تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

تۆۋەندە مەزى بېزى ياللۇغىغا قارىتا ئىشلىتىدىغان مۇھىم دورا نۇسخىلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. 1- چايان 20گرام، جەدۋار 12گرام، قىزىل چۆبىچىن، ئاق يەر يىلىنى، سەرسىبىل، يەرلىك شوخلا، ئەرەپ يىلىمى ، ئادراسمان ئۇرۇقى 10 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ 0.3گرامدىن كۇمىلاچ قىلىپ، كۈنىگە ئىككى ۋاق بەش دانىدىن ئىستىمال قىلىدۇ. 2- يىلان 30گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، قۇغۇن ئۇرۇقى 15گرام، چايان 10گرام، مامىرانچىنى 5گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ [...]

مەسىھا كۇمۇلىچى تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى: بەدەننىڭ تۇتۇۋېلىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىينى تۇتۇپ، سۈيدۈكنى ئازايتىدۇ، چاچنى قارايتىدۇ. مەنى تۇتالماسلىق، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، بەدەن ئاجىزلاپ مەنى بالدۇر كېتىش، چاچ بالدۇر ئاقىرىش، روھى جەھەتتە چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. سۆئلەپ كۇمۇلىچى تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى: بۆرەكنى قىزىتىپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، ئۇمۇمى بەدەننى كۈچەيتىپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.سوغۇقلۇقنى ھەيدەپ ، بەدەننى قىزىتىدۇ. كۆپ ئېھتىلام بولۇش، مەنى ئېقىپ [...]

ھىڭ بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئارىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ھىڭ بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزى ، ئۇرۇقى ۋە يىلىمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئادەتتە بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ سۈتكە ئوخشاش يىلىمى ‹‹ھىڭ›› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ رەتسىز ، ئۆلچەمسىز ، مونەكسىمان كېلىدۇ . سىرتقى يۈزى قۇڭۇر سېرىق ، ھۆل ۋاقتىدا رەڭگى سۇستراق ، مايلىق ، مەلھەم شەكلىدە بولغانلىرى قۇيۇق يېپىشقاق ، ئىچى كۈلرەڭگە مايىل ئاق [...]

سەھىپە: خام دورىلار

تادۇبەگدىن– بۇ ئەسەر تاجىكام مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، بەزى رېتسىپلار نىڭ تەرجىمىسىدە ياكى كۆچۈرۈلۈش جەريانىدا خاتا بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇندا يەرلەر بولسا ئەسكەرتىش بەرگەيسىزلەر… لوقمان ھەكىم ئىلمىي ئاممىباب تىبابەت دەستۇرى 1993- يىلى تاشكەنت نەشىرى شەرىقتىكى دانىشمەنلىك پىرى— لوقمان ھەكىم مەزكۇر رىسالىدە ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشى، ئانا قورسىقىدىكى نابۇت بولغان ھامىلىلەرنى چۈشۈرۈش، كۆزگە ۋە بەدەنگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىش، يۈرەك [...]

كۆپ تەرلەش سەۋەبىگە قارىتا بىر نەچچە خىل بولىدۇ 1- يېيىلگەن تاماقلاردىن بەدەن تولۇپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت ھۆللۈكلەرنى تەر بىلەن ھەيدەيدۇ ۋە دەپئى قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك. 2- بەدەننىڭ خىلىتلار بىلەن تۇلۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەننى خىلىتلاردىن تازىلاش كېرەك. مەتبۇخى ئەپتىمۇن، ھەببى ئەپتىمۇن، ھەببى قوقىيا، ئايارەج پەيقىرا ، ئايارەج لوغانزىيا قاتارلىقلارنى تولۇپ قالغان [...]

بۇ بۇيۇندا ۋە بەلدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ ئۇمۇرتقا قېشىدىكى كۈمۈرچەكنىڭ ئىششىق قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قۇيۇق يەل ، خام خىلىتلار ۋە خاتا داۋالىنىشتۇر. شۇڭا ئالدىنى ئېلىشتا زىيادە يەل پەيدا قىلغۇچى تاماقلارنى دائىم يىمەسلىك، ئاخشىمى زىيادە تۇنۇيۇپ تاماق يىمەسلىك، بەك مۈكچىيىپ ئولتۇرماسلىق، سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە سوغۇقلۇق نەرسىلەر بىلەن داۋا قىلماسلىق كىرەك. داۋالاش: ئاۋال سەۋەبچى ماددىنى پىشۇرۇش ۋە سۈرۈپ [...]

خام دورىلارنىڭ تەسىرى ۋە تەسىر مېخانىزىمى توغرىسىدا بىلگەجان بىلەن قىسقىچە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، بىلگەجان خام دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمىنى چۈشەندۈرىدىغان ،مەن شۇ دورىلارنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە يازىدىغان بولدۇق. دورىلارنى يېزىشتا ئۆزۈم تەسىرى كۈچلۈك دەپ قارىغان دورىلاردىن باشلىدىم. خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەردىن باشقىلىرىنى كاللامدا ساقلىنىپ قالغانلىرى بويىچە يازغانلىقىم ئۈچۈن ،بۇ جەرياندا خاتا يېزىلىپ قالغان ياكى يېزىپ قويغان [...]

سەھىپە: خام دورىلار

شىپايى مەزى بېزى ئىچىملىكى بەدەننىڭ ئۇزۇقلاندۇرغۇچى كۈچى ،تۇتۇپ تۇرغۇچى كۈچى ۋە چىقىرىش كۈچىنى كۈچەيتىش،ئىللەتلەرنى تازىلاش،سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە. مەزى بېزى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى يوغىناشتىن كېلىپ چىققان سۈيدۈكنىڭ دەممۇدەم كېلىشى،سۈيدۈك تېمىپ توختىماسلىق،بەل،تىز تېلىش، باش قېيىش،كۆز قاراڭغۇلىشىش،ئۇيقۇسىزلىق قۇلاق غۇڭۇلداش،مەنى بالدۇر كېتىش،ئېھتىلام بولۇش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈندە ئۈچ قېتىم 20مىللىگرامدىن ئىچىدۇ. ھەر بوتۇلكىسى 200 مىللىگرام ھەر بوتۇلكىسىنىڭ باھاسى 50 يۈئەن بىر داۋالاش [...]

فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: 1-قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. 2-سۈيدۈك ھەيدەيدۇ. تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش،ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش. ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : باش ئاغرىقى ، كۆكرەك ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئاجىزلىقى،زىققە، بېقىن ئاغرىقى، قورساق ئاغرىقى،ئىشتىھاسىزلىق، ھەر خىل ئىششىقلار ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش،ھەيز تۇسۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1- كەرەپشىنى قاينىتىپ ياكى مۇناسىپ دورىلار بىرلەشتۈرۈپ ئىچىپ بەرگەندە [...]

سەھىپە: خام دورىلار

مەھسۇلات نامى: كۈچەيتىلگەن چۈمۈلە مېيى ئاساسلىق تەركىبى: قاراچۈمۈلە، ئاقىرقەرھا ئەسلى، ئاچچىق قۇستە،قۇندۇز قەھرى،پەرپىيۇن،زەپەر ، ئالىي دەرىجىلىك زەيتۇن مېيى،ياسىمەن يېغى قاتارلىقلار…. رەڭگى ۋە پۇرىقى: قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭلىك ماي بولۇپ ، پۇرىقى ئۆتكۈر كىلىدۇ. تەسىرى ۋە ئاساسلىق ئىشلىتىلىشى: يەرلىك ئورۇننىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ ، ماددا ئالماشتۇرۇلىشىنى ياخشىلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ، ئوزۇق بولۇش ،قىزىتىش ۋە كۈچەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ،ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،سوغۇق ئۆتۈش ۋە قولدا [...]