تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

تادۇبەگدىن– بۇ ئەسەر تاجىكام مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، بەزى رېتسىپلار نىڭ تەرجىمىسىدە ياكى كۆچۈرۈلۈش جەريانىدا خاتا بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇندا يەرلەر بولسا ئەسكەرتىش بەرگەيسىزلەر…

لوقمان ھەكىم ئىلمىي ئاممىباب تىبابەت دەستۇرى

1993- يىلى تاشكەنت نەشىرى

شەرىقتىكى دانىشمەنلىك پىرى— لوقمان ھەكىم مەزكۇر رىسالىدە ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشى، ئانا قورسىقىدىكى نابۇت بولغان ھامىلىلەرنى چۈشۈرۈش، كۆزگە ۋە بەدەنگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىش، يۈرەك كېسەللىكى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈستىدە توختىلىپ، ئاسان ۋە ئىلمىي ئاممىباب تىبابەت تەسۋىرلىرى ئارقىلىق، سىزگە ئامانلىق تىلەيدۇ.

ـــــــــ ئۆزبېكچىدىن تەرجىمىدە:
ئابدۇرەھىم نەۋرۇز

ئاللاھ ئىنساننى ياراتتى، ئۇنىڭغا قەددىي- بەست، 248 چوڭ- كىچىك سۆڭەك، مۇسكۇل، مۇشاق، پەيلەر ئاتا قىلدى. يۈرەك ساغلام بولسا، تەن ھەم مۇستەھكەم بولىدۇ. ئادەمنىڭ يۈرۈكى— سول كۆكرەكتىن جاي ئالغان. يۈرەك— باشقۇرغۇچى، ئاسراپ تۇرغۇچى، جىگەر— تەننىڭ مۈلىكى، قان سەرچەشمىسى، ھارارەت، جاسارەت ۋە بىباقلىق مەنبىئەئىدۇر.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ رېتسىپى:
— ئۈچ مىسقال قەلەمپۇر، ئىككى مىسقال ھىندى شىپائىخاسى، مۇسقەت ياڭىقى ۋە تازىلانغان ھەلىلە؛ ئوتتۇز مىسقال ئەتىرگۈل گۈلبەرگى، يۈز مىسقال زەھرە ۋە يۈز مىسقال كاشىنچ ئۇرۇغى تەييارلىنىپ سوقۇپ، قاينىتىلغاندىن كېيىن، شىكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرىلىدۇ. ھەر سەھەر يىرىم مىسقالدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ. تەسىرى: كۆزنى رۈشەنلەشتۈرىدۇ، ئەقلىي پائالىيەتنى ياخشىلايدۇ، بارچە خەستىلىكلەرنى يوقىتىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

تۆت مىسقال قەلەمپۇر، بەش مىسقال دالچىن، ئىككى مىسقال ھىندى زەفران، توققۇز مىسقال مۇسقەت ياڭىقى، توققۇز مىسقال چىنگۇل گۈلبەرگى، بەش مىسقال زەنجىۋىل، ئون ئالتە مىسقال ھەلىلە، بەش مىسقال ئەتىرگۈل گۈلبەرگى، يۈز يىگىرمە مىسقال سېدانە، يۈز مىسقال جوۋانە، ئاتمىش مىسقال كاناب ئۇرۇغىنى ياخشىلاپ ئارىلاشتۇرۇپ، بامداتتىن كېيىن ئىستىمال ئېتىلىدۇ. بارچە دەردلەردىن خالىي بولۇپ كېتىسىز.
❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
كىمكى ئىت پوستىكىدە ئولتۇرسا، دەردكە مۇپتىلا بولمايدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر خوراز قېنىنى قۇرۇتۇپ، بەد فېل، ھەسەتگۈي كىشىنىڭ تامىقىغا قوشۇپ بەرگەندە، ئۇ ياخشى تەرەپكە ئۆزگۈرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئايرىم ئاياللارنىڭ پەرزەنتسىز بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەپلەر:
بىرىنچى، ئايالنىڭ يۈزى سارغايغان بولسا، دىمەك ئۇنىڭ بالاياتقۇسى شامالدىغان؛ ئىككىنچىسى، بالاياتقۇسى ياللۇغلانغان ۋە قانىغان ئاياللار؛ ئۈچىنچىسى، بالاياتقۇسىدا سېرىق سۇ توپلانغان ئىششىق بار ئاياللار؛ تۆتىنچىسى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئېتىلىپ قالغان ئاياللار؛ بەشىنچىسى، بالاياتقۇسى زەرەرگە ئۇچرىغان ئاياللار؛ ئالتىنچىسى، بالاياتقۇسى جادۇ ئېتىلگەن ئاياللار؛ يەتتىنچىسى، بالاياتقۇسى كېسەللەنگەندىن كېيىن قۇۋۋىتىنى يوقاتقان ئاياللار.
بۇ كېسەللىكلەر قانداق ئېنىقلىنىدۇ؟
بالاياتقۇسى شامالدىغان ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ياكى مۇناسىۋەت ۋاقتىدا كۆپ تەرلەيدۇ؛ بالاياتقۇسىدا ئىششىق بار ئاياللار مۇناسىۋەتتە ئاغرىقتىن قېينىلىدۇ؛ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلغان ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت پەيتىدە راھەتلەنمەيدۇ، ئاغرىق سىزىدۇ؛ بالاياتقۇسى كېسەللىك كۆرگەن ئايالنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئۇرۇغلۇق سۈيى كەلمەيدۇ؛ بالاياتقۇسى جادۇلانغان ئاياللار ھامىلدار بولۇشى مۆمكىن، لېكىن 1-2 ئايدا بالا تاشلايدۇ.
بۇ كېسەللىكلەردىن ساقىت بولۇش سىرلىرى نىمە؟
— بالاياتقۇسى شامالدىغان ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئاۋال بۆرە ۋە قاغىنىڭ قۇرۇتۇپ پارچىلانغان زەردانىغا سوقۇلغان قەلەمپۇر قوشۇپ، جىنسىي ئەزاسىغا كىرگۈزسۈن، ھامىلدار بولىدۇ.
— بالاياتقۇسى ياللۇغلانغان ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئاۋال جىنسىي ئەزاسىغا توشقان زەردانى بىلەن زەفرانىنى فارىس بەلچىغىغا قوشۇپ كىرگۈزسۈن، بويىدا بولىدۇ.
— بالاياتقۇسىدا ئۆسۈمتەسى بار ئاياللار مۇناسىۋەتتىن ئاۋال جىنسىي يولىغا نەھەڭ ۋە تۈلكە زەردانىغا سوقۇلۇپ تەييارلانغان مۇسقەت ياڭىقىنى قوشۇپ كىرگۈزسۈن، ھامىلدار بولىدۇ.
— تۇخۇمدان يولى توسۇلغان ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئاۋال جىنسىي يولىغا بايئوغلى زەردانى ۋە قۇلاقلارىدىن تەييارلانغان دورىنى قەلەمپۇرغا قوشۇپ كىرگۈزسۈن، بويىدا بولىدۇ.
— بالاياتقۇسى كېسەللىك كۆرگەن ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئاۋال كىرپىنىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىغا دالچىن ۋە قەلەمپۇر قوشۇپ تەييارلانغان دورىنى جىنسىي ئەزاسىغا قۇيسۇن، ھامىلدار بولىدۇ.
— بالاياتقۇسى زەرەر يىگەن ئاياللار قارا يىلاننى تازىلاپ، بۆلۈپ ھەسەل بىلەن قاينىتىپ يېسۇن.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ئايالنىڭ ھەيىز كۆرۈشى تۇتۇلسا، جىنسىي ئەزاسىنى ئاۋال ئۆچكە سۈتى بىلەن يۇيۇپ، كېيىن قارا مۈشۈكنىڭ پوقىنى سۈرتسۈن، ھېيىز كىلىدۇ؛ يەنە بىر ھالەتتە، كۈنجۈت ئۇنىدىن بوتقا تەييارلاپ ئاز- ئازدىن تاناۋۇل ئەتسۇن، ھەيىز كىلىدۇ؛ يەنە ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىغا قوشۇپ تىندۇرۇلغان شاراپ ئىچسۇن، ھەيىز كىلىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ئايالنىڭ ھەيىز كۆرۈشى توختىمىسا، ئېشەك تۇيىقىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يەتتە كۈن ئىچىدە جىنسىي ئەزاسىغا قۇيسا، كېيىن توخۇ گۆشىنى يېسە ھەيىز توختايدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

سىيىرنىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىنى جىگدە بەرگىگە ئوراپ تۇمار قىلىپ يۈرگەن ھەر بىر ئادەم پەرزەنت كۆرىدۇ.
ئايال بويىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئاۋال جىنسىي يولىغا قارا مۈشۈك قېنىدىن قۇيسۇن؛ ياكى چۆل كېيىكىنىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىنى كىرگۈزسۈن، ئۇ ئەلۋەتتە ھامىلدار بولىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ئايالنىڭ بالاياتقۇسىدىن سۇ ئاقسا، جىنسىي ئەزاسىغا ئۆچكە سۈتى ۋە قوي يۇڭىدىن دورىلىق تەييارلاپ سۈرتسۈن؛ بويىدا بولىدۇ. ئايال سەھەردە ئۈچ قىسىم ئارپا بەدىيان ۋە بىر قىسىم قەلەمپۇردىن قىلىنغان تالقان يەپ بەرسە ھامىلدار بولىدۇ.
❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

خېچىر يۈرىكىنى تاناۋۇل قىلغان ھەر بىر ئايال پەرزەنت كۆرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

مۇشىك، چىنىگۇل، بۆرى ۋە قارا قوينىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىدىن تەييارلانغان دورىنى قوشۇلۇشتىن ئاۋال جىنسىي ئەزاسىغا قۇيغان ئايال پەرزەنت كۆرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

قوشۇلۇشتىن ئاۋال جىنسىي يولىغا شىكەر ۋە ھەسەل ئارىلاشمىسىنى قۇيغان ئايال ھامىلدار بولىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ئايالدا يەڭگىل قان كېتىش يۈز بەرسە، جىنسىي يولىغا چىچەك، بۆرى ۋە قارغىنىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىدىن تەييارلانغان مەلھەم قۇيسۇن، پەرزەنت كۆرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئايال پاختا چىگىتى ۋە سىيىرنىڭ سۈتىدىن دورىلىق تەييارلاپ يەتتە كۈن جىنسىي ئەزاسىغا قۇيسا، ھامىلىلىك بولىدۇ.
❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئايالنىڭ بالاياتقۇسىدا كېسەل بولسا، ئۈچ مىسقال جىگدە، ئىككى مىسقال كاشىنچتىن قايناتما تەييارلاپ، يەتتە كۈن ئىچسە بويىدا بولىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ھامىلدار ئايال تاماققا تېز- تېز ئىسرىق ئىشلەتسە، تۇغۇشىدا ئاغرىق بولمايدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ھامىلە ئانا قورسىقىدا نابۇت بولسا، ئايال ئۆز بەدىنىگە سەۋزە ئۇرۇغىنى ئىشقىلىشى كېرەك، ھامىلە چۈشىدۇ؛ ياكى ئىسرىق بىلەن سەۋزە ئۇرۇغىنى تۇتاشتۇرۇپ ئىككى ئايىغى ئارىسىغا قويسا ھامىلە چۈشىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

پاختا چېگىتى بىلەن بىيە سۈتىدىن دورا تەييارلاپ جىنسىي يولىغا قۇيغان ئايال قىز تۇغىدۇ؛ تورنا، ناركېيىك ۋە قوينىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىنى جىنسىي يولىغا كىرگۈزسە ھەم قىز كۆرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

كۆزى يورۇش ئالدىدىكى ئايال ياغدا قورۇلغان يالپۇز ئىستىمال قىلسا، بېلىدىكى ئاغرىقلار يوقايدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ئايال كىشى قورۇلغان سەۋزە ئۇرۇغىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يېسە، ھەيىز كۆرۈشى توختايدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر ھامىلە ئانا قورسىقىدا نابۇت بولسا، ئانىغا ئىت سۈتى بىلەن ھەسەل ئىچىرىڭ، ھامىلە چۈشىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

جىنسىي قۇۋۋىتى ئاجىزلىغان ئەركەك سامساق، دۈمبە-ياغ ۋە سۈت ئارىلاشقان قايناتما ئىچسۇن، بۇ قايناتما تەندىكى باشقا ئىللەتلەرنى، مەسىلەن: بادنى ھەم ھەيدەيدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

پىياز بىلەن قورۇلغان گۆش ئەركەكلىك قۇۋۋىتىنى تىكلەيدۇ، بادتىن خالاس قىلىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

نەرگىس مېيى ئەركەكلىك جىنسىي قۇۋۋىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەنجۈر ئىستىمال قىلىش — جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر كىشىنىڭ پىشەبى تۇرمىسا، چېگىرىتكە ئىستىمال قىلسۇن.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

پىشەبى تۇتۇلغان كىشى كىرپىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تەناۋۇل قىلسۇن؛ پەنجىلىرى بىلەن قوشۇپ قاينىتىلغان خوراز ھەم پايدا قىلىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

ئەگەر توخۇ سەفراسى بىلەن مۇرتەكنى مەلھەم قىلىپ، جىنسىي ئەزاغا سۈرتىلسە، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەر- خوتۇننىڭ بىر- بىرىدىن كۆڭلى رازى بولىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

جىنسىي ئەزاغا كورشاپىلاق قېنى سۈرتىلسە، جونبوشقا كەلتۈرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

لەيلەك گۆشى جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

بۇلبۇل گۆشى جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ.

❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
مەنبە – تاجىكام مۇنبىرى



5 پارچە ئىنكاس بار .

  1. tadu مۇنداق يازغان:

    سامساقنى خام پېتى ئىستىمال قىلسا، ئاشقازان قۇرتىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلغان تۇرۇپ ئۇرۇغى ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە كار قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئىسىتقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قۇرۇتۇلغان چېگىرىتكە ئىستىمال قىلىش لازىم.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەتىرگۈل مېيىگە ئارىلاشتۇرغان ئىسرىقتىن مۇئەييەن مىقدار ئىچكەن كىشى ئاشقازان قۇرتلىشىدىن خالاس بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كىشى كۆڭۈل ئاينىشتىن قىينالسا، ئاۋال شىكەر سېپىپ قويۇلغان يالپۇز بەرگىنى يىسۇن، يالپۇز ئىستىمال قىلىش بەلغەمنى ھەيدەيدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    تاماققا تاغ يالپۇزىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئادەمنىڭ ئاشقازىنى بەقۇۋۋەت، ئۆزى كۈچلۈك بولىدۇ، ھېچقاچان زەردىگە ئۇچرىمايدۇ، «ھارام قان» كۆپىيىش دىگەن دەرتتىن قىينالمايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سەھەردە ئازغىنە ئىسرىق يەيدىغان ھەر بىر كىشى جىگەر خەستىلىكلىرى ۋە ئىسىتىسقا، ئىچەك ياللۇغلىنىش، قورساق كۆپۈش، بەلغەم ۋە باۋاسىلدىن مۇستەسنا بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    تۇرۇپ، مىڭبىشى، ئارپابەدىيان، كاشىنچ ئۇرۇغلىرىدىن ئۈگرە قىلىپ، شورپىغا سېلىپ ئىچكەن كىشىگە ھېچقانداق كېسەللىك دارىمايدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئىستىسقىنىڭ داۋاسى: چېگىرىتكىنى قۇرۇتۇپ، كۇكۇن ھالەتكىچە سوقۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئىستىسقىنىڭ ئۈچ تۈرى بار: ئىستىسقائى تابلىي (ناغرىسىمان ئىستىسقا)، ئىستىسقائى لەھمىي (گۆشلۈك ئىستىسقا)، ئىستىسقائى زەققىي (مەشسىمان ئىستىسقا، قورساقتا سۇ يېغىلىش)، قەلەمپۇر، ياڭاق مېغىزى، چىنىگۇل ئۇرۇغى، دالچىن، زەنجىۋىل، سەۋزە ئۇرۇغى، ئازغاننى ئارىلاشتۇرۇپ، ھاۋانچىدە سوقۇپ، قازاندا قىزدۇرۇپ، سۈت قوشۇپ ھەر كۈنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىشىنىڭ ئىچى سۈرسە، توخۇ گۆشىنى قاينىتىپ تۇزلاپ يېگەي، ئىچى سۈرۈش توختايدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كىشىنىڭ ئىچى سۈرۈشى قارا ياكى سېرىق رەڭلىك ئەخلىتى قۇرۇق بولسا، بەش دانە ياڭاق مېغىزىنى ئۆچكە سۈتىدە قاينىتىپ ئىستىمال قىلسۇن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر قورساق ئاغرىسا، بۆرىنىڭ سەفراسى بىلەن پىياز سۈيىدىن مەلھەم تەييارلاپ قورساققا سۈرتسە، ئاغرىق توختايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىمكى، ھەر سەھەردە قايناغان ئىسرىق كاپ ئەتسە، قورساق ئاغرىقىغا داۋا تاپىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كارافىس ئۇرۇغىنى ئىستىمال قىلسا، قەۋزىيەتكە داۋا بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قورساق ئاغرىسا تۇرۇپ ئۇرۇغىنى سۈت بىلەن ئىچىش لازىم. بۇ خىل مەلھەم يۈزدىكى سەپكۈننى ھەم چۈشۈرىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئاشقازان ئاغرىقىدا كورشاپىلاقنى قورۇپ، زەفران سېلىپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قەۋزىيەتكە كورشاپىلاق سەفراسىنى سۈتكە سېلىپ ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئىسرىق قورىمىسى يۈرەك ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

  2. tadu مۇنداق يازغان:

    يۈرىكى ئاغرىق كىشىلەرگە ئىسرىقنى سوقۇپ، نىپىز ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈنجۈت مېيى قوشۇپ ھەر كۈنى ئۈچ مىسقالدىن ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىمنىڭ يۈرۈكى تېز- تېز سوقسا، ئاق خوراز سەفراسى بىلەن بادام يىغىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسۇن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر سوقۇلغان سەندەل ئىستىمال قىلىنسا، باد، شىش، يۈرەك سېلىش يوقۇلىدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يۈرەك خەستىلىكلىرىدىن قىينالغان كىشى يىلىتىلغان توخۇ تۇخۇمىنى شىكەر بىلەن بىرگە قاينىتىپ ئىستىمال قىلسۇن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    مادار خورشى، تەن ھارارەتنىڭ ئارتىشى، بويۇن، قۇلاق، كۆز ئەتراپىدىكى ئاغرىقلار—قان ئايلىنىش بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر قارنىڭىز مىيەرگە چۈشۈشنى خاھلىسىڭىز، خورما، ئالچە ۋە گۈلئابتىن شەربەت قىلىڭ، ئۈچ كۈن ھەر سەھەر ئاچ قورساق ئىچىڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئادەم قىنىنىڭ بىر تامچىسى ئۆيدىكى بارچە بۈرگىلەرنى ئۆزىگە يىغىپ ئېلىشقا قادىر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر ئادەمدە ئىچكى قان كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرسە، ئىسپاغۇل ئېلىپ يىرىمىنى قورۇسۇن، قالغان يىرىمىنى خام پېتى قورۇلغىنىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۈچ كۈن ئىستىمال قىلسا، قان كېتىش توختايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سورونقىلى زەردە بولغان كىشى راۋوچ ئىستىمال قىلسۇن، ئامما ئەركەك ئادەم ئۇنى مىقداردىن ئاشۇرمىسۇن، جىنسىي قۇۋۋىتى مەلۇم مۇددەت پەسىيىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    ئەگەر ئېغىزدىن تاتلىق مازا كەلسە—قان كۆپەيگەن؛ ئېغىز ئاچچىق بولسا — سەپرا كۆپەيگەن؛ ناردان بولسا— بەلغەم ئاشقان، شور تەم كەلسە—سەۋدا كۆپەيگەنلىكىدىندۇر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئېغىزدا ناردان — ئاچچىق مازا، باش ئاغرىقى، قول-پۇت ئىششىشى، گىژژە، كۆز تېنىشى— بەلغەمدىندۇر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئېغىز بەتتاملىقى، بىئاراملىق، غىجىملىق، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، ئەندىكىپ يۈرۈش، ئارتۇقچە گەپ قىلىش، قورقۇمسىراش، خاتىرىس سۇسلاش — سەۋدادىندۇر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    باش ئاغرىقى، بويۇن سىرقىراش، ئېغىز قۇرۇش، يۈزى سارغىيىش، چاچ چۈشۈش، ئېغىز ئاچچىقى، قول- پۇت تىترەش، كۆز ئالدىنى تۇمان قاپلاش، ھېزىم قىلىش ناچارلىشىش — سەۋدادىندۇر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر سەپرا مىقدارىنى ئازايتىشنى ئويلىسىڭىز، ناردان ۋە شېرىن (تاتلىق) ئانار مېۋىسىنى تەڭ ئېلىپ، سۈيىنى سىقىڭ، بىر كىچە- كۈندۈز ھاۋادا تىندۇرۇپ قويۇڭ، كېيىن ئۇنىڭغا ئۈچ مىسقال ھەسەل قوشۇڭ، بۇ خىل مەلھەم ئۈچ كۈن سەھەردە ئاچ قورساققا ئىچىلسە، سەپرا كىمىيىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر بەلغەمدىن خالاس بولماقچى بولسىڭىز، زەنجىۋىل، دالچىن، قەلەمپۇر، ياڭاق، ئارپابەدىيان ۋە يانتاق شېكىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى ئۈچ مىسقالدىن ئىستىمال قىلىڭ.
    ئارتۇقچە سەۋدادىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىز، زەپىرەڭ ۋە يانتاق شىكىرىدىن شەربەت تەييارلاپ ئۈچ كۈن سەھەردە ئىستىمال قىلىڭ، زەردىسى كۆپەيگەن كىشى تا تۈزەلگىچە ناردان تائاملاردىن ئۆزىنى يىغماقى لازىم.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەنجۈر يىگەن كىشى بەلغەمدىن خالاس بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىشى تاناسىدا ھۆللۈك ئۈستۈن كەلسە، ئىسرىق ۋە سېدانە ئۇرۇقىنى سوقۇپ ئۇنىڭغا بىرەر شىرنىلىك قوشسۇن. كېيىن ھاممامغا كىرىپ شۇ مەلھەمنى ئىسسىق بەدەنىگە سۈرسۈن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    كۆڭيۆتەلگە يولۇققان كىشى ناۋات، قىزىل ئەتىرگۈل گۈلبەرگى، بادام مىغىزى ۋە كاشىنچنى بوتقاسىمان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تاماققا ئىشلەتسۇن. ئەگەر نەپەس نۇرمال بولماي، كۆكرەكتىن خىرىلداش ئاڭلانسا، قارا قوي دۈمبىسى ۋە پىيازدىن شورپا قىلىپ ئۈچ كۈن ئىچىش لازىم.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يۆتەل، قورساق ئاغرىش ياكى دەم ئېلىشتىن قىينالغان كىشى ئىككى يىرىم مىسقال زەنجىۋىل، بەش مىسقال مەيىز، بىر مىسقال ئارپا بەدىياندىن قايناتما قىلىپ ئىچكەي.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆك يۆتەلگە قوي قارچۇغىسىنى قاينىتىپ قۇرۇتۇپ، كېيىن ئۇنى شىكەر بىلەن بىللە ئىستىمال قىلسا مەنپىئەت قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىشى شامالداپ، قاتتىق يۆتەلسە، ئەرتالابلارى تائىفى مېفىرىنى بىنەپشە يىغىنىدا قورۇپ يېيىشى لازىم.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئۇزۇن يۆتەلگە قاينىتىلغان تۇرۇپ يېيىش پايدا قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    چۆل كېيىكىنىڭ سەفراسىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش يۆتەلگە كار قىلىدۇ، ئەنجۈر يېيىش ھەم پايدىلىقتۇر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەنجۈرنى سۈتتە قاينىتىپ يېيىلسە، يۆتەل يوقىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يۆتەلدىن قىينالغان ئادەم بۇغداينى قاينىتىپ، قايناتمىنى سۈتتە مەلھەم قىلىپ خۈپتەندىن كېيىن ئىچكەي، مەنپىئەت قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يۆتەلدىن قىينالغان كىشى دۈمبە يىغىنى سۈتتە قاينىتىپ، ئۇنى سىركە بىلەن ئىستىمال قىلىشى لازىم.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يۆتەل قىينىغان كىشى يېڭى تۇرۇپنى ھەسەل بىلەن يىسە ھەم بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    سۆرۈن يۆتەل داۋاسى ئۈچۈن ئىككى مىسقال بىنەپشىنى ئىككى قاچا سۇدا قاينىتىشى كېرەك. قازاندا تەخمىنەن بىر پىيالىچە قايناتما قالغاندا، پاكىز ماتا بىلەن سۈزۈپ، ئىككى مىسقال ناۋات قوشۇپ ئاندىن ئىچىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    شالغام يىگەن كىشى يۆتەلگە دۇچار بولمايدۇ، شالغام يەنە نەپەسنى يۇمشىتىپ ئۆپكىنى تازىلايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئاۋازى بوغۇلغان كىشىگە تۇرۇپ ئۇرۇغى قايناتمىسى ياخشى پايدا قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سامساقنى تۇرۇپ ۋە تۇز بىلەن يىگەن كىشىنىڭ ئاغزى قۇرۇپ قالمايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    تىل ئاغرىسا، پىياز، يالپۇز، سولىدىن پات- پات ئىستىمال قىلىڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    گال ئاغرىسا چۆل كېيىكىنىڭ تىلىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ يەڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سەھەردە پىياز يەيدىغان ئادەمنىڭ ئاۋازى تازا، روشەن بولىدۇ، پىياز بەلغەم چۈشىشىگە ياردەم بېرىدۇ، بادتىن خالاس قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    بىنەپشە گۈلبەرگى ۋە بەندىدىن ئازغىنا شەربەت سىقىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ مىسقال شىكەر قوشۇپ ئىچىلسە، سەپرا ئارتۇقلىقىدىن قۇتۇلىدۇ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ياخشىلىنىدۇ، يۆتەل قالىدۇ، كاناي قىچىشىشى توختايدۇ.

  3. tadu مۇنداق يازغان:

    ئادەم دائىم ئۇسسۇزلۇق ھىس قىلسا، سۇيۇقلۇقنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، قىزىل گىشتىنى گۈلخاندا تاۋلاپ، كېيىن ئۇنى سۇلۇق ئىدىشقا سالسۇن، سۈيىنى تېندۇرۇپ قۇيۇپ ئىچسۇن، پايدا قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    مىلىك قانىماسلىقى ئۈچۈن ئېغىزغا زەفران قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك، بۇ زىراۋور شامالداش جەريانلىرىغا ھەم ياخشى تەسىر قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئېغىزدىكى يېقىمسىز پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن سۈتكە سوقۇلۇپ تەييارلانغان كاشىنچ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېغىزنى چايقاش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    ئەگەر بۇقا تۇيىقى كۈلىنى سۈتكە ئامۇختا قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن چىش يۇيۇلسا، ئېغىزدىكى بەدبۇيلار، ھەر خىل شامالداش يوقايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قۇرۇتۇلغان گىژژە تالقىنى كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئادەمگە پايدا قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئاغرىغان كۆزگە كىيىك سەفراسىدىن سۈرسىڭىز شىپا تاپىسىز.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆزىڭىزگە سۈرمە تارتىڭ —كۆز ئالدىڭىزدىكى پەردە كۆتۈرۈلگەندەك بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    كۆزگە چۈشكەن ئاقنى زەفران بىلەن يوقىتىش مۆمكىن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر مۇئەييەن مىقدار سىركە بلەن قۇرۇتۇلغان چېگىرىتكە تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، قاپاققا سۈرتۈلسە، كۆزىگە چۈشكەن ئاق يوقىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆز ئاغرىپ قالسا، كاشىنچ قايناتمىسىدىن ئۈچ مەرتە تامچىلىتىڭ، يەڭگىللىك ھىس قىلىسىز.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ناماششام قارىغۇسى (شەبكورلۇق) ئازابىنى تارتىۋاتقان كىشى كۆزىگە كاشىنچ بىلەن ماي چېچەك قايناتمىسىدىن قۇيسا، دەرتتىن خالاس بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىمىكى ئايال سۈتىنى شىكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ، قاپىقى ئاستىغا سۈرتسە كۆز ئاغرىقلىرىدىن خالاس بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىرپىك قېلىنلىقىدىن ئەزىيەت چېكىدىغان ئادەم كۆزىگە ياپىلاققۇش تېرىسىنى باغلىغاي.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆزىگە ئاق چۈشكەنلىكىدىن قىينالغان كىشى كىرپە زەردانىنى قۇرۇتۇپ، ئوتتا قورۇپ، كېيىن سۈرمە تارتقاندەك كۆزىگە سۈرتسۈن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كۆز ئىششىپ ئاغرىسا، قۇرۇتۇلغان بىنەپشىنى پارچىلاپ، ئۇنىڭغا گۈلئاب قوشۇپ كۆزىگە سۈرتسۈن —ئىششىق يېنىپ كۆز روشەنلىشىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆز ئاغرىسا ۋە ئاق پەيدا بولسا، ئەستراگال يىلىمى، دەريا كۆپىكى، ناۋات، شىكەردىن مەلھەم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئايال سۈتى قوشۇلىدۇ. بۇ مەلھەم كۆزگە ناھايىتى زور پايدا قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆزگە ئاق چۈشسە، لالەقىزغالداقنى ھەسەل سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە مەلھەم قىلىنىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆزدە ئاق پەيدا بولسا، مەرۋەرىد چىغاناقىنىڭ كۈلىنى قۇيۇش كېرەك، ئاقتىن ئەسەر قالمايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    دەريا كۆپىكى بىلەن پاختا يىغى ئارىلاشمىسىنىڭ كۆزگە پايدىسى زور.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆزدىن ئاچچىق ياش ئاقسا، دۈمبە يىغى بۆلەكلىرى ۋە ئازغىنە مىقدار زەرجۆبە قوشۇپ قىلىنغان خېمىرنى قوردا پۇشۇرۇپ، ئىسسىق ھالىتىدە بۇرۇن- قاڭشارغا قويۇش (ياكى سۈرتۈش) كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىمكى، تىكەننىڭ قورۇتۇلغان ئۆت پوفىقىدىن سۈرمە تەييارلاپ قاپاقلىرىغا سۈرتسە، كۆز كېسەللىكلىرىدىن مۇستەسنا بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر يىلان تىرىسى كۆزگە قويۇلسا، نىگاھ تىنىقلىشىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىمنىڭكى، كۆزىدە ئاق ياكى قاپاقلىرىدا يارا- چاقا بولسا، زەفرانىدىن تالقان تەييارلاپ كۆزىگە قۇيسۇن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى خىرەلەشسە، سېغىزخان يىغى ۋە ئەتىرگۈل مىيىدىن قىلىنغان مەلھەم تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كۆزدىن ياش قۇيۇلۇپ ئاقسا، خوراز تىرنىقىنى قۇرۇتۇپ قىلىنغان تالقاننى قاپاق ئاستىغا قويۇش كېرەك.

  4. tadu مۇنداق يازغان:

    ئەگەر قۇلاقلىرىڭىزغا تۇرنا ياكى قۇرغۇي ئۆتىدىن تېمىتسىڭىز، چاچ- ساقىلىڭىزغا ئاق چۈشمەيدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قۇلىقى ئاغرىق كىشى سامساق سۈيىنى قۇلىقىغا تامغۇزسا ساقىيىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    ئات تىزىكىنى سىقىپ سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق كېسەللىكلىرىگە داۋا بولىدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    شاپتۇل بەرگىنىڭ سۈيى قۇلاققا تېمىتىلسا، قۇلاق قۇرۇتىنى ئۆلتۈرۈپ ئاڭلاش سىزىمىنى ياخشىلايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كىشىنىڭ قۇلىقى ئاغرىسا، ئۇنىڭغا ئاشكاۋىنىڭ شەربىتىنى تامغۇزۇڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئۆكۈز سەفراسىنى گۇلئاب بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتىلسا، كىرلىكنى داۋالاشتا ياردىمى بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سەككىز دانە ئىنچىكە پىلتىكە تەييارلاپ، ئۇلارغا ياسىمەن يېغىنى تەككۈزۈپ قۇلاققا قۇيۇڭ—كەرلىك سىزگە يولىمايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قۇلاققا سۇ كىرىپ قالسا، پىلكىچە قىلىپ ئۇنى تۇرۇپ ئۇرۇغىنى ئارىلاشتۇرغان پىياز سۈيىگە مىلەپ قۇلاققا تامغۇزۇڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قۇلاق شامالدىسا ئۇنىڭغا سىيىر سۈدىكىدىن بىر تامچە قۇيۇڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سامساق سۈيىنى قوي سەفراسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتىلسا ئاغرىق يوقايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    دالا چاشقىنىنىڭ قېنى قۇلاققا تېمىتىلسا، كەرلىككە شىپا بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قۇلاققا سۇ كىرىپ كەتسە، تۇرۇپ سۈيىنى قوي سەفراسىغا ئارىلاشتۇرۇپ تېمىتىڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر ئات تىزىكىدىن سېقىپ ئالغان سۇ بىلەن زەفراننى ئارىلاشما قىلىپ قۇلاققا تېمىتىلسا، 10 يىللىق گاس قۇلاق ھەم ئېچىلىدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    ئەگەر كىشىنىڭ قۇلىقى غۇڭۇلدىسا، ئەجغان، سەفرا، سېدانەنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇلارنى بوينى تار، جۈمىكى ئۇزۇن كوزىغا سىلىپ، ئوتقا قويۇپ قايناش دەرىجىسىگە يەتكۈزىلىدۇ ۋە قۇلاقنى جۈمەك تېگىگە تۇتىدۇ، ئاڭلاش سىزىمى يۇقىرى بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    بۇرۇندىن قان كەتسە، يالپۇز كۈلىدىن بۇرنىڭىزغا ئېلىڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتالمىغاندا، ئېشەك تېزىكىدىن سىقىپ ئېلىنغان سۇ تېمىتىڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر چىش ئاغرىسا، سامساقنى قاينىتىپ يەڭ ۋە چىش مىلىكىڭىزگە سامساق بېسىڭ— ئاغرىق توختايدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئاغزىڭىزنى گۇلئاب (گۈلسۈيى) بىلەن چايقاڭ، چىشىڭىز مۇستەھكەم بولىدۇ، ئاغرىقلار يوقىلىدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    چىش ئاغرىماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈۋىگە سۆلەكھەيدەر تالقىنىدىن قويۇش لازىم. چىش كاۋىكىغا قەلەمپۇر قويۇش پايدا قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قول- پۇت ئىششىپ كەتسە، سىركىلەنگەن كاشىنچ سۈرۈش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    بادنى داۋالاش ئۈچۈن زەنجىۋىل، دالچىن، تۇرۇپ ئۇرۇغى، ئەنزۇر پىيىزىدىن يىرىم مىسقالدىن ئېلىپ سوقۇلىدۇ. كېيىن قاينىتىپ تاكى دەردتىن خالاس بولغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. شۇ دورىنى كەچقۇرۇنلىقى تاناۋۇل قىلسا، ئەركەكنىڭ جىنسى قۇۋۋىتى ئاشىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئىسرىقنى تۈلكە گۆشى ۋە يىغى بىلەن قاينىتىپ، ئۇنىڭغا سېرىقياغ قوشۇپ، ھەر كۈنى ئىككى مىسقالدىن ئىستېمال قىلغان ئادەم كۆپ كېسەللىكلەردىن، جۈملىدىن، بادتىن قۇتۇلىدۇ، يەنى تېنى نەۋقىران بولىدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئادەم سۆڭىكى كۆيدۈرۈلگەندىكى تۈتۈن ئىچكى ۋە تاشقى بەۋاسىلغا داۋادۇر، ئەگەر بەۋاسىل ئىچكى بولسا، بىمار بۇ تۈتۈندىن نەپەس ئېلىشى لازىم.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    تۇرۇپ ئۇرۇغىدىن بىر نەچچە دانە يېسىڭىز، قىچىشىشتىن قۇتۇلىسىز.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    تەمىرەتكە چۈشكەن كىشى ئىسرىق تالقىنىدىن مەلھەم قويۇسى ياكى پىياز ئۇرۇغىنى قاينىتىپ يېيىشى كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سامساق ۋە شالغام ئۇرۇغى تالقىنى يۈزدىكى داغلارنى ياخشى كەتكۈزىدۇ

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سامساق بىلەن زىرە قايناتمىسى— تەنانى چېنىقتۇرىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قىچىشما بولغان كىشى سامساق يېسە پايدىلىقتۇر.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    پارچىلاپ سوقۇلغان سەۋزە ئۇرۇغىنى جاراھەتلەرگە سەپكەن كىشى شىپاھ تاپىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

  5. tadu مۇنداق يازغان:

    يارا ياكى جاراھەتكە چۇمچۇق گۆشىنى سۈرتسىڭىز تۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كونا مۈگۈز (شاخ) كۈلىنى بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈكى ۋە پوقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يارىغا قويسا، يارا تېزدىن ساقىيىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر ئۈچ مىسقال ئەتىرگۈل ئۇرۇغىنى ھاۋانچىدا سوقۇپ بىر مىسقال ئەرمەن ئۇرۇغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھىندىفا مېيى قوشۇپ، ئەممىسىنى ئىسسق قولدا خېمىر قىلىپ يارىغا سۈرتسىڭىز شىپاھ بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يارىنىڭ قاسمىقىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بەش دىرھام يېلىم، بەش دىرھام ئەسترەغال يىلىمى، بەش مىسقال قەلەي كۈكۈنى، بەش دىرھام سۈرمە تېشى، بىر يىرىم دىرھام ئەتىرگۈل مېيىدىن مەلھەم تەييارلاپ يارىغا قويۇش لازىم.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئادەمگە تەمرەتكە چىقسا، تاماكىنى قاينىتىپ، قايناتمىغا ئوچاق قورۇمىنى قوشۇپ، كېسەل جايغا سۈرۈش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئېشەك تىزىكى ۋە لەتتە كۈللىرى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا تۇرۇپ ئۇرۇغىنى قوشۇپ ھەر قانداق يارىغا ياكى جاراھەتكە مەلھەم قىلىپ قويۇلسا شىپاھ بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىمكى يىلان بىلەن چاشقاننىڭ قېنىدىن مەلھەم دورى قىلسا، جاراھەت ۋە يارىغا داۋا تاپىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىمكى جاراھىتىگە بۆرە سۆڭىكى كۈلىدىن قويسا شىپاھ تاپىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئىششىققا سەتراقى تالقىنىدىن ئازغىنا قويۇلسا، ئىششىق قايتىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر توخۇ توخۇمى، زەفران، قۇرۇتۇلغان كاشىنچ (ھەممىسى بىر دىرھامدىن) مەلھەم دورا تەييارلاپ، يارىغا سۈرۈلسە، يارا ساقىيىدۇ.
    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كىشىدە ئۆسمە- ئىششىق پەيدا بولسا، ھەسەل ھەرە كۆنىكىدىن قايناتما قىلىپ ئىچىشى لازىم.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئىششىغان يۈزنى تۆگە سۈتى بىلەن يۇيۇش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كىشىنىڭ ئەزائى بەدىنى ئاغرىسا، ئۇ قورئانى كەرىمدىن «مۇئاۋۋەزاتانى» سۈرىسىنى ئوقۇسۇن، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    سامساق پەللاسىنى ياغدا قورۇپ تەناۋۇل ئەتسە، تەنادىكى قىچىشىش يوقىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    رەۋاچ ئۇرۇغىدىن تالقان تەييارلاپ، ھاممامدا ئىسسىق بەدەننى ئۇنىڭ بىلەن ئىشقىلىسىڭىز، قىچىشىش يوقىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    سېغىزخان (ئالاشاقشاق) مىياسىنى ياخشىلاپ قاينىتىپ، ئوق ياكى نەيزىدىن بولغان جاراھەتكە قويۇلسا، ئوق ياكى سانچىلىپ قالغان نەيزە ئۇچى چىقىپ كېتىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يۇقۇملانغان تىرىگە سېغىزخان مىقياسى ۋە ئەتىرگۈل مېيىدىن قىلىنغان مەلھەم قويۇلسا، ئاز كۈندە ساقىيىپ كېتىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قولتۇقتىكى بەدبويلارنى يوقىتىش ئۈچۈن مۇرتەك كۈكۈنىنى سىركە بىلەن ئامۇختا قىلىپ مەلھەم قويۇش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قولتۇقتىن يېقىمسىز ھىد كەلسە، دەستار باش (بويىماداران) گۈلى ۋە سىركىدىن بوتقىسىمان مەلھەم تەييارلاپ، پاكىز يۇيۇنغاندىن كېيىن قولتۇققا سۈرۈش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر پۇت- ئاياغ تەرلەپ يېقىمسىز ھىد كەلسە، ئۇنىڭغا تۆگىنىڭ ئىسسىق قېنىنى سۈركەش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر ئادەم پېسىگە گېرىپتار بولسا، ئۇ كۈندۈزى ۋە كېچىسى لالە ئۇرۇنى ئىستېمال قىلسۇن.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    چاشقان، قارا ئۆردەك، قاغا قېنىنى ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ مەلھەمنى پېسە چۈشكەن جايلارغا سۈرتسە شىپاھ تاپىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    پېسە چۈشكەندە لەيلەك توخۇمىنى ئات تېزىكىگە كۆمۈپ قىرىق كۈن ساقلاش، كېيىن ئۇنى پېسە چۈشكەن جايلارغا سۈرتۈش لازىم، شىپاھ تاپىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    چاچ تۆكۈلگەن جايغا كۆيدۈرۈلگەن سامساق پوستى بىلەن زەيتۇن مېيىدىن مەلھەم سۈرۈش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    كىرپىكى ياكى قېشى تۈكۈلىدىغان ئادەم بىر مىسقال كۆيدۈرۈلگەن خورما، بىر مىسقال كۆيدۈرۈلگەن سەۋزىنى ئون مىسقال ئاق قەلەمپۇر تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شۇ جايلارغا سۈرسۈن، تۈكلەر ئۆسىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قىزىل لەۋلىگى (قىزىلچە)نى قاينىتىپ، ئاقارغان چاچقا سۈرسىڭىز، چاچ قارىيىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كىشىنىڭ كىرپىك ياكى قېشى تۆكۈلسە، ئون مىسقال ئاق قەلەمپۇر، بىر مىسقال كۆيدۈرۈلگەن خورمانى زەيتۇن مېيىغا ئامۇختا قىلىپ تەييارلاپ قاپاق ۋە قېشىغا سۈرتسە بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قارغىنى ئات تېزىكىگە كۆمۈپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قارىسىڭىز ئاق ۋە يېشىل قۇرۇتلارنى كۆرۈش مۇمكىن. ئاق قۇرت چاچ چۈشۈشكە، يېشىل قۇرت چاچ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    قېتىپ قالغان ناسۇرغا قۇرۇلغان پىيازنى مەلھەم قىلىپ قويغان كىشى بۇ دەرتتىن ئازاد بولىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀
    سوقۇلغان زىغىر ئۇرۇغى بىلەن سامساق يېغىدىن قىلىنغان مەلھەم نەسۇرنى يوقۇتۇشقا كار قىلىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    چايان چاقسا، نەشتەر ئۇرغان جايغا ئاۋۋال چايان سېلىنغان ماي سۈرۈش كېرەك.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يىلان چاقسا، زەھەر سالغان جايغا دەرھال سامساق پەللەسىنى سۈرۈڭ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئەگەر كىشى سامساقنى كۆپ يېسە، ئۇنىڭغا يىلان زەھىرى ئۆتمەيدۇ، چۈنكى سامساق زەھرى يىلان زەھرىدىن زورراق.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يىلان چاققان كىشىگە لەيلەك يېغى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    يىلان چاققان جايغا ئاق خوراز سەفراسىنى سۈرتسىڭىز زەھەرنى كېسىدۇ.

    ❀❁❋❀ ❀❁❋❀ ❀❁❋❀

    ئاق خورازنىڭ كاللىسى كۆيدۈرۈلگەن جايدىن ئىلان، چايان، قارا قۇرت ۋە باشقا گېزەندىلەر يوقۇلىدۇ

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....