نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىلىيونىر (Slumdog Millionaire) ناملىق بۇ فىلىم 2009-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى باھالاش مۇراسىمىدا <ئەڭ ياخشى سىنارىيە مۇكاپاتى>، <ئەڭ ياخشى سۈرەت مۇكاپاتى>، <ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى> قاتارلىق ئالتە تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ فىلىمدە نامراتلار رايونىدىن چىققان بىر ياش شۇ جايدىكى مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان زېھىن سىناش ئويۇنىغا قاتنىشىپ مىليون رۇپىيە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمىگە تايىنىپ بارلىق سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ مىليونىرغا ئايلاندى
تەرجىمە قىلغۇچى : خىيال
ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىۋاتقان خىيال ئەپەندىمنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئاستىدا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرگەن گۇۋانتانامو تۇرمىسىگە سەپەر ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئاخىرى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى ، بۇ فىلىمنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولمىغانلىق سەۋەبى بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىشقا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن قىسمەن سەۋەنلىكلەردىن ھەم ئىملا خاتالىقلىرىدىن خالىي بولالمىغان بولىشى تەبىئىي ، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بزنى داۋاملىق مۇشۇنداق ئىسىل نادىر فىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ، خىيال ئەپەندى قاتارلىق بۇ سەپتە ئىشلەۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ئالدى بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن
بەلكىم تورداشلار دۆلىتىمىز ئىشلىگەن چىڭگىزخان فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمدى كۆرىدىغىنىڭلار مۇڭغۇللار ئۆزلىرى بىر نەچچە دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم «موڭغۇل» مەزكۈر فىلىمدە چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇنىڭ تاكى چوڭ بولغىچە بولغان بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەمدىن ھەقىقى بىر ئاتامان بولغىچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلەر ئىنتايىن جانلىق ۋە ھەقىقى تەسۋېرلەنگەن