wordpress تېخنىكىسى

بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا Trojan.JS.Redirector نامىدىكى ۋىرۇس بايقالدى

2

بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ئەرك بۇرادەر بلوگىدا «بادامدىكى ئاتالمىش "ۋىرۇس" نى تازىلىۋەتتىىم» ناملىق يازمىسىدا ئۆزىنىڭ بلوگىدىكى ئاتالمىش Trojan.JS.Redirector نامىدىكى يېڭى چىققان ۋىرۇسنى تازلاش جەريانىنى قالدۇرۇپتىكەن، ئۆزۋاقتىدا يازمىسىنى مۇنداقلا ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، بۈگۈن مەلۇم تۇنۇشنىڭ بلوگىنى ئاچسام ۋىرۇسخورۇم Trojan.JS.Redirector نامىدىكى ۋىرۇستىن مۇداپىيەلەنگەنلىكىن ئەسكەرتتى، تەپسىلى قارىسام ئەركنى بوزەك قىلغان ۋىرۇس ئىكەن.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress كە ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم(幻灯片) قوشۇش

10

يېقىندا بلوگىمغا ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم(幻灯片) قوشتۇم. بەزى دوستلار ئۆزىنىڭمۇ بلوگىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسى بارلىقنى ئېيتتى، ئۇنداقتا مەن بۇ ئۈنۈمنى قانداق قوشقانلىقىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي، دوستلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن مەن بارلىق كودلارنى بىرلا php ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە يىغىپ قويدۇم، بۇنداق بولغاندا بىرقانچە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالايسىلەر.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress تا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش ئۇسلۇلى

0

ئالدىنقى قېتىم «WordPress دە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يېڭى، كۆپ ئىنكاسلىق، ۋە تەلەيلىك يازمىلارنى چىقىرش» دەپ بىر يازما يوللىغان، يېقىندا ئۇسلۇب ياساش جەريانىدا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش كېرەك بولۇپ قالدى، توردىن ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن، سىناپ باقسام مۇۋپپەقىيەتلىك بولدى. خاتىرە بولۇپ قالسۇن، بۇنىمۇ يېزىپ قوياي.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress قا قىستۇرمىسىز بەت ئۆرۈش ئۈنىمىنى قوشۇش

2

بۇرۇنقى ئۇسلۇبلاردا بەت ئۆرۈش ئۈچۈن wp-pagenavi قىستۇرمىسىنى ئىشلىتەتتى، مەن ئۆزۈم قىستۇرمىغا بەكلا سەزگۈر، ئامال بولسا قىستۇرما ئىشلەتمىسەم دەيمەن، چۈنكى قىستۇرما بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىرى بار. ئەلۋەتتە ھەممىمىز بلوگىمىز شاق-شاق قىلىپ ئېچىلسا دەيمىز، ئۇنداقتا قىستۇرمىسىز بەت ئۆرۈش ئىقتىدارىنى قوشۇپ قويايلى. بۇ ئۇسۇلنى مەن بلوگ يېزىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، شۇڭا بۈگۈن دوستلارغا تەۋسىيە قىلىپ قوياي.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress تە يازما بېتىدىكى بارلىق ئىنكاسلارنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش

3

ئالدىنقى يازمىدا «wordpress تە باشبەت يازمىلارنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش» ھەققىدە توختالغان، بۇ يازمىدا بولسا مەلۇم يازمىدىكى ئىنكاسلارنىڭ بارلىق بەت نومۇرىنى كۆرسىتىشنى كودى ھەققىدە توختالماقچى. Prestan Simple2 ئۇسلۇبىدا ئىنكاسلارنى بەتكە بۆلۈش ئىقتىدار سەپلەنگەن، دېمەك شۇ ئۇسلۇبقا مۇشۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ دېگەن گەپ.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress تە باشبەت يازمىلارنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش

2

«wordpress تە بارلىق بەتنى نومۇرىنى كۆرسىتىش» بۇ نېمە دېگەن گەپ ئەمدى؟ بۇ دېگىنىمىز بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا بەت ئۆرۈش رايونى بولىدۇ، يەنى 1-بەت، 2-بەت، ...، دېگەندەك، دەل شۇ ئورۇندا بارلىق بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش دېگەنلىك. بۇرۇن ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىدا شۇنداق بەت ئۆرۈش ئۈنۈمى بار ئىدى، كېيىن باشقا خىلدىكى بەت ئۆرۈش ئىقتىدارنى سەپلىگەن.

HTML+CSS تېخنىكىسى

css ئارقىلق تەگلىك رەڭگىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىش

3

تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق تەگلىكنىڭ رەڭگىنى ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتا تەدرىجىي ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغانداق بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى كۆپ ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان، شۇڭا تورداشلار رەسىم ئارقىلىق بۇ خىل ئۈنۈمگە ئىگە بولساڭلارمۇ بولىدۇ.

HTML+CSS تېخنىكىسى

css ئىشلىتىپ مائۇسنى خەت ئۈستىگە ئېلىپ كەلسە رەسىملىك ئەسكەرتىش چىقىرىش

0

سىز مائۇسنى مەلۇم خەت ئۈستىگە ئېلىپ كەلسىڭىز، شۇ ھامان رەسىملىك ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ، مائۇسنى خەت ئۈستىدىن يىراقلاشتۇرسىڭىز رەسىم كۆرۈنمەيدۇ. رەسىمنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تاللىسىڭىز بولىدۇ.

HTML+CSS تېخنىكىسى

css ئارقىلىق ئاددىي قىر چىقىرىش ئۇسۇلى

4

css نىڭ ئۆزىدە بار بولغان webkit-border-radius ،moz-border-radius فونكىسىيەسى ئارقىلىق قىر چىقارساق ناھايىتى ئاسانلا مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز، ئەمما IE قاتارىدىكى بىر قانچە توركۆرگۈ بۇ فۇنكىسىيە قوللىمايدۇ، بەزىلەر js ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ھەل قىلغان، ئەمما مەن js ئىشلىتىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، شۇڭا بىز css ئارقىلىقلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلايلى.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress دا يازما ئاستىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قوشۇش ئۇسۇلى

4

بىر قىسىم بلوگلارنى بىر قانچە كىشلەر بىرلىشىپ يازىدۇ، مەسىلەن، ئۇيغۇربەگ تور تۇراسىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن پرېستان بىرلىشىپ يازغاندەك. بۇنداق بولغاندا مەلۇم يازمىنى سىز يازسىڭىز يازما ئاستىدا سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز، ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىز چىقىپ تۇرسا زىيارەتچىلەر ئاسانلا سىزنىڭ يازغانلىقىڭىزنى بىلىۋالىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنى بلوگىڭىزغا قوشۇش ئۈچۈن سىز تۆۋەندىكى بىر قانچە قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتسڭىزلا بولىدۇ.