تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


فارماكولوگىيەلىك تەسىرى:
1-قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
2-سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش،ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : باش ئاغرىقى ، كۆكرەك ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئاجىزلىقى،زىققە، بېقىن ئاغرىقى، قورساق ئاغرىقى،ئىشتىھاسىزلىق، ھەر خىل ئىششىقلار ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش،ھەيز تۇسۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1- كەرەپشىنى قاينىتىپ ياكى مۇناسىپ دورىلار بىرلەشتۈرۈپ ئىچىپ بەرگەندە زىققە، بېقىن ئاغرىقى، ئىچكى ئەزالار كېسەللىكى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.

2- كەرەپشىنى سىقىپ سۈيىنى ھەسەل بىلەن بىرگە ئىچسە ،كۆڭۈل ئېلىشىشنى توختىتىپ،ئىشتىھانى ئاچىدۇ،يەللەرنى ھەيدەپ ،قورساق ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

3. كەرەپشىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ،بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى تاشلارنى يۇمشىتىدۇ،پارچىلايدۇ،قان سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئىششىق ۋە قاپارتقۇلارنى ياندۇرىدۇ.

4-كەرەپشىنى گۈل يېغى ۋە سىركە بىلەن يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا، قۇتۇر،قىچىشقاق ۋە دانىخورەككە پايدا قىلىدۇ.

5- كەرەپشىنى گۈڭگۈرت ، قىزىل توغرىغۇ ۋە نۈشۈدۈر بىلەن يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا سۆگەلنى چۈشۈرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 5-8گرامغىچە
زىيانلىق تەسىرى: ھامىلدار ئاياللار، ئىسسىق مىزاج كىشىلەر، سەرئى كېسەللىكلەرگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: رۇمبەدىيان، مەستىكى.
ئۇرۇنباسارى: جۇۋىنە
پىششىق دورا ياسالمىسى : كەرەپشە شەربىتى
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمىدىن.



سەھىپە : خام دورىلار

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....