logo
ئورنىڭىز: باش بەت > ITپاراڭلىرى > يازما مەزمۇنى

مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئامرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق تېخنىكا ئانالىزچىسى ئىدۋارد سىنودىن NSA نىڭ يۇشۇرۇن كۈزىتىشىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە، نامسىز كومپىيوتېر مەشغۇلات سېستىمىسى Tails نى ئىشلەتكەن. بۇ بىرخىل بىخەتەر سىستېما بولۇپ، قاتتىق دېسكا، بارماق دېسكا ۋە ياكى SD كارتىغا قاچىلاپ، خالىغان يەردە سېستىمىنى قاچىلانغان دېسكىدىن بىۋاستە قوزغىتىپ، ئىزناسىز تورغا چىقىش، ئېلىخەت يوللاش، ھۆججەت تەھرىرلەش قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى مەخپىي ساقلاش، كۈزىتىشتىن ساقلىنىش قاتتىق تەلەپ قىلىنىدىغان شارائىتتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ Tor ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بىر خىل Linux يادرولۇق  سىستېما، ئادەتتە مەزكۇر سىستېما مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ ھەرقانداق ئۇچۇرىنى، مەشغۇلات خاتىرىسىنى كومپىيوتېرغا ساقلىمايدۇ، مەخپىي تور قۇرۇشقا بولىدۇ. گەرچە بۇ سىستېمىنى قاچىلاش ۋە تەڭشەش بىرقەدەر مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي. سىستېىمىغا تور كورگۈ، قولاي ئالاقە خاتىرىسى، ئېلىخەت، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرى، رەسىم ۋە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش دېتالىرى قاتارلىق زۆرۈر قوراللار سەپلەنگەن. دېمەك بۇنىڭ ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق ھۆججەتتە ھېچقانداق شەخسىي ئۇچۇر بولمايدۇ(ئادەتتىكى سىستېمىلاردا ھۆججەتلەر بىلەن بىرگە MD5 شەكلىدە، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغان كومپىيوتېر، ۋاقىت ۋە شەخىسنىڭ بىر تالاي ئۇچۇرلىرى ساقلانغان بولىدۇ).

  سىنودىننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردا ئاشكارىلشىچە، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئىزچىل تۈردە، نامسىز كىشىلەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بۇ نامسىز سىتېمىدىن ئىنتايىن بىزار ئېكەن. دېمەك سېستېما ئاچقۇچىلار ئۇچۇرىنىڭ پۈتۈنلەي مەخپىي ساقلىنىشى، مەزكۇر سىستېمىنىڭ پۈتۈنلەي ئوچۇق كودلۇق بولىشىدا مەلۇم جەھەتتىن يۇقارقى نوقتىلارنى ئالدىن ئويلاشقان.

يىقىندا، شەخىس ئۇچۇرلىرىنى يۇقىرى بىخەتەرلىكتە ساقلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ نامسىز سىتېما Tails نىڭ 1.0 نەشىرى رەسمىي تارقىتىلدى. ئورگان تەرەپ يىڭىلاش تارىخىدىن قارىغاندا، بۇ سىتېمىنى ئېچىشقا 5 يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، تۇنجى نەشىرى 2009 – يىلى بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا Amnesia دەپ ئاتالغان.  5 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ سىستېما سىناقلاردىن ئۆتۈپ، مۇستەھكەملىنىش ئارقىلىق ھازىرقى Tails سىستېىسىنىڭ 1.0 نەشرى سۈپىتىدە تارقىتىلغان. ئەلۋەتتە بۇ سىستېمىنىڭ ئاچقۇچىلىرىمۇ پۈتۈنلەي نامسىز! 

linux سىستېمىلىرىغا قىزىققۇچىلار مەزكۇر سېستىمىنى قاچىلاپ سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ: ISO مەۋھۇم دىسكا ھۆججىىتىنى چۈشۈرۈش

ئورگان بېتى: https://tails.boum.org/index.en.html

 

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. دىۋان
    ئالتۇن بۇلاق

    چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بىرىپ قويدىم، جۈمەدىن كەلگىچە چۈشۈرۈپ بۇلا، مەۋھۇم قوزغاتقۇچتا قاچىلاپ كۈرۈپ باقاي قېنى، قانداق بۇلىدىكىن :لول لول:

    2014-05-02 12:09 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    OQU

    ماۋۇ سېستىما خېلى چىرايلىقكەن … چۈشۈرۈپ بىر سىناپ باقمىسام :ھو ھو:

    2014-05-02 1:24 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. كىگىز
    بىركىم

    :توۋا :

    2014-05-02 3:00 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  4. 4 - قەۋەت
    ئالپبەگ

    مەنمۇ قاچىلاپ ئىشلىتەي بۇنى. قارىغاندا خېلى بوپ قالىدىغان چېغىۋا

    2014-05-02 4:35 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  5. 5 - قەۋەت
    ئارسلان

    ئەسسالام تەشناجان ، بۇنى سېستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام تورغا چىقمىدى .
    خەنچە تورلاردا Tor جۇڭگۇدا چەكلەنگەن دىگەندەك گەپلەر ئۇچرىدى .
    Tor توغرىسىدا بولسا تەپسىلىيرەك توختۇتۇلۇپ بەرگەن بولساڭلا …… :ئوماق:

    2014-05-04 12:46 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
      2008 – يىلىدىكى ئولىمپىكتىن كېيىن مەملىكىتىمىزدە Tor يەنى the onion router نى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ، دېمەك، ئۇنى قاچىلاپلا بىۋاستە ئىشلىتىش مومكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك. ماتىرىيال كۆرۈشۈمچە IPv6 قوللايدىغان تور شارائىتىدا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. يەنە كېلىپ ھازىرقىدەك بىر سىياسىي ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ نەرسە بىلەن ئىتىشمىغىنىمىز ياخشى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ قورالنى ئىشلىتىش ئەمەس، بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىشمۇ قاتتىق چەكلەنگەن ئىمىش… شۇڭلاشقا مەن بۇ ھەقتە ئارتۇق مەزمۇن يوللىماي. ئىھتىياج بولغاندا Google لاپ كۆرۈپ بېقىڭ. :ئوماق:

      2014-05-04 2:47 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
      • ಠ_ಠ
        musapir

        مەن بۇنى قاچىلالمىدىم بولسا قاچىلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ قويغان بولساڭلار

        2014-07-22 8:29 چۈشتىن كېيىن
  6. 6 - قەۋەت
    مۇساپىر

    مەن قاچىلالمىدىم قاچىلاش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار

    2014-07-22 8:31 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات يازمىلار
  • ئەڭ يىڭى ئۈنچېلەر
  • رەڭدار خەتكۈشلەر
  • سىز كۆرمىگەن يازمىلار
footer logo
تەشنا ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىغا مەرھەمەت!
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!