ئىلگىرى ھېيتگاھ ئەتراپىدا يىراقتىن 80خالتا دۇكىنى ھەم بىرزات ئەپەندىمنى ئىزدەپ كەلگۈچى خىرىدارلىرىمىز مېنى تاپالماي باشقا دورا-دەرمەك دۇكانلىرىغا كىرىپ سورىسا ئۆزلىرىنى ‹‹80خالتا›› دۇكىنى مۇشۇ دەپ كۆزىنى پارقىرتىپ تۇرۇپلا يالغان ئېيتىپ دورا-دەرمەك ساتقۇچىلار بولغان. ئۇ خىرىدارلار بىرزات ئەپەندىمنىڭ توردىكى ئوبرازىغا ئىشىنىپ خاتا كىرىپ قالغان ‹‹80خالتا›› دۇكانلىرىدىن ئالغان مەھسۇلاتلىرىدىن رازى بولماي، 80خالتا بلوگىغا كىرىپ تېلفۇن نۇمۇرۇمنى ئىزدەپ تېپىپ ماڭا تېلفۇن قىلىپ خەختىن ئالغان مەھسۇلات ئۈچۈن مەندىن ھېساب ئالىدىغان ئىشلار بولغان. كىيىن ئەھۋالنى بىرەر قۇر ئىگەللىگەندىن كىيىن باشقىلارنىڭ 80خالتا نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ خىرىدارلارغا يالغان ئېيتقانلىقى، خىرىدارلىرىمىزنىڭمۇ ياخشىراق سۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپ مەن توردىكى ‹‹80خالتا›› شۇ دېسە ئىشىنىپ قالغانلىقى دېگەندەكلەرنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئۇ خىرىدارلىرىمىز ئۇلارنى شەرمەندە قىلماق ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئالدىغان ‹‹80خالتا›› دۇكىنىغا قايتا بارسا، بىزمۇ شۇ ‹‹80خالتا››، بىزنىڭ خالتىلىرىمىزمۇ 80 دىن كام ئەمەس دەپ ئۇستاتلىق ئىشلەتكەنلەرمۇ بولدى.
بۈگۈن قارىسام ....

" /> <<بىرزات>> دىن بىرسىلا بار - 80 خالتا بلوگى

<<بىرزات>> دىن بىرسىلا بار


 

ئىلگىرى ھېيتگاھ ئەتراپىدا يىراقتىن 80خالتا دۇكىنى ھەم بىرزات ئەپەندىمنى ئىزدەپ كەلگۈچى خىرىدارلىرىمىز مېنى تاپالماي باشقا دورا-دەرمەك دۇكانلىرىغا كىرىپ سورىسا ئۆزلىرىنى ‹‹80خالتا›› دۇكىنى مۇشۇ دەپ كۆزىنى پارقىرتىپ تۇرۇپلا يالغان ئېيتىپ دورا-دەرمەك ساتقۇچىلار بولغان. ئۇ خىرىدارلار بىرزات ئەپەندىمنىڭ توردىكى ئوبرازىغا ئىشىنىپ خاتا كىرىپ قالغان ‹‹80خالتا›› دۇكانلىرىدىن ئالغان مەھسۇلاتلىرىدىن رازى بولماي، 80خالتا بلوگىغا كىرىپ تېلفۇن نۇمۇرۇمنى ئىزدەپ تېپىپ ماڭا تېلفۇن قىلىپ خەختىن ئالغان مەھسۇلات ئۈچۈن مەندىن ھېساب ئالىدىغان ئىشلارمۇ بولغان. كىيىن ئەھۋالنى بىرەر قۇر ئىگەللىگەندىن كىيىن باشقىلارنىڭ 80خالتا نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ خىرىدارلارغا يالغان ئېيتقانلىقى، خىرىدارلىرىمىزنىڭمۇ ياخشىراق سۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپ مەن توردىكى ‹‹80خالتا›› شۇ دېسە ئىشىنىپ قالغانلىقى دېگەندەكلەرنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئۇ خىرىدارلىرىمىز ئۇلارنى شەرمەندە قىلماق ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئالدىغان ‹‹80خالتا›› دۇكىنىغا قايتا بارسا، بىزمۇ شۇ ‹‹80خالتا››، بىزنىڭ خالتىلىرىمىزمۇ 80 دىن كام ئەمەس دەپ ئۇستاتلىق ئىشلەتكەنلەرمۇ بولدى.
بۈگۈن قارىسام ئاقسۇدىن بىر خىرىدارىمىز ۋېي شىندا ئۇچۇر يوللاپ : سىلى ھەقىقى بىرزات ئەپەندىم بولاملا، سىلىنڭ بىرزات ئەپەندىم ئىكەنلىكلىرىگە قانداق ئىشىنىمەن دەيدۇ. مەن توردا 80خالتا بلوگىنى يازىدىغان، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت يان تەرىپىدە تېبابەت دورا-دەرمەك، ھەسەل-گۈلقەنت ساتىدىغان بىرزات مەن شۇ. مېنىڭ ھەقىقى بىرزات ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سىلى ئاۋۋال 80خالتا بلوگىغا كىرىپ مەن قالدۇرغان تېلفۇن نۇمۇرلاردىن بىرەرسىگە تېلفۇن قىلسىلا، ئەگەر شۇ تېلفۇننى مەن قوبۇل قىلسام مېنىڭ ساختا بىرزات ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلىيالايلا دېدىم. ئۇندىن كىيىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ كىيۇ-كىيۇسىدا 4 نەپەر بىرزات بولۇپ قايسىسىنىڭ ھەقىقى بىرزات ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى، تۈنۈگۈن بىرسى بىلەن پاراڭلاشسا، ئۆزىنىڭ ھەقىقى بىرزات ئىكەنلىكى، ھازىر  3-4 ئادەمنىڭ بىرزات نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۈرۈمچىدە بىرزات نامىدا دۇكان ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ شۇلار بىلەن ھېسابلاشقىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى، ھازىر ئادەملەردە ئىنساب قالمىغانلىقى دېگەندەكلەرنى دەپ بۇ خىرىدارىمىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ ئىككى مىڭ كويلۇقچە دورا-دەرمەك ئەۋەتىدىغان بولۇپ پۇلنى ئالدىدىن سىلىپ بىرىشنى دەپتۇ. بۇ خىرىدارىمىز ئۇ ‹‹بىرزات›› ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ ھەقىقى بىرزات ئەمەستەك ھېس قىلىپ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي ئاخىرى 80خالتا بلوگىدىن مېنىڭ كىيۇ-كىيۇ نۇمۇرۇمنى ئىزدەپ تېپىپ ۋېي شىنغا قوشۇپ ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپتۇ.
مەن يېقىندىن بىرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، تېرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ بىرزاتنىڭ 4-5 زات بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن. مېنىڭ كىلونلانغان نۇسقىلىرىم ئاپىرىدە بولۇپ خىرىدارلىرىمنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈپتۇ. مەن مۇشۇ سەۋەب خىرىدارلىرىمنىڭ ھەم ئۆزۈمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزۈم ھەققىدە قايتا تەپسىلىيرەك ئۇچۇر بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئىسمىم: مۇھەممەد تۇرسۇن زۇنۇن
بلوگىم: 80خالتا بلوگى www.80halta.com
تېلفۇن نۇمۇرۇم:
 13565662787
15309982787
دۇكان نۇمۇرۇم: 0998-2820877
مېنىڭ ھازىر قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپ يان ئىشىكى ئۇدۇلىدىكى 2-قەۋەتتە بىرلا دۇكىنىم بار. مۇشۇ دۇكاندىن باشقا يەردىكى 80خالتا ياكى بىرزات نامىنى قويۇۋالغان، ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتىۋالغان كىشىلەر مەن ياكى مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئەمەس. شۇڭا يىراقتىن مال زاكاس قىلغۇچى ياكى مېنى ئىزدەپ كەلگەن خىرىدارلىرىمىزنىڭ ئوبدانراق سۈرۈشتە قىلىشىنى سەمىگە سالىمەن.
بىرزات شىركىتى بولسا بىر قانچىمىزنىڭ شىرىكچىلىكىدە قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئىلىنغان بولۇپ مەھسۇلاتلىرىمىزنى بازارغا سىلىش تەييارلىق باسقۇچىدا.
بىرزات ماركىسى يېمەكلىك، قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى، دورا-دەرمەك دېگەندەك ساھەلەرنىڭ ھەممە تۈرىدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئەنگە ئىلىنغان ماركا بولۇپ ‹‹بىرزات›› ماركىسىنى سۈيئىستىمال قىلغانلار قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
QQ دا پاراڭلىشىش قولايسىز بولغان بولغاچقا خىلى ۋاقىت بولدى QQ ئىشلەتمىدىم. ھازىر ھەممىلا كىشىلەردە weixin ئىشلىتىش مودا ئىكەن. شۇڭا ئۇچۇرغا قولايلىق بولغان weixin ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. ماڭا ئۇچۇر قالدۇرماقچى بولغانلارنىڭ QQ نۇمۇرۇم 1521105544ئارقىلىق weixin غا قوشۇلۇپ بىرزات ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ ياكى بىۋاستە :
 13565662787
15309982787
0998-2820877 نۇمۇرلارغا تېلفۇن قىلسىمۇ بولىدۇ.
birzatjan@qq.com :E-mail




[Birzat بۇنى 2012-07-10 04:30 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بىرزات

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماattirgul[2013-05-09 05:35 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ بىلوگدىكى مەزمۇنلارنى دائىم كۇرۇمەن بىراق ئىنكاس يوللاپ باقمىغان بۇ تۇنجسى مەن ھازىر 23ياشقا كىردىم.بىر قىزىم بار ،بىر نەچچە ئايدىن بۇيان يۇزۇمگە بىر خىل سېرىقلىق پەيدا بۇپ قالدى .ئەسلىدىمۇ ئازراق سەپكۈن بار ئىدى. ئەمما تىگىدىن سۇزۇك ئىدى ھازىر ئوخشىمايدۇ ھەممە يېرىنى سېرىقلىق قاپلاپ كەتتى.مەن بۇنى ئىچىمدە بىرەر كېسەل بارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم .ئاۋارىچىلىق ھىس قىلماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا .
回复قايتۇرماbitap[2012-09-28 11:46 PM | del]
مەن غۇلجا شەھرىدىن بولىمەن.  غۇلجىدا 80 خالتا دەپ ۋېۋىسكىسى بار دۇكاندىن ئىككىنى كۆرگەن. بىرسى يادىمدا قالماپتۇ، يەنە بىرسىنى بەيتۇللا مەدرىسنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈپتىمەن. مەن تېخى بىرزات ئەپەندىمنى شۇنىڭغا قاراپ يۇرتىنى غۇلجىدىن دەپ يۈرۈپتىمەن. قارىغاندا دېققەت قىلساق بولغۇدەك.
回复قايتۇرماARKAM720[2012-07-31 09:45 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
  مەن يېقىندا ئوقۇشۇمنى غەلبلىك ئاياغلاشتۇرۇپ،جەنۇبى شىنجاڭنى ساھايەت قىلىش جەرياندا،قەشقەرگەبىرىپ 80خالتا توربىتڭنىڭ قۇرغۇچسى مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات ئەپەندىم بىلەن كۆرۈرۈشۈپ ئازغىنە كەم بىرەر سائەت مۇڭداشتىم.بۇ ئاكمىزنىڭ ئىللىق خۇشپئىل چىقشقاق مىجەزى ،مەسللەرگەناھايتى ئەستايىدىل راسچلىق بىلەن جاۋاپ بىرىشلىرى مىنى بەك تەسرىلەندۇردى.ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن مەن ئىككى پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ چ چ نۇمۇرمىزۋە ئالاقلىشش ئاردىرسمزىنى يىزشىۋالدۇق.ھەم ساپ ھەسەلدىن سىتۋالدىم .مەن بۇگۈنگچە يىگەن ئەڭ ساپ ھەسەل مۇشۇبولوسا كېرەك .مەن بۇيازما ئارقىلىق مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات ئاكىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ئشلىرغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن.ھەمدە داۋاملىق دوست سۈپىتىدە ئالاقلىشىپ تۇرشمىزنى ئۈمۈد قىلمەن.باشقاتورداشلرنىڭمۇۋاقىت چىقىرىپ زىيارەت قىلىپ كىلشنى تەۋسيە قىلمەن.


回复قايتۇرماfatime[2012-07-11 12:43 AM | del]
ئەسسسلامۇ ئەلەيكۇم «بىرزاد» ئىنىم. سالامەتمۇسىز؟ خانىمىڭىز ۋە ئوماق ئوغوللىرىڭىز تېچلىقمۇ؟ خوشنىدا خوشنىنىڭ ھەققى باردۇر. مەن ۋاقىتلىق خوشنىڭىز يەنى «مۇھەممەد» نىڭ ئاپىسى بولىمەن . ئىنكاس ئارقىلىق بولسىمۇ سىلەردىن ئەخۋال سورىۋالاي. خانىمىڭىزگە مەندىن سالام دەپ قويۇڭ...ھەجەپ ئېسىل خوشنام ئىدىڭلار..پات-پات ئويلاپ قالىمەن ..مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزدىن ئۆزۇم توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىۋالاي.
يېقىندىن بۇيان ئۇيقام شۇنداق ئازلاپ كەتتى...ئىچىم قاتتىق تىتىلدايدۇ..يالغۇزلۇقنى خالايمەن . كۆرۇپ تۇرۇپسىز ھازىر سائەت 12دىن ئاشتى ئۇيقىدىن ئەسەرمۇ يوق. ئۆزۇمدىن ئەندىشە قىلىپ قالدىم ئۇيقۇسىزلىق بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە نېرۋىغا قاتتىق تەسىرى بولىدىكەن. كۈندۈزى شۇنداق ھارغىن كۆرىنىمەن..مەسلىھەتىڭىزنى كۇتىمەن  

Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2012-07-11 12:44 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خانىم-باللا سالامەتچىلىك. خۇداغا شۈكۈرى. رەھمەت.

سىلىدىكى يالغۇزلۇقنى خالاش، ئىچى تىتىلداش دېگەنلەر خىلى بىر مەزگىللىك كەيپىيات بۇزۇلۇش، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا زىيادە ئەستايدىل قاراش دېگەندەك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكى دەيمەن.

ئۇيقۇسىزلىققا  قارىتا سىلىگە بىر قانچە تەكلىپ بىرەي:

1.كەچلىك تاماقتىن كىيىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا پىيادە مېڭىپ بەرسىلە!

2.سىرتنى ئايلىنىپ كىرگەندىن كىيىن بىر ئىستاكان سوغۇق سۈت ئىچسىلە (سۈتنى قايناتقاندا بىر قانچە تال زەپە سىلىۋەتسىلىرى تېخى ياخشى)، سوغۇق كەلمىسە قېتىق ئىچىپ بەرسىلىمۇ بولىدۇ.

3. ئۇخلاش ئۈچۈن ياتقاندا زادىلا ئۇيقۇ كەلمىسە يېتىۋەرمەي ئورنىلىرىدىن تۇرۇپ كەتسىلە، كىتاب ئوقۇسىلىمۇ نەپلە نامازلارنى ئوقىسىلىمۇ بولىدۇ. بۇلارمۇ ئۇيقۇنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بار.

4.ئادەتتە ياڭاق يەيدىغان ئادەتلىرى بولسا بىر مەزگىل ياڭاق ئورنىغا بادام مېغىزىنى يەپ بەرسىلە. ياڭاق مېغىزى مېڭىدە قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ سەپرانى كۈچەيتىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىقلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ. بادام مېغىزى بولسا مېڭىگە ھۆللۈك پەيدا قىلىپ ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. مۇئەييەن سېمىرتىش خۇسۇسىيىتى بار.

تېبابەت دورىلاردىن : ئۇستىقۇددۇس شەربىتى، رەيھان جەۋھىرى، ئەبرىشىم شەربىتى دېگەنلەردىن 15 كۈنلۈك ئىلىپ ئىچىپ بەرسىلە بولىدۇ. روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا قارقاش ناھىيلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئىشلىگەن <<رەيھان جەۋھىرى>> نىڭ ئۈنۈمى ياخشى.

ئامان بولسىلا!
回复قايتۇرماkuyax99[2012-07-11 12:42 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار...سىلەردىن بىر نەچچە ئىشتا ياردەم سوراي دىگەنتىم..
1 . يۈزۈمگە بەك كۈپ دانە خورەكتەك نەرسىلەر چىقىپ 2.3 يىلدەك بولدى يۇقىمىدى يۈز مايلارنى سۈرۈپ باقتىم يەنىلا پايدىسى بوممىدى . مۇشۇنداق نەرسىلەرنى دورا ياكى ھۈسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىدا يۇقاتقىلى بۇلامۇ ؟
2. ساقال-بۇرۇتنى ئۈسۈشنى تىزگىنلەيدىغان ياكى ئۈستۈرمەيدىغان دورا بامىدۇ ؟
تورداشلار خاپا بولماي ياردەم قىلغان بولساڭلار ..
خاپا بوممىسىڭىزلار مەن بايا تىما قىپ يوللىغان بۇ ياردەم سوراش تىمىسىنى بۇ يەرگىمۇ ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قۇياي..
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2012-07-11 12:47 AM دە قالدۇرغان جاۋابى
1.خىلىتلار بۇزۇلغان، جىگەرنىڭ مىزاجى بۇزۇلغان، كەيپىيات ۋە باشقا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىپ تېرىدە ئاشۇنداق دانىخورەكلەر پەيدا بولغان بولسا سېرتتىن دورا ئىشلەتكەننىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. سەۋەبىگە قارىتا ئىچكى جەھەتتىن داۋالانسا تېز ئۈنۈمى بولىدۇ.

پايدىلىق كۆرسەتمە:

ئاچچىق، مايلىق يېمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ، شارائىتى بولسا ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ بەرسە دانىخورەكنى يوقۇتۇشتا ئۈنۈمى زور.

2. ساقال-بۇرۇتنىڭ تېز ئۆسۈشى، قويۇق، يېرىك بولىشى ئەرلىك ھورمۇن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئېرسىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر چوقۇم ساقال-بۇرۇت ئاز، جانسىز ئۆسسۇن دېسىڭىز دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئاياللىق ھورمۇننى كۈچەيتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ باقسا ئۈنۈمى بولىشى مومكىن.

زىيالىق تەسىرى: ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىپ كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىشى مومكىن. مەسىلەن: ساقال-بۇرۇت چۈشۈپ، كۆكسى يوغۇناپ قىلىش دېگەندەك....
مۇناسىۋەتلىك تېما:
http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=49079
回复قايتۇرماتۇرغۇنجان[2012-07-10 11:31 PM | del]
بىرزات ئەپەندىم  ئىمكان بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ۋە دۇكاندا تۇرىدىغان شاگىرتلىرىڭزىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويسىڭىز بۇنداق خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولاتتى .
回复قايتۇرماياۋاغاز[2012-07-10 08:09 PM | del]
يائاللا مۇشۇنداقمۇ ئىشلار بارمىكەن تېخى،ما خەختە ئىنساپ قالماپتۇ جۇمۇ...كۆپ دىققەت قىلسىلا بولغۇدەك..ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.