تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ھىڭ

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئارىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ھىڭ بولۇپ، بۇنىڭ يىلتىزى ، ئۇرۇقى ۋە يىلىمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئادەتتە بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ سۈتكە ئوخشاش يىلىمى ‹‹ھىڭ›› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ رەتسىز ، ئۆلچەمسىز ، مونەكسىمان كېلىدۇ . سىرتقى يۈزى قۇڭۇر سېرىق ، ھۆل ۋاقتىدا رەڭگى سۇستراق ، مايلىق ، مەلھەم شەكلىدە بولغانلىرى قۇيۇق يېپىشقاق ، ئىچى كۈلرەڭگە مايىل ئاق كېلىدۇ . تەمى ئاچچىق ، ناھايىتى ئۆتكۈر پۇراققا ئىگە چاينىسا تىلنى كۆيگەندەك سېزىم ھېس قىلدۇرىدۇ. پۇرىقى ناھايىتى سېسىق . بازارلاردا تولىراق ئۇچرايدىغىنى ئۇنىڭ ساختىسى بولۇپ ، ھەقىقىي ھىڭنى تاپماق سەل تەسرەك . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ھىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ پۇرىقى زىيادە سېسىق بولغانلىقتىن بۇنى يىغىۋالىدىغانلار يوق دىيەرلىكمىش . ھىڭ ھۆتىكى غولجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ دەرەخ يىلتىزىغا ئوخشاش لېكىن توقۇلمىلىرى سەل شالاڭراق ۋە بوش كېلىدۇ ، سىرتقى يۈزى قوڭۇر رەڭدىراق ، ئىچكى تەرىپىنىڭ رەڭگى ئاق ، ئاق سېرىق ، مېغىزرەڭ دېگەندەك بىر نەچچە خىلدا بولىدۇ . كۆپ ھاللاردا ھىڭ تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇرۇنباسار سۈپىتىدە غولجاڭ ئىشلىتىلىدۇ.

ھىڭنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئۇچۇچان ماي ، رېزىنا ۋە دەرەخ يىلىمىدىن ئىبارەت . ئۇچۇچان تەركىبىنىڭ مىقدارى %20 ئەتراپىدا بولىدۇ.بۇ رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك مايسىمان سۈزۈك سۇيۇقلۇقتۇر . ھىڭ ئۇچۇچان مېيى ئاساسلىق پېنىن ۋە كۆپ خىل ئورگانىك سۇلفېدلىرىدىن ئىبارەت .

ئۇچۇچان مېيى كېسەل پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغقا نىشبەتەن مەلۇم دەرىجىدە تۇرمۇزلاش ئۈنۈمىگە ئىگە.

چىلاپ چىقىرىلغان سۈيىدىن %10 لىكى چاشقاننىڭ تۇمۇرىغا ئۇكۇل قىلىنسا قان ئۇيۇشقا قارشى بىر خىل رېئاكسىيە ھالىتى كۆرۈلگەن ، ھىڭنىڭ نېرۋىلارنى قوزغىتىش ۋە بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار.

ھىڭنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرجىدە قۇرۇق ئىسسىق . بەزى كىتابلاردا ھىڭنىڭ قۇرۇقلىقى ئىككىنچى دەرىجىدە ، ئىسسىقلىقى تۆتىنچى دەرىجىدە دېيىلگەن ، بەلكىم مۇشۇ قاراش توغرا بولسا كېرەك . ھىڭنىڭ باھنى ، پەي نېرۋىنى ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، تېرىنى پارقىرىتىش ، ماددىنى تارقىتىش ، يۇمشىتىش ، قاننى جانلاندۇرۇش ، غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنى تەڭشەش ، يەل تارقىتىش ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش ، ئاغرىق پەسەيتىش .

ھىڭنى ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەردىن باھ ۋە پەي ئاجىزلىقى ، كۆز قاراڭغۇلىشىش ، سۇغۇقتىن بولغان مېڭە ئاغرىقى ، ئۇنۇتقاقلىق پالەچ ، لەقۋا ، ئىستىرخا ، تىترىمە كېسەل ، سەرئى ، ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ئىشتىھاسىزلىق ، قورساق ئاغرىش ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشى ، قۇلاق ئېغىرلىقى رېماتىزىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

زەيتۇن يېغىدىن 15گرام ، ھىڭدىن يەتتە گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتسا ، قۇلاق ئېغىرلىقىغا پايدا قىلىدۇ .

ئۇد سەلپ 10 گرام ۋە ھىڭدىن ئۈچ گرام ئېلىپ سۈرۈپ گەجگىگە چاپسا سەرئى ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.

قارىمۇچ ئون گرام، مۇرمەككى بەش گرام ،ھىڭدىن بىر گرام ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.

ئۈستىقۇددۇس ، بادرەنجىبۇيا ، ئىزخىر ، ئاقىرقەرھا ، ئىگىر ، ھىڭ ۋە ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا پالەچ ، لەقۋا ، رەئىشەلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

1.5گرام ھىڭنى بەش دانە چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى بىلەن قۇشۇپ يېيىش جىنسىي قابىلىيەتنى ناھايىتى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ.

يەنە شەيخنىڭ ئېيتىشىچە ھىڭ چايان چاققانغا پادىزەھرى(زەھەر قايتۇرغۇچى) بولىدىكەن .

ئىشلىتىش مىقدارى: 0.5 – 2 گرامغىچە .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يەل پەيدا قىلىدۇ ، مېڭە ۋە جىگەرگە زىيان قىلىدۇ ۋە ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگىمۇ زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى : ئەرەب يىلىمى ، ئاچچىق ۋە تاتلىق ئانار ، رۇمبەدىيان ، بىنەپشە ، ئالما سۈيى ، سەندەل شەربىتى قاتارلىقلار….

ئورۇنباسارى : گاۋشىر ۋە ئەنجۈدان.

ئاساسلىقى ئىلى ۋىلايىتىدىن چىقىدۇ.



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....