۇ ‹‹80خالتا››، بىزنىڭ خالتىلىرىمىزمۇ 80 دىن كام ئەمەس دەپ ئۇستاتلىق ئىشلەتكەنلەرمۇ بولدى.
بۈگۈن قارىسام ....
خەتكۈش: بىرزات
بلوگىنىڭ پىكىر قالدۇرۇش دەپتىرى ئىچىۋېتىلدى
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2011-01-13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، نەچچە ۋاقىتتىن ئالدىراشچىلىق دېگەندەك بەزى بىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بلوگنىڭ پىكىر-سۇئال قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە توختاتقان ئىدۇق. چۈنكى تورداشلار شۇنچە ئەجىر قىلىپ يازغان سۇئاللىرى، ئارزۇ-ئۈمۈتلىرى جاۋابسىز قالسا ئۇلارغا قىلىنغان بىر ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالاتتى. مانا ئەمدى يېڭى يىلمۇ كىرىپ قالدى، تورداشلارنىڭ تەلىۋى، بلوگنىڭ ئىھتىياجى بىلەن پىكىر قالدۇرۇش دەپتىرىنى ئىچىۋېتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈشكەن پىكىرلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قالدۇرۇشقا تىرىشىمەن. تورداشلارنىڭ پىكىر دەپتىرىگە سۆز قالدۇرغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن:
خەتكۈش: 80خالتا
ئۇيغۇر بلوگلىرى XJTV دا
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2011-01-07
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە 2 – قانىلى (2 XJTV) << بۈگۈنكى سۆھبەت >> پروگىراممىسىدا مەخسۇس بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى. بۇ سۆھبەتكە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ، سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىن ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ( ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ دېروكتورى ) تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئالىم ئەھەد ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا بلوگ، مىكروبلوگ، مۇنبەر قاتارلىق تور تاراتقۇلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختالدى. مەزكۇر سۆھبەتتە يۈكسەل ، 80 خالتا قاتارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى ، پروگىرامما كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ تەدبىركار، يۈكسەل، 80 خالتا بلوگلىرىمۇ تېگىشلىك يەر ئالدى. بۇ سۆھبەت ئۇيغۇر بلوگچىلىق تارىخىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ...
خەتكۈش: 80خالتا
80خالتا بلوگى ئۈچۈن بىلەت تاشلاڭ!
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2010-12-09
2008-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاشتا 80خالتا بلوگى تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن 1-بولغان ئىدى. بۇ يىل -2010 -يىللىق نادىر بلوگلارنى باھالاش پائالىيىتى يەنىلا يۈكسەل بلوگىدا ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. بۈگۈن رەسمى ھالدا بىلەت تاشلاش باشلانغان بولۇپ تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان بلوگلارغا بەس-بەستە بىلەت تاشلاۋاتىدۇ. تورداشلىرىمىز 80خالتا بلوگىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز يۇكسەل بلوگىغا كىرىپ بىلەت تاشلاڭ! بىلەت تاشلاش 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. تورداشلارنىڭ پەقەتلا بىر تالدىن بىلەت تاشلىشىنى ، ئارتۇق تاشلاپ بىزگە مالاللىق يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمىز. تورداشلارغا رەھمەت!
بېلەت تاشلاش ئورنى : يۈكسەل بلوگ ئوڭ ئاسما بۆلەك << راي سىناش كۆزنىكى >> دە. ( مەشغۇلات تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، بېلەت تاشلىماقچى بولغان بلوگ ئىسمى يېنىدىكى كاتەكچىنى يېنىككىدە بىر چېكىپ تاللاپ، ئەڭ ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش دېگەننى بېسىپ قويساقلا كۇپايە! )
80خالتا بلوگى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىگە قاتنىشىدۇ
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2010-11-02
بلوگ (شەخسىي تور خاتىرە) يېزىش ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىغان ، جاپاسى كۆپرەك ئىش ئىكەن. ئۇيەر-بۇيەردىن تىرىپ-تۆشەپ كۆچۈرۈپ كىلىپلا بلوگ قۇردۇم، بلوگ يېزىۋاتىمەن دەپ تۇرۇۋالسىمۇ ھە دەپ قويىدىكەنسىز. لىكىن تەجىربىلىك بلوگگىرلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا بلوگنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاياتى كۈچكە ئىگە بولۇشىدا ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلالىغۇدەك ئىجادىيلىق، خاسلىق يارىتىش ئىنتايىن موھىم ئىكەن. پېقىر مانا شۇ ئىجادكار بلوگگىر بولۇپ خاسلىق بەرپا ئېتىمەن دەپ كەڭ بلوگگىر دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرشىپ-تىرمىشىپ يۈرگىلى 4 يىلچە بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدە گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۈشۈپ دىگۈدەك بۈگۈنگە ئۇلاشتىم. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دېگەندەك قىلغان تىرىشچانلىقىمىز، ئىجاتچانلىقىمىز ئەلنىڭ كۆزىدىن ساقىت بولماي 2008-يىللىق ئۇيغۇردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىدە تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى، ئىشەنچ نەزىرىدە كۆككە كۆتۈرىشى بىلەن80خالتا بلوگىمىز 10 چوڭ بلوگنىڭ ئەڭ چوققىسى بولۇشتەك كاتتا شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇپ بىزگە زور ئىلھام ئاتا قىلغان ئىدى.
خەتكۈش: 80خالتا
80خالتا بلوگىغا كىملەر كىرىدۇ؟
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2010-08-10
خەتكۈش: 80خالتا
ساخاۋەتلىك دىللارغا ئىلتىجا
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2010-07-30
تورداشلارغا زۆرۈر ئۇقتۇرۇش [80خالتا بلوگ ئۇقتۇرۇشى]
ئاپتورى:Birzat ۋاقتى:2010-07-12
سەمىمىي ئىھتىرام بىلەن : 80خالتا بلوگ مەسئۇلى______ بىرزات
سەمىمى ئەسكەرتىش: ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. 80خالتا بلوگ ئەسەرلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. ئەگەر بۇ تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!!
خەتكۈش: ئۇقتۇرۇش