پرېستان بلوگىنىڭ سول ئ.ۈستى تەرىپىدىكى Admin دېگەن خەتنى كۆردۈڭلارمىكىن، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن بېسىپ قويغان بولسىڭىز ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇ دەل بۈگۈن مەن سۆزلىمەكچى بولغان باشبەتتە تۇرۇپ بلوگ باشقۇرۇش سۇپىسىغان كىرش رايونى. خېلە كۈنلەرنىڭ ئالدىدا «jQuery ئارقىلىق سەكراپ چىقىدىغان رامكا ياساش» ناملىق يازمامدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن، ئەگەر قىززىققۇچىلار بولسا ئېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمدىن 3 خىل ھالەتتىكى شەكلىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
بۇ تېمىدا توربەتلەردىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى IE, Firefox, Chrome, Safari, Opera قاتارلىق تور كۆرگۈچلەردە نورمال كۆرسىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. تېمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى توربەت لايىھەلىگۈچىلەرگە توربەت يۈزىدە ئۇيغۇرچە يېزىقنى نورمال كۆرسىتىشنىڭ پىرىنسىپى ھەققىدە ساۋات بىرىش. بۇ تېمىنى يېزىشتا W3C ئورگان تورى، مىكروسوفت ئورگان تورى، Mozilla Firefox ئورگان تورى، Google Chrome ئورگان تورى ۋە بىر قىسىم پروگراممىرلار تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئاساس قىلىپ يىغىنچاقلاندى.
WordPress نىڭ يازما يوللاش بېتىدىكى كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تەمىنلەندى.
تەھرىرلىگۈچنىڭ كۆرۈنمە يۈزلۈك ھالىتىگە IE, Firefox, Chrome لاردا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا بلوگىمغا كىرىش ئۈچۈن قوللانچى نامىم ۋە پارولىمنى كىرگۈزسەم باشقۇرۇش بىتىگە ھىچ ئۆتىدىغاندەك ئەمەس، مەن تېخى تور سۈرئىتىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كارىمنى قىلىپ باشقا ئىش قىلىپ يۈرۈپتىمەن، بۈگۈن يەنە بىر سىناپ باقاي دەپ پارول ۋە نامنى توغرا كىرگۈزپ ENTER نى چەكسەم لاپپىدە قىلىپ يەنە شۇ قوللانچى نامى ۋە پارول كىرگۈزۈش بېتىدە تۈرىدۇ، قايتا-قايتا سىناپ باقتىم، cookie تازلاپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش، google دىن ئىزدەپ باقسام بۇنىڭمۇ ئامالى چىقىپ قالدى، دوستلارمۇ بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا پايدىلانسۇن دەپ يېرىم كېچىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يەنە دېسەك، يەنە شۇ گەپ. ئۆزىمىزنىڭ بىباھا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى. تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلۇپ، ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىلغان يازمىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، يازمىنىڭ جەلپكارلىقى ئاشىدۇ، شۇنداقلا شۇ يازما ئىگىسىنىڭ سەۋىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.
مەزكۇر «ئۇيغۇرچە CSS خاسلىق قوللانمىسى» نۇرقۇت تورىدىكى «ئاۋاتار» نىڭ بىر قوللۇق پىلانلاش ۋە تەييارلاش ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن، ئالدى بىلەن ئاۋاتار بۇرادەرگە كەڭ css ئۆگىنىۋاتقان دوستلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاۋاتار مۇنداق دەيدۇ: CSS تىكى ئاساسلىق بەلگىلەش خاراكتېرلىك خاسلىقلارغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ ئىنگىلىزچە نامى ۋە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش شەكىلىدە جەدۋەللەشتۈرۈلدى.
نۇرقۇت تورىدىن FinalDream مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېنىڭ بلوگىم ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب ئىدى. ھازىر بلوگىم توختىتىلدى. شۇڭا بېكار تۇرغىچە بۇ ئۇسلۇبنى ياقتۇرغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم. ياقتۇرىدىغانلار چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باققايسىلەر».
Google ئىزدەش ماتورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېكىتىدىكى ئىزدەش كونۇپكىسى قاتارىدا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن يەنە بىر كونۇپكا بار، ئىشلەتكۈچىلەر «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارى ئارقىلىق Google سېستىمىسى ئۆزى خالىغان(ئىختىيارىي) چىقىرىپ بەرگەن ئىزدەش نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. يەنە كىلىپ، بۇ ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ قانۇنىيىتى يوق، ھەممىسى ئىختىيارىي، قالايمىقان، خۇددىي «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن ماقالغا ئوخشاش.
بلوگىڭىزنىڭ پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئېلخەت ئەۋەتىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ياكى ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى خاتا تولدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ۋە ياكى ئىسمىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزچۇ؟ ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن.