جەمەت ئۇيۇمچانلىقىدا نەۋرىلەرنىڭ ئورنى
ئاپتورى: توخوتۇر | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 01-04-2013 | خەتكۈشلەر: جەمەت
ئۇيغۇرنى قېتىققا ئوخشاش ئۇيۇشقاق، يېپىشقاق دېگەندە، ئۇ ھالدا جەمەت بولسا ئاشۇ قېتىقنىڭ كۆنەلگۈسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەمدى گەپنى جەمەتنىڭ نەق ئۆزىگە قاراتساق، قومۇل ئۇيغۇرلىرىدىكى پىنسىيونىرلاردا ئۆز جەمەت، نەسەب تارىخلىرىنى رەتلەش، قېزىش، كىتاب ياكى سىنتەخسە ھالەتكە كەلتۈرۈش بىر قەدەر قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى.
ھەقىقەتەن نەسەپنامە يازغان ياكى يېزىشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقان ياشانغانلارنى جىق ئۇچراتتىم. بەلكىم ئۇلار ئابا-ئەجداتلىرىدىن قېنىغا سىڭگەن، گېنىغا ئۆزگەرگەن ئۇيۇمچانلىقنىڭ ئۆز كۆز ئالدىدا تېرىقتەك چېچىلىپ كېتىشىنى خالىمىغاندۇ.
گېپىمىزگە كەلسەك، دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەۋرەنمەي ئىجرا بولۇشى نەتىجىسىدە، بۇرۇنقىدەك يەتتە-سەككىزنى، ئون نەچچىنى تۇغىدىغان ئىشلار يوقاپ، بىر ئۆيدە ئىككى ياكى ئۇچ بالا ئاران قاتارغا قوشۇلىدىغان بىر دەۋرگە كىردۇق. ئەمدى ئاتا-ئانىلار كۆپ، قېرىنداش بالىلار بىر ياكى ئىككى بولۇش نەتىجىدە، جەمەت ئىچىدە نەۋرىلەرگە زادى قانداق ئورۇن بېرىش مەسىلىسى خېلىلا سالماق مەسىلىگە ئايلاندى. كۆپىنچە ھاللاردا قېرىنداشلار تولۇق نەزەرگە ئېلىنىپ، نەۋرىلەرگە كەلگەندە نەۋرىغۇ دەپ ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدىغان، ھەتتا بەزىدە ئاشۇ نەۋرىلەرنىڭ يۈزىگىلا پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىپ، نەۋرە ئىكەنلىكىنى ئېسىگە سالىدىغان بىر يارىماس ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ خىل پەرقلىق مۇئامىلە جەمەت ئۇيۇمچانلىقىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىپ، نەۋرىلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل پىسخىكىغا دۇچار قىلدى.
1. مىنكاۋخەن نەۋرە: مىنكاۋخەن نەۋرىلەرنى «ئۇيغۇر بىلەن قەتئىي ئارىلاشمايدىغان مىنكاۋخەن» ۋە «ئۇيغۇر بىلەن ئارىلىشىدىغان مىنكاۋخەن» دەپ ئىككىگە بۆلۈۋالساق خاتا بولماس. ئۇيغۇر بىلەن قەتئىي ئارىلاشمايدىغان مىنكاۋخەن نەۋرىلەر جەمەت ئىچىدىكى ھەرقانداق ئىشقا پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلىدىكەن. كىم ئۆلۇپ، كىم تىرىلىپتۇ، نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈن دېگەنلەرگە ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن بارمىسا، ئۆزى خالاپ بېرىپ كەتمەيدىكەن ھەم جەمەت ئىچىدىمۇ تەبىئىيلا توغرا چۈشىنىلىپ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ئاستا-ئاستا باشقىلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلىدىكەن. بىز بۇنى ئەڭ يامان ئەھۋال دەپ تۇرايلى. ئۇيغۇر بىلەن ئارىلىشىدىغان مىنكاۋخەن نەۋرىلەرگە كەلسەك، ئۇلاردا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارغا ئانچە-مۇنچە قىزغىنلىق بولىدىكەن. بەزىدە ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتتىكى كالانپايلىقى، مەقسىتىنى دەماللىققا ئۇقتۇرالماسلىقى ۋە ھېسسيات ئورتاقلىقىغا كېلەلمەسلىكى جەمەت ئىچىدە مەسخىرە ئوبيېكتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل جەمەت پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل مىنكاۋخەن نەۋرىلەرنىڭ تەلتۆكۈس ئۇيغۇر بولۇپ كېتىشىدە ئۈمىد بار.
2. ئۆكتىچى نەۋرە: بۇلار ھەققىدە جەمەت پائالىيەتلىرىدە، يىغىنلىرىدا پىكىر بايان قىلىنىدۇ. ئەمما، نەۋرە ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ قارشىلىقىغا، بېسىشىغا، چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ، بەزىدە يوللۇق پىكىرلىرىمۇ چەتكە قېقىلىپ، ئاخىرى جىم بولىدۇ ياكى «نېمە بولسا بولمامدۇ، مېنىڭ نېمە كارىم» دېگەندەك پەرۋاسىز ھالەتكە ئۆتىدۇ. بۇخىل نەۋرىلەر ئاساسلىقى جەمەت ئىچىدە بىر خىل دېموكراتىك ھالدا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىدۇ ھەمدە «توغرا كۆز قاراشلىرىم قوبۇل قىلىنىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ. ناۋادا جەمەت ئىچىدە بۇنداق نەۋرىلەر نەزەرگە ئېلىنماي چەتكە قېقىلسا، ئۇ ھالدا بۇخىل نەۋرىلەر پۈتۈن جەمەتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمانلىنىپ، پەشنى قېقىپ ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي، ئۆز ئىشى بىلەنلا بەند بولۇپ كېتىدۇ. پەقەت كۆرۈشكەندە يالغان ھىجىيىدىغان، كۆرۈشمىگەندە ياد ئېتىشمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ بوۋا-مومىلار كېتىپ قالغاندىن كېيىن، بۇنداق ئەھۋالنىڭ باش كۆتۈرۈش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ .
3. (يۇقىرىقى ئىككىنچى خىل ھالەتتىكىدەك پەشنى قېقىپ چىقىپ كەتمەيدىغان) مۆرىمەس نەۋرە: بۇ خىل نەۋرىلەر ئىشلارنى جىق ئويلاپ كەتمەي، جەمەت پائالىيەتلىرىدە ئىشلارنى ئۇدۇللۇق، قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ھەممىگە ياخشى بولۇشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل نەۋرىلەر ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، ئەمما قىزغىنلىق كەمچىل.
شۇنداق، جەمەت پائالىيەتلىرىدە نەۋرىلەرنى قاتناشتۇرۇش ۋە بەلگىلىك ئورۇن بېرىش زۆرۈر. ئەگەر ئۇنداق بولماي، ھەدېسىلا، نەۋرىلەرنى چەتكە قېقىش كۆرۈلسە، جەمەت ئۇيۇمچانلىقى چېچىلىپ كېتىشى، قېتىق بولماي سۈتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى تىرناقچىلىكلا
ۋاقتى: 2013-يىلى 2-ئاپرېل 20:55
قېتىق بولمىغان نەرسە يەنە سۈت بولمايدۇ، بەلكى پېتىق بۇلىدۇ.
مەن ئۇچراتقان، ئەمما نىمە دەپ پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىلەلمەي تۇرغان يازمىدىن بىرسى يوللىنىپتۇ. جەمەت سورۇنلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدىكى نەۋرىلەرنىڭ تەرەپبازلىقى …… مىنى ئويغا سالغان ئىدى. ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن نەۋرىلەردىمۇ تۈرۈلۈك قاراشلار ۋە ئادەتلەر كۆرۈلىشكە باشلىدى. بىر قارىسا قېرىنداشتەك، بىر قارىسا يات كىشىلەردەك.
ۋاقتى: 2013-يىلى 4-ئاپرېل 19:28
« ئەمما بۇ خىل جەمەت پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل مىنكاۋخەن نەۋرىلەرنىڭ تەلتۆكۈس ئۇيغۇر بولۇپ كېتىشىدە ئۈمىد بار …»
چوقۇم شۇنداق بولىشى كېرەكتى. چۈنكى «تۆمۈرنى تاشلىسا داتلىشىدۇ، دوسىتنى تاشلىسا ياتلىشىدۇ» قېرىنداشنى تاشلىسا ….
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز. گەرچە كىچىكىمىزدىكىدەك نەۋرىلەر جەم بولۇپ ئويۇن-كۈلكە بولمىغاچقىمۇ، «كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق » دىگەندەك مۇناسىۋەت بارغانسىرى سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.