[ كىرىش سۆز: يېقىندىن بۇيان كىنو، تېلېۋىزورلاردا «دوك ۋەزىر ليۇيوڭ»، «چيەنلۇڭ خاندانلىقى»، «تەدبىركار جىشاۋلەن» قاتارلىق چىڭ سۇلالىسى ھەققىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئاينىپ قالدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىسمىلا ھەقىقىي بولۇپ، ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. ھەتتا 180 گرادۇس بۇرىۋەتكەن. مەسىلەن ئالساق، «دوك ۋەزىر ليۇيوڭ» دېگەن فىلىمدە «يېزىق ماجىراسى»نى ليۇيوڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلى تۈزەيدۇ. ئەمەلىيەتتىكى تارىختا بولسا، ليۇيوڭ جياڭسۇداۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتتا،ئارقىمۇ-ئارقا «يېزىق ماجىراسى» پەيدا قىلىپ خانغا مەلۇم قىلىپ، تۆھپە كۆرسىتىپ، ئەمىلى ئۆسىدۇ. ليۇيوڭ «تەشرىپدارلىق»تىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، خېشېن ئاران بىر ياشقا كىرگەن بولۇپ، خېشېندىن 30 ياش چوڭ. يەنە كېلىپ كېيىنكى ليۇيوڭ خېشېننىڭ قول ئاستىدىكى بىر كىچىك ئەمەلدار.
بۇنداق تارىخ بۇرمىلانغان كىنولارنى كۆرگەن، بىراق ھەقىقىي تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇمىغان كىشىلەر ھەقىقىي تارىخ مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشقا كېلىدۇ. شۇڭا مەن مۇشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، داڭلىق تارىخچى، مانجۇلار تەتقىقاتچىسى يۈەن زوڭنيەن ئەپەندىنىڭ، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى جى ليەنخەي ئەپەندىلەرنىڭ يازغان كىتابى ۋە سۆزلىگەن نۇتۇقىغا ئاساسلىنىپ، مۇنۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. خېشېن مىللىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشى بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ رەھبىرى. ليۇيوڭنىڭ دادىسى ليۇتوڭشۈن ئۈرۈمچىدىكى ئامۇرسانا توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا، خاتا تەدبىر قوللانغاچقا ليۇيوڭ ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي قالدۇرۇلۇپ، ئىككى يىل زىنداندا ياتىدۇ. جىشاۋلەن بولسا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئۈرۈمچىگە پالىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر باغلىنىش بار. شىنجاڭ تارىخىغا قىزىققۇچىلار مۇشۇ تەرەپلەردىكى تارىخىي يازما ماتېرىيالدىن ئانچە-مۇنچە خام ماتېرىيال توپلىۋالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمىدىممۇ بار. ]
جۇڭگونىڭ ئىككى مىڭ يىللىق فېئودالىزملىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تارىخىدا، پۈتۈن ھاياتى سىرغا تولغان، ھايات سەرگۈزەشتىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر داڭلىق شەخس ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانى كىشىنى ھەيران قالدۇرسا، مەغلۇبىيىتى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. گەرچە بۇ تارىخىي شەخسنىڭ ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇ ھايات مۇساپىسىدا قازانغان مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇش سىرى كىشىنى بىلىشكە قىزىقتۇرىدۇ. تارىختا سەلبىي ئوبرازنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان بۇ تارىخىي شەخس بىزلەرگە نۇرغۇنلىغان «ئەڭ»لەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخدىكى بۇ كاتتا شەخس-چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ زامانىسىدىكى باش ۋەزىر خېشېن.
جۇڭگودىكى ئىككى مىڭ يىللىق فېئوداللىق پادىشاھلىق تۈزۈم تارىخىدا، باش ۋەزىر خېشېن بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن «ئەڭ»لەر تۆۋەندىكىچە:
1. خېشېن ئەمەل تۇتقان قىسقىغىنا 20 نەچچە يىلدا توپلىغان مال-مۈلۈكى 1 مىليارد 100 مىليون كۈمۈشكە باراۋەر بولۇپ، چىڭ خانىدانلىقى چيەنلۇڭ زامانىسىدىكى دۆلەت مالىيەسىنىڭ 15 يىللىق كىرىمى بىلەن باراۋەر. دېمەك، خېشېن ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان باش ۋەزىرلەر ئىچىدە توپلىغان مال-مۈلۈكى ئەڭ كۆپ بولغان باش ۋەزىر.
2. خېشېننىڭ 3 يېشىدا ئانىسى،9 يېشىدا دادىسى تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، يۆلەنچۈكسىز بىر يېتىمنىڭ بىلىم ئېلىش جەريانى ۋە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان يىراقنى كۆرەلەيدىغان تالانتى.
3. ئۇ 26 ياشتا ھەربىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى، 32 يېشىدا، «ئالتە ۋازارەت، ئۈچ مەھكىمە» نىڭ ئالتىسىنىڭ بېشى بولۇپ بولغان، ھەمدە جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر قامۇس «تۆت خەزىنە، بەش قامۇس»نى تۈزەش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان بولۇپ ، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقنى كونترول قىلغان ياش ۋەزىردۇر.
4. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ھوقۇقى ئەڭ تېز ئۆسكەن ۋە ئەڭ ياش تۇرۇپ ھوقۇقى چېكىگە يەتكەن ۋەزىردۇر.
5. ھوقۇق، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇرەككەپ فېئودالىزم جەمئىيىتىدە يۇقىرى-تۆۋەنلىك ھوقۇق مۇناسىۋەتنى ئوڭۇشلۇق تەڭشەپ، خانىدانلىقنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلاندۇرالىغان باش ۋەزىردۇر.
6. چيەنلۇڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئوغلىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن پادىشاھ ۋە شاھىنشاھقا تەڭ خىزمەت قىلغان باش ۋەزىردۇر.( چيەنلۇڭ ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ ئۆز رازىلىقى بىلەن پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن پادىشاھ )
7. خېشېن تۇتۇلۇپ 20 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغاندىن كېيىن، پەقەت ۋە پەقەت خېشېنلا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، توققۇز ئەۋلادى قىرىلمىغان بىردىنبىر ئەڭ چوڭ پارىخور ۋەزىردۇر.
بىر باش ۋەزىر 20 نەچچە يىلدا دۆلەتنىڭ 15 يىللىق مالىيە كىرىمىگە باراۋەر بايلىقنى چيەنلۇڭخانغا بىلدۈرمەي قانداق توپلىغاندۇ؟ بايلىق توپلاشتا زادى قانداق ئۇسۇل قوللانغاندۇ؟ قانداق شەرت-شارائىت ھازىرلىغاندا مۇشۇنچىلىك كۆپ بايلىقنى 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا چاندۇرماي توپلىغىلى بولىدۇ؟ خېشېن بىر يىتىم بالا تۇرۇپ، قانداق قىلىپ 26 ياشقا كىرگەندە ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى، 32 ياشقا كىرگەندە ئالتە ۋازارەت ۋە مەھكىمىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغاندۇ؟ ئۇنىڭ ھوقۇقى قانداق قىلىپ شۇنچە تېز ئۆسكەندۇ؟ خېشېن قانداق بولۇپ تۇتۇلغاندۇ؟ نېمىشقا شۇنچە چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن خېشېنغىلا جازا بېرىپ،ئۇرۇق-ئەۋلادى جازالانمىغاندۇ؟ (فېئوداللىق پادىشاھلىق تۈزۈمدە بىر ئائىلىدە بىرسى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزسە، توققۇز ئەۋلادى قىرىپ تاشلىنىدۇ)
مانا بۇ سوئاللار ئادەمنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ.
سىر ھامان يېشىلىدۇ، نەزىرىڭىز يازمىمىزنىڭ داۋامىدا بولسۇن…
خېشېن،دوك ۋەزىر ليۇيوڭ،تەدبىركار جىشاۋلەن دىگەنلەرنى تارىخ بىلەن ئالاقىسى يوق، ھىكايە فىلىمدىكى تۇقۇلما پىشۇناژلار دەپ ئويلاپتىكەنمەن . قارىغاندا «تىۋىپ شىلەيلې»دىكى شىلەيلېمۇ تارىخى شەخىسمىدۇ ؟ مەن ياقتۇرۇپ كۆرگەن فىلىملەرنىڭ بىرى بۇ
2011/06/15
سىز تىلغا ئالغانلارنىڭ ھەممىسى تارىختىكى ھەقىقىي شەخىسلەر .
2011/06/16
يازمىغا قىزىقىپ قالدىم، بۇ يازمىڭىزدا يەنە قانداق قىسمەتلەر سۆزلىنەر
2011/06/24
مەن ئۇ كىنولارنى كۆرگەندىلا مەزمۇنلارغا ئاساسەن دىگۈدەك ئىشەنمىگەن. يەنە كىلىپ ھازىرقى فىلىملارنى ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەخسى شىركەتلەرگە كۆتۈرگە بىرىپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئويليدىغىنى قانداقتۇر خەلىقنىڭ شۇ دەۋەىردىكى ئېچىنىشلىق تارىخنى خەلىقگە ئۆز ئەينى بويىچە بىلدۈرۈش ئەمەس بەلكى ، ئەڭ ئاز سوممىدا خىراجەتنى ئازايتىپ ، كۆپلەپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىش مەقسەت قىلىنغان. شۇڭا ھەر بىر توردىشىمىز تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنولارنى كۆرگەندە قىززىقانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماي سالماقلىق بىلەن ئۇنىڭدىكى ھەر قايسى خىل ئارقى كۆرۈنۈشلەرنى تەھلىل قىلىپ ، بىزنىڭ ئەمەلى تورمۇشىمىزغا لىللا تەدبىقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2011/08/06
بۇ يازمىڭىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەندەك ۋە ھېس قىلغاندەك بولدۇم، دېمىسىمۇ ھازىر ئىچكىرىلەردە شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىشلىنىۋاتقان بىر قىسىم كىنولاردا ھەقىقىي تارىخقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەرەپلەر بىر قەدەر كۆپ، بىز نۇرغۇن تارىخى كىتاپلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى قانداق كونتىرول قىلغانلىقى،ئۇلارنىڭ قانداق موھىم رول ئوينىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوقۇغان. لىكىن،بۇ ھەقتىكى كىنولاردا ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنى بېقىنغۇنچى،ئولپان تاپشۇرغۇچى قىلىپ ئىشلەپ چىقىۋاتىدۇ. تېخى بىر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قويۇلغان «مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات» ناملىق فىلىمدە قاراپ تۇرۇپ، بىر خەنزۇ يولداش مۇقامنى رەتلىگۈچى ھەم قۇتقۇزۇپ قالغۇچى قىلىپ ئىشلەندى. ئېسىمدە قېلىشىچە، 12 مۇقامنىڭ توپلىنىش ۋە رەتلىنىشىدە ئاساسلىق كۈچ چىقارغان كىشى قاسىمجان قەمبىرىدۇر. چۈنكى، شۇ ۋاقىتتا قاسىمجان قەمبىرى يەكەن ناھىيىسىدە ھاكىم ئىدى. ئىشقىلىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بارغانسىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە كىنونىڭ تەشۋىقات كۈچى كىتاپ ۋە باشقا ۋاستىلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ،شۇڭىلاشقا تارىخى فىلىملەرگە كەلگەندە، بۇنى قانداق ئىشلەش تورغرىلىق ئوبدان باش قاتۇرسا بولاتتى.
2011/08/25