تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

تۆۋەندە مەزى بېزى ياللۇغىغا قارىتا ئىشلىتىدىغان مۇھىم دورا نۇسخىلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
1- چايان 20گرام، جەدۋار 12گرام، قىزىل چۆبىچىن، ئاق يەر يىلىنى، سەرسىبىل، يەرلىك شوخلا، ئەرەپ يىلىمى ، ئادراسمان ئۇرۇقى 10 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ 0.3گرامدىن كۇمىلاچ قىلىپ، كۈنىگە ئىككى ۋاق بەش دانىدىن ئىستىمال قىلىدۇ.

2- يىلان 30گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، قۇغۇن ئۇرۇقى 15گرام، چايان 10گرام، مامىرانچىنى 5گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ 5گرامدىن ئۈچ ۋاق قايناقسۇ ياكى بەدىيان سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.

3- ئوق يىلان ، زەنجىبىل،دارچىن 90گرام، پىلپىل، خولىنجان، كەپە يىلتىزى پوستى، قىزىل چۆبىچىن 45گرام، ۋاڭ ئۇرۇقى 22.5گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ بىر قۇشۇقتىن ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلىدۇ.

4- سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، بادرەنجىبۇيا ئۇرۇقى 30گرام، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇر، ئۇدخام، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، دارچىن، خولىنجان، زەنجىبىل، قارىمۇچ 20گرام، كەھرىۋا، پىلپىل، مەرۋايىت، جەدۋار 10گرام، زەپەر 5گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ 0.3گرامدىن كۇمىلاچ قىلىپ كۈنىگە ئىككى ۋاق 5دانىدىن ئىستىمال قىلىدۇ.

5- كاكىنەچ 51گرام، قۇندۇز قەھرى 36گرام، كۆيدۈرۈلگەن چايان 30گرام، قارىمۇچ 18گرام، جىنتىيانا 15گرام، زەنجىبىل 9گرام، بۇلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ، مۇۋاپىق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ بىر قۇشۇقتىن ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلىدۇ.

6- قىچا، قاقىلە 50گرام، شورا 25گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، 10گرامدىن ئۈچ قېتىم قايناق سۇ بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.

7-قىزىل چۆبىچىن ،سەرسىبىل،ئوغرىتىكەن ، كاكىنەچ 30گرام، يەرلىك شوخلا، بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى،قۇغۇن ئۇرۇقى، 21گرام، شورا، موزا، چايان، ئوق يىلان 12گرام، بۇلارنى يۇمشاق سۇقۇپ، 0.4 تىن كۇمىلاچ قىلىپ كۈنىگە 7 دانىدىن ئىككى ۋاق ئىستىمال قىلىدۇ.
تادۇبەگ ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى .



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....