سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «WP تېخنىكىسى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

706-1

بىلگىنىڭىزلاردەك، ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز «Prestan Simple» تۇرايىمىزدىكى پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ۋە ئىزدىنىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋوردپرېس ئۇسلۇبى بولۇپ، نۆۋەتتە ئاشكارا تارقىتىلىۋاتقان ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز بولدى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ 1.2 نەشىرى ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ئاتامانلار ھەم بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە، كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە بۇ ئۇسلۇبنى باشتىن-ئاخىرى ئىشلىتىپ كەلدى ھەمدە ئۆزۈم بىر قانچە جايلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ كەلدىم. بۇ قېتىم مەن Rainbow ئۇسلۇبىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن رەسىملىك ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى قانداق قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتەي، دەرسخانىغا مەرھەمەت!…

تۇلۇق ئوقۇش »

Flash-BGnew

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر زامانلاردا WordPressگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان مەزگىللەردە(ئۇ چاغلاردا WordPressنىڭ 3.0 نەشىرى تۈگۈل ئارقا بېتىنى ئۇيغۇرچە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن چارە تاپىدىغان زامانلارنى كۆزدە تۇتتۇم) ئارقا سۇپىدىكى يازما يوللاش كۆزنىكىدە بىر كونۇپكا بارتى، فىلەش ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنى قىستۇرۇش شۇنداق ئەپلىكتى، كېيىن نېمە سەۋەبلەر بولدى ياكى WordPressنىڭ قايسى نەشىرلىرىدىن باشلاپ يوق بولدى، ياكى ھازىرقى نەشىرىدە ئۇنداق جاينى تاپالمىدىممۇ، ناخشا-مۇزىكا قىستۇردىغان جاينى تاپالمايلا قالدىم، ھەي دېدىم، ئامال يوق بۈگۈنكى «Wordpressدە يازمىلارغا فىلەش ۋە مۇزىكىلارنى كود ئارقىلىق قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى»نى يېزىپ چىقتىم، ئەلۋەتتە، باشقا تەدبىرلەرمۇ بار، ئۇلارنى كېيىنكى قېتىملىق يازمىلىرىمىزدا سۆزلەپ ئۆتكۈسىمىز، بۈگۈنكى بۇ ئاددىي ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ تۇرايلى،  پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس…

تۇلۇق ئوقۇش »

849-1

خېلى تونۇشىدىغان بىر بلوگگېر بار، بوپ قالىدۇ ئۆزىمۇ. خېلى نەرسىلەرنى بىلىمەي دەپ يۈرۈيدۇ. بىر كۈنى بىر تۇنۇشۇم ئىزدەپ كەپتۇ، ئۇ ئۇستاز بلوگگېرنىڭ گېپىنى قىلىپ ماڭا زارلاپ كەتتى : ئۇ بلوگگېرنىڭ ئېيتىشىچە ۋىجىت قوللىمايدىغان ئۇسلۇبنى ۋىجىت قوللىيالايدىغان قىلالايدىغان ئۇيغۇردىن بىرەرسى يوقمىش! ئېيتىڭلارچۇ دوستلار، بۇ سىلەرگە قىلىنغان بىر ھاقارەت ئەمەسمۇ؟بۈگۈن بىز بىرلىكتە بۇ نۇمۇسنى ئاقلايلى! بىز ئاشۇ تەنتەك بلوگگېرغا بۇنداق قىلالمايدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى تونۇتۇپ قۇيايلى!

تۇلۇق ئوقۇش »

1330488969

ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPress نىڭ Embed ئىقتىدارى ئارقىلىق Youku دىكى فىلىملارنى يازمىغا قىستۇرۇش»دىن بىر قىسىم بلوگلاردا مەسىلە يۈز بەرگەن، يەنە بىر قىسىم بلوگلار بولسا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ، يوۋكۇدىكى فىلىملەرنى ناھايىتى قولايلىق ھالدا قىستۇرىدىغان قىلالىغان. ئالدى بىلەن ئوتۇق قازانغان بلوگگېرلارنى مۇبارەكلەيمىزكى، ئاندىن مەغلۇب بولغان بلوگگېرلارنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەي، ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا كەشىپ قىلىش ھېكايىسىدىن ئىلھام ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخىرىدا، بۈگۈن بىز يەنە بىر تېخنىكا، يەنى بلوگ ئاپتورىنىڭ Gravatarباش سۆرىتىنى بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلەش تەدبىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. ئەمىسە دەرسخانىغا مەرھەمەت!…

تۇلۇق ئوقۇش »

سىز Youku.com دىكى مەلۇم بىر فىلىمنى بلوگىڭىزدىكى(WordPress تا قۇرغان بلوگ) يازمىڭىزغا قىستۇرماقچى بولسىڭىز، مەزكۇر فىلىمنىڭ HTML كودىنى كۆچۈرۈپ، چاپلاپ ئاۋارە بولىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازمىغا 5~6 قۇر كود ئارلىشىۋېلىپ سۈپەتكە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداقتا بىز ئاسان بولغان بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇ قىينچىلىقتىن قۇتىلالايمىز. تۇلۇق ئوقۇش »

74-1

دېسەم بىلمەيسىز، يەرشارى باش تۇتاش سۆرىتى دەپ نام قويۇلغان Gravatar باش سۆرىتى بلوگنىڭ سۈرئىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. ناۋادا، بىز قول تىقىپ ئوپىراتسىيە دەمدۇق، پوپىراتسىيە دەمدۇق، ئىشقىلىپ بىر نېمىلەرنى قىلىپ Gravatarنى يەرلىكلەشتۈرۈۋالساق، ھىم، ئالەششەنى، دېمەيدىغان گەپدىن بىرنى دەپ ساپتىمەن، بلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىل يەرلىكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئوينايدىغان قىستۇرما ۋە تەدبىرلەر ناھايىتى كۆپ. بۈگۈن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەدبىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن، ئۇستاملار، ئامبۇر-كۇلۇچ دېگەن جابدۇقۇڭلارنى تەييارلاپ بولۇپ، يازمىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىڭلار!…

تۇلۇق ئوقۇش »

140-1

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى، بۈگۈندىن باشلاپ تۇرايىمىزدا رەسىمىي ھالدا IE6نى چەكلەش ھەققىدە پەرمان چۈشۈردۈق ھەمدە تۇرايىمىز باشچى بولۇپ، بۇ پەرماننى ئىجرا قىلدى! پەرماننىڭ چۈشۈرۈلۈش سەۋەبىنى تۇرايىمىزدىكى «Let’s Kill IE6»سەرلەۋھەلىك بەتتىن كۆرۈڭ. ناۋادا سۈيۈملۈك WordPressمۇ تاشلىۋەتكەن بۇ ئەسكى IE6نى چەكلەش نىيىتى بار بلوگگېرلار بولسا، كېلىڭلار!  IE6نى چەكلەشتە بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزەيلى! …

تۇلۇق ئوقۇش »

834-1

WordPressنى يېڭى ئورناتقان چاغدا باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەن بىزگە ئۇچرايدىغىنى سېستىما بىزگە ئورنىتىپ سۈكۈتتىكى ئورۇنلار. ئەلۋەتتە، بىزگە لازىملىقلىرىمۇ بار، لازىم ئەمەسلىرىمۇ بار. يېڭى بلوگگېرلار بۇنى قانداق يوقىتىشنى ھېلىھەم بىلمەي يۈرگىنىگە قارىغاندا، بۈگۈنكى تىز يازمىمىزدا بۇ جايلارغا «ئوھۇش، كۆزۈمدىن يوقالغىنا، WordPress كېرىش بېتىنىڭ سەتى!» دېمىسەك زادى بولماپتۇ!!!!!

تۇلۇق ئوقۇش »

831-1

بەزى بلوگگېرلارنىڭ ئىنكاسىغا كۆرە، بلوگ ئىگىلىرىدىن ياردەم سورىغاندا بەزى زۆرۈر رەسىملەرنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زۆرۈرلىكى بارمىش. ھىم، بەلكىم شۇنداقتۇ، شۇ ھامان بىر خەنسوچە بلوگنى زىيارەت قىلىۋېتىپ بلوگگېرنىڭ مۇشۇ تېخنىكىنى تەدبىر ھالىتىدە يوللىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى «ئانا تىل بايرىمى»كۈنىدە «Wordpressدە ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ تەدبىرى» دېگەن يازما ئاپىرىدە بولدى.

بۈگۈن ھەممە بلوگگېرنىڭ ئانا تىلىدا ساپ سۆزلەردە سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن …

تۇلۇق ئوقۇش »

669-15

بىلگىنىمىزدەك  WordPress سېستىمىسىدا بىر قانچە يۈرۈش سۈكۈتتىكى  Gravatar سۆرەتلىرى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ناۋادا بىز بۇلارنى ياقتۇرمىساق تورخۇمار بلوگىغا ئوخشاش ئۆزىمىز ياقتۇرغان Gravatar سۆرىتىگە ئالماشتۇرۇۋالساق بولىدۇ. بۇنىڭ تەدبىرنى ناھايىتى ئاسان، ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى يازمىمىزدا بۇ تەدبىرنى سۆزلەپ ئۆتكۈسىمىز!

تۇلۇق ئوقۇش »

65-1

ئالدىنقى كۈنلەردە چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئاپتورى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىدە يوللىغان ئوخشاش تېمىسىدىكى يازمىسىدىن كېيىن، كەمىنە ئۆزىمىزدىكى بىر قىسىم بلوگلارغا قوللىنىپ كەلگەن ئىككى تەدبىرنى بلوگگېرلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ بېقىشقا تىرىشتىم. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى تەدبىر ئارقىلىق بلوگىڭىزنىڭ pivسىنى ئاشۇرۇشقا قادىر بولالايسىز، ئەمىسە، دەرسخانىغا مەرھەمەت! …

تۇلۇق ئوقۇش »

wordpress-essentials

ھىم، ساۋاقداشلار، ئەمدى سىنىپقا قايتىپ كېرەيلى. بۈگۈنكى بۇ «گۇمپا»نىڭ سالمىقى سەل ئېغىر، نورمال ئەھۋالدا بىر-ئىككى قېتىمدا تۈگىمەيدۇ، ئەمما بۇ گۇمپىنى ئۆگۈنۈپلىۋالسا، بلوگدا خۇددى QQغا ئوخشاشلا تىزلەتمە كونۇپكا( تېزلەتمە كۇنۇپكا:Ctrl+Enter )ئارقىلىقلا ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ھىم، بۈگۈنكى دەرسكە قۇۋۋەتلىك يەپرەك كېلەرسىلەر، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىختىيارىي تەجرىبە ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئەمىسە دەرسخانىغا مەرھەمەت!…

تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量