ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • 1. ئىمتىھان پروگراممىسىنى قايتىدىن بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ، ئىگەللەشكە تېگىشلىك بىلىم نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.

     2. ئاساسى بىلىملەرنى قايتىدىن پۇختىلاپ چىقىش، بولۇپمۇ تولۇق ئىگەللەمىگەن نۇقتىلارنى.

     3. يېڭى پروگراممىدىكى تەڭشەلگەن نۇقتىلارنى مەخسۇس تەكرارلاپ چىقىش.

     4. بۇرۇن ئاسان خاتالىشىدىغان نۇقتىلارنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش.

     5. ئىلگىرى ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش.

     

  • ئۇيغۇر بلوگىرلارغا جىددىي چاقىرىق - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    بۇ يازما «يۈكسەل بلوگى» دىن يۆتكەپ كېلىندى

     

    يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ قويۇڭلار !

     

     

    ئۇيغۇر بلوگىرلار ئۇيغۇر تور ئىشلىرىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن قوشۇن بولۇپ، تور تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي كۈچ ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ ۋەكىلىدۇر. چۈنكى بلوگىرلار بىرقەدەر پۇختا بولغان تور تېخنىكىسى ۋە پىشقان تور يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر بلوگىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تور ئارقىلىق ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش ئىستىكى ئالاھىدە كۈچلۈك. گەپ شۇنداق بولسا ، ئۇيغۇر بلوگىرلار مەزكۇر تېمىغا جىددىي ئېتىبار قىلىشى ۋە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

    خەتكۈچ:
  • تورداشلار بلوگىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلدىمىكىن؟ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان جايغا قاراڭ:

  • «مېتال» ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىندى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing  ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.

    خەتكۈچ:博客 بلوگ 下载 Code
  • بۇ سۇئاللار 2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان 5 قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا سۇئاللىرى بولۇپ، جەمئىي 168 يۈرۈش سۇئالنىڭ ھەممىسى تولۇق، ئىچىدە سۇئالنىڭ جاۋابىمۇ  بار. بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەكراردا بۇ سۇئاللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا ئىمتىھان سوئالىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جاۋاب بېرىش تاكتىكىسى

    1. يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا سوئالىنىڭ يادروسى بولسا ماتېماتىكىلىق ئىدىيە، ئۇسۇل بولۇپ، سوئالدا تۆت ئاساسى نۇقتا بار:

    (1) ئاساسنى تۇتقا قىلغان ھالدا ئىقتىدار سىناش. بۇ ئاساسلىقى تاللاش ۋە بوش ئورۇننى تولدۇرۇش مەسىللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ.

     (2) ئۇنۋېرساللاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىقتىدار سىناش. بۇ ئاساسلىقى ئاخىرقى ئۈچ چوڭ سوئالدا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.

    (3) قوللىنىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىقتىدار سىناش. بۇ تاللاش، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالىدا بىر ئىككى ئاممىباپ ماتېماتىكا مەسىلىسى كۆرۈلىۋاتىدۇ، چوڭ سوئاللاردا بىر قوللىنىشلىق سوئال بولىۋاتىدۇ.

     (4) يېڭى تىپتىكى سوئال ئارقىلىق ئىقتىدار سىناش.

  • يانفون ئارقىلىق تارىم بلوگىنى زىيارەت قىلىش - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]

    ئەگەر يانفونىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان يانفون بولسا ھەم يانفونىڭىزنىڭ تورغا چىقىش مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى ئادرىس ئارقىلىق تارىم بلوگىنى يانفون ئارقىلىقمۇ زىيارەت قىلالايسىز.

    http://wap.feedsky.com/blogbus.com/tarim68_blogbus_com

  • Eot ئايلاندۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]

    بۇ قورال ئارقىلىق باشقا تور بەت ياكى بلوگلارنىڭ eot ھۆججىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتى ياكى بلوگىنىڭ eot ھۆججىتىگە ئايلاندۇرالايسىز. بۇ قورالنى پروگرامما ھەۋەسكارلېرى كۇلۇبىدىكى مايور ئەپەندىم ياسىغان. بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى:

    پروگىرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEot2)

    پروگرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEOT3[1].0)

    تارىم بلوگىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEot2)

    تارىم بلوگىدىن چۈشۈرۈڭ (CreateMyEOT3[1].0)

     

    بۇ دېتالنى ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ:

  • تارىم بلوگى 2008-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە توپ توغرا بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىل جەريانىدا بلوگ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ تورداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدىكى نوپۇزلۇق بلوگلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. تارىم بلوگىنىڭ قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە بۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى پۈتۈنلەي تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇ ماناسىۋەت بىلەن تورداشلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

    بلوگ قۇرۇلغان بۇ بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى. ئەسلىدە بۇ بىر يىلدىكى بلوگنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تورداشلارغا تەپسىلىي دوكلات بەرسەم بولاتتى، بىراق دۇنيادا ئەڭ خوشۇم يوق ئىش مۇشۇ پىلان، خۇلاسە، دوكلات دىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىشكەن. شۇڭا ئارتۇق گەپنى قويۇپ تورداشلارغا پايدىسى تەككۈدەك نەق گەپنى قلاي.

  • لوگارىفمىلىق تەڭلىمىلەرنى يېشىش ئۇسۇلى - [ماتېماتىكا]

    لوگارىفمىلىق تەڭلىمىلەرنى ھەقىقى سانلار توپلىمىدا يېشىشتە، ئادەتتە مۇنداق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ:

    (1)   بىر خىل ئاساسقا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى:

    بىر خىل ئاساستىكى لوگارىفمىلار بولسا، لوگارىفمىلانغۇچى سانلارنىڭمۇ ئۆزئارا تەڭ بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، لوگارىفمىلىق تەڭلىمە ئالگېبرالىق تەڭلىمىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، بۇ ئالگېبرالىق تەڭلىمە يېشىلىدۇ، ئاندىن يىلتىزلار تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ ئۇسۇل

  • بلوگدىكى ئۇلانمىلارنى يۇرۇتۇش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    دوستلار دىققەت قىلدىمىكىن، بلوگىمدىكى تېما ماۋزۇسى، ئىنكاس، تور بەت ئۇلىنىشلىرى قاتارلىق ئۇلترا ئۇلىنىش قىلىنغان ھەر قانداق بىر خەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كەلسەك، خەت ھەر خىل رەڭدە پىلدىرلاپ يۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ...

  • eot سىز تور بەت كۆرۈش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    ئاپتورى: ئىنتىل سەيناسىدىن بىلگە

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

    بىز ئادەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرگەندە، بەزى بەتلەرنىڭ خەت نۇسقىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق بەزىلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، يەنە بەزىدە كۆرۈنىدىغان بەتلەرمۇ نورمال كۆرۈنمەيدۇ، google (ئۇيغۇرچە بېتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دىگەندەك خەت نۇسقىسى چىرايلىق ئەمەس بېكەتلەرمۇ بار، بۇنى قانداق قىلغاندا نورمالسىزلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

  • توشقان - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (چەتئەلنىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    توشقان تۇغۇلۇپ 2 ئايدىن كېيىنلا نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

    بىر جۈپ توشقان ھەر ئايدا بىر جۈپتىن توشقان تۇغىدۇ. تۇغۇلغان ھەر بىر جۈپ توشقان 2 ئايدىن كېيىن،  يەنە ھەر ئايدا بىر جۈپتىن توشقان تۇغىدۇ دىسەك، ئۇ ھالدا بىر جۈپ توشقان بىر يىلدا كۆپىيىپ جەمئىي قانچە جۈپ بولىدۇ؟