ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك WordPress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىغا تېكىست قوشۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق HTML كودى قوشقىلى بولسىمۇ، ئەمما PHP قوللىمايدىغان بولۇپ، يان بۆلەككە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كەتكەن PHP كودىنى قوشۇش ئۈچۈن يان بۆلەك ھۆججىتى بولمىش sidebar.php نى تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان قىستۇرما دەلWordpress نىڭ ۋىجېت(widget) رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يىنىك تىپتىكى قىستۇرما.
تۇلۇق ئوقۇش
يېقىندا بلوگىمغا ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم(幻灯片) قوشتۇم. بەزى دوستلار ئۆزىنىڭمۇ بلوگىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسى بارلىقنى ئېيتتى، ئۇنداقتا مەن بۇ ئۈنۈمنى قانداق قوشقانلىقىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي، دوستلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن مەن بارلىق كودلارنى بىرلا php ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە يىغىپ قويدۇم، بۇنداق بولغاندا بىرقانچە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالايسىلەر.
تۇلۇق ئوقۇش
مەن ئادەتتە wordpress ئۇسلۇبلىرىنى ياساش ۋە تەرجىمە قىلىشتا ئاساسلىقى كومپىيوتېرىمدىلا سىناق قىلىمەن. ئەلۋەتتە توردا سىناق قىلغاندىن كۆپ ئەۋزەل، بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتېرىڭىزدا مۇكەممەل بولغان PHP مۇھىتى بولغان بولىشى كېرەك، يەنى Apache + PHP + MySql دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ بىرىكمە مۇھىتى بولىشى كېرەك. ئۇنداقتا مۇشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا Windows قا تەييارلا ھالەتتە Apache + MySql +PHP مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدىغان بىرەر يۇمشاق دېتال بارمىدۇ؟
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار