تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

كۆپ تەرلەش سەۋەبىگە قارىتا بىر نەچچە خىل بولىدۇ
1- يېيىلگەن تاماقلاردىن بەدەن تولۇپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت ھۆللۈكلەرنى تەر بىلەن ھەيدەيدۇ ۋە دەپئى قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تاماقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاش كېرەك.
2- بەدەننىڭ خىلىتلار بىلەن تۇلۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەننى خىلىتلاردىن تازىلاش كېرەك. مەتبۇخى ئەپتىمۇن، ھەببى ئەپتىمۇن، ھەببى قوقىيا، ئايارەج پەيقىرا ، ئايارەج لوغانزىيا قاتارلىقلارنى تولۇپ قالغان خىلىتقا قارىتا ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى.
3- بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ ۋە بوشاپ تېرىدىكى تۈشۈكلەر ئېچىلىپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكىسىگە ئامىلە نۇشدارى ، مادەتۇلھايات ، بىھى شەربىتى، خەشخەش شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش، سىرتىدىن موزا ، قىزىلگۈل، مەدەستان ، تاش ئۇپا ،زەمچە،سەدەپ قاتارلىقلارنى يۇمشاق سۇقۇپ سېپىش كىرەك.
4- ھەرىكەتنى كۆپ قىلغانلىقتىن، ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن بولىدۇ. بۇ سەۋەبچى ئامىل يوقىغاندا يوقىلىدۇ.
5- بەدەننى باشقۇرغۇچى قۇۋۋەت تەبىئەتنىڭ ماددىسىنى تېرىنىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھەيدەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن كۆپ تەرلەيدۇ. ئەگەر قىزىتما، زۇكام ۋە بوھران كۈنلىرىدە بولسا بۇنى توختاتماسلىق كىرەك ، ئەگەر پەۋقۇلئاددە بەدەن ئاجىزلاپ كېتىش خەۋپى بولغاندىلا تەرنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
——

بەدەن پۇراش
بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىن سېسىق بۇي كېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
سەۋەبى : خىلىتلار سېسىغانلىقتىن، تېرە يۈزىگە قاراپ يۆتكەلگەنلىكتىن بولىدۇ، بولۇپمۇ جىددى ھەرىكەت قىلىپ تەرلىگەندە خىلىتلارنىڭ پۇرىى زىيادە بولىدۇ.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....