تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

خام دورىلارنىڭ تەسىرى ۋە تەسىر مېخانىزىمى توغرىسىدا
بىلگەجان بىلەن قىسقىچە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، بىلگەجان خام دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمىنى چۈشەندۈرىدىغان ،مەن شۇ دورىلارنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە يازىدىغان بولدۇق.
دورىلارنى يېزىشتا ئۆزۈم تەسىرى كۈچلۈك دەپ قارىغان دورىلاردىن باشلىدىم. خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەردىن باشقىلىرىنى كاللامدا ساقلىنىپ قالغانلىرى بويىچە يازغانلىقىم ئۈچۈن ،بۇ جەرياندا خاتا يېزىلىپ قالغان ياكى يېزىپ قويغان يەرلىرىم بولسا تۈزەتمە بەرگەيسىزلەر…..

1
چۆبىچىن

بۇچۆبىچىن ئەسلى ياكى قىزىل چۆبىچىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى بىر خىل چاتقالسىمان ئۆسۈملۈك بولۇپ ، قىزغۇچياكى قارامتۇل رەڭلىك مېۋىسى بار. چۆبىچىن بولسا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىتىلگەن يىلتىزىنى كۆرسىتىدۇ. خەنزۇچە 土茯苓 ياكى 菝葜 دەپ ئاتىلىدۇ. http://image.baidu.com/ دىن ئىزدەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ
چۆبىچىن ئاق ۋە قىزىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولۇپ، ئېقى چاقماق قەنت شەكلىدە ھەر خىل بولىدۇ، ئۇمۇ كىتابلاردا بىر خىل يىلتىز دەپ قارالسىمۇ ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ زەمبۇرۇغلاردىن ئېچىتىپ ياسالغان دورا ئىكەن. قىزىلىنىڭ شەكلى ياڭيۇ چوڭلۇقىدا ،يۈزى مۇدۇر بولۇپ، جىسمى ناھايىتى قاتتىق، تەمى خۇشپۇراقراق كېلىدۇ. رەڭگى قانچە توق بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ. بۇ دورا ھەققىدە قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۆلىمالاردىن ئىمامۇددىن كاشىغەرى ‹‹ چۆبىچىن ھەققىدە رىسالە›› دەپ بىر كىتاب يازغانلىقى مەلۇم. ھىندىستان موغۇل ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە ياشىغان تېۋىپ مۇھەممەد ئەكبەر ئەرزانىنىڭ ‹‹ قارابادىن قادىرى ›› ناملىق پىششىق دورىلار ئۆلچەملىرى كىتاۋىدا چۆبىچىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبىنسىنا ۋە باشقا بىر نەچچە تېۋىپنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ‹‹ تۆھپەتۇل ئاشىقىين ›› دېگەن كىتابتىمۇ چۆبىچىن دېگەن دورىنىڭ قاچان ۋە قانداق بايقالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. ھازىرقى تېۋىپلاردىن باقى ئالىم قەلىمىگە مەنسۇپ ‹‹ چۆبىچىننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى›› دېگەن كىتاب بار،بۇ كىتابچىدە چۆبىچىننى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرى ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇلغان.
ئۇمۇمەن بۇرۇنقى تېۋىپلار بۇ دورىنى مەخپى دورىلار قاتارىدىن ساناپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭ نۇسخىلىرىنى ئاشكارىلىمىغان . چۆبىچىن تەبىئىتى جەھەتتە ئىنسان مىزاجىغا يېقىن ۋە تەسىرلىرى كۆپ ۋە مەن ئامراق دورا بولغاچقا ئۇنى بىرىنچى قاتارغا تىزدىم ۋە قىزىل چۆبىچىن ھەققىدىكى بايانلارنىلا يازدىم.

پارماكوپىيەلىك (دورىلىق) تەسىرى: جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش،يۈرەك رېتىمىنى نورماللاشتۇرۇش، مەنى تۇتۇش تەسىرلىرى بار.
تەبىئىتى: ئىكىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
خۇسۇسىيىتى: جاراسىملارغا قارشى تۇرۇش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، تەرەتنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق ماددىلارنى تارقىتىش، تەرلىتىش، خۇشلۇق كەلتۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، رەئىس ئەزالارنى، ئاشقازاننى،باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈكۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش،ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، ئەزا تىترەش ۋە يىغىلىپ قېلىش، سەۋدا خارەكتىرلىك كونا باش ئاغرىقى، كونا نەزلە، جۇنۇن، ماخاۋ، سېفلىس، ھەر خىل يىرىڭلىق يامرايدىغان چاقا، تەمرەتكە، قۇتۇر ، قىچىشقاق، گۆشخور چاقا، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى يىرىڭلىق يارا، بۇۋاسىر، ئاقما، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، بالىياتقۇنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلىرى، بۇغۇم ۋە يانپاش ئاغرىقى، ئەپيۇن خۇمارى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.



سەھىپە : خام دورىلار

2 پارچە ئىنكاس بار .

  1. tadu مۇنداق يازغان:

    2.
    بادىرەنجىبۇيا
    بۇ سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك باغ بادىرەنجىبۇيىسى بولۇپ، ئادەتتە ئۇرۇقى ۋە شاخلىرى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشى مۇپەررىھى قەلب بولۇپ، يۈرەكنى خۇش قىلغۇچى ياكى يۈرەككە خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى دېگەن مەنىدە .شىپالىق ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ،باھاسى تولىمۇ ئەرزان دورىدۇر.
    بۇ ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، باغ بادىرەنجىبۇيىسى،تاغ بادىرەنجىبۇيىسى ۋە بادىرەنجىبۇيا ھىندىدىن ئىبارەت.
    خەنزۇچە 香青兰 دېيىلىدۇ، بۇ باغ بادىرەنجىبۇيىسىدۇر.تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ قۇرۇق چۆپى.
    دورىلىق تەسىرى: بۇنىڭ تەركىبىدىكى سىترونىلولنىڭ تارتىشىشنى توختىتىش رولى بار. ھېستامىن ياكى ئاستىل خولىنگە بىۋاسىتە تاقابىل تۇرالايدۇ ياكى توسىدۇ. سىترونىلول بەلغەم بوشىتىش تەسىرىگە ئىگە.
    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
    خۇسۇسىيىتى: غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھەزىمگە ياردەم بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، پېڭە،يۈرەك،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بار.
    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يۈرەك بىئارام بولۇش، ئۇنۇتقاقلىق، تۇتقاقلىق، مالىخولىيا(ساراڭلىق) قورساق كۆپۈش، بۇغۇم ئاغرىقلىرى،باش قېيىش، زىققە ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  2. tadu مۇنداق يازغان:

    سۆئلەپ مىسرى

    بىر خىل يىلتىز بولۇپ، تۈلكىنىڭ مايىقىغا ئوخشاپ كەتكەچكە تۈلكە مايىقى دەپ ئاتىغان، سۆئلەپ دېگەن تۈلكە دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ياخشىسى مىسىردىن چىقىدىغىنى،ئۇنىڭدىن ناچارراقى تۈركىيەدىن چىقىدىغىنىدۇر.
    توردىن خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە نامىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندىكى چىققان نەتىجە سۆئلەپ چىنىغا ئائىت بولۇپ،ئۇ سۆئلەپ مىسرىنى كۆرسەتمەيدۇ.
    تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
    خۇسۇسىيىتى: بۆرەك، باھ، پەي، مېڭە، نېرۋا ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش، سۈت ۋە مەنى پەيدا قىلىش، ئاغرىق توختىتىش، ياخشى قان پەيدا قىىلش ۋە بەدەننى سەمرىتىش تەسىرى بار.
    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى، بۆرەك ئۇرۇقلاش، قان ئازلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، مەنى بالدۇر كېتىش، سۈت ۋە مەنى كەملىك، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    سۆئلەپ،شاقاقۇل، تۇخۇمسېرىقى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنى تۇلۇقلايدۇ.
    بۇنىڭ باھاسى ھەر كىلوگرامى 1500 ئەتراپىدا .
    بۇ دورىنىڭ مەجۈنى سۆئلەپ ۋە قۇرسى سۆئلەپ دېگەن مۇرەككەپ ياسالمىلىرى مەشھۇر.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....