بلوگ بىلدۈرگۈسى

«ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

6

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!
بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، كەينىدىن يەنە شۇنداق تېزلىكتە تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى. بىز «ياق، بىلوگ تۈگەشمىدى، تۈگەشمەيدۇ» دەپ تۇرۇۋېلىپمۇ باقتۇق. لېكىن، ئاچچىق رېئاللىق بۇ گېپىمىزنى قېتىغا ئېلىپ قويمىدى.

wordpress تېخنىكىسى

بلوگىمدا مەلۇم قۇرغا كود قىستۇرۇش ئۇسلۇم

6

بەزىدە يازما ئارىسىغا بىرەر قۇر ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە (سولدىن ئوڭغا يازىدىغان يېزىق) قۇشۇش توغرا كىلىپ قالغاندا، جۈملە ئاياغلاشقاندىكى چىكىت، پەشلەر سول تەرەپكە چىقىۋالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بىز پۈتۈن بەتنى body غا ltr غاخلىقىنى بەرگەنلىكتىن بولغان. مەن بۇنداق مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، پايدىلىنىپ قالساڭلا دەپ يوللاپ قويدۇم.

HTML+CSS ئاساسىي دەرسلىكى

1-2 HTML بىلەن CSS نىڭ مۇناسىۋىتى

9

تور بىكەت ياساشتىن بۇرۇن بىز چوقۇم HTML、CSS、JavaScript قاتارلىق تىللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھازىر بىز بۇ 3 خىل تىلنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى.

HTML+CSS ئاساسىي دەرسلىكى

1-1 كود ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە، مېنىڭ تۇنجى بېتىم

2

ھەر قايسىڭلارنىڭ پرېستاننىڭ HTML ۋە CSS دەرسخانىسىغا كەلگەنلىكىڭلارنى قارشى ئالىمەن. بۈگۈندىن باشلاپ ئۇيەر بۇيەردىن تىرىپ تۆشەپ ئۈزەمچە HTML ۋە CSS دىن ئاساسىي ساۋاتنى سۆزلىمەكچى. دەرسلىكتە گەپنى ئاز ساز يازىمەن، چۈنكى مەن جىق گەپ يازالمايمەن. ئۇنداق بولسا تۇنجى دەرسىمىزنى باشلاپ كەتسەك.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress ئۇيغۇرچە 3.8.1 نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى

3

wordpress ئۇيغۇچە ئورگان بېتىدە ئۇيغۇرچە wordpress نى تەرجىمە قىلىش توختىغانلىقتىن 3.8.1 نەشرىنى چۈشۈرۈش ئامالىنى قىلالماي قالغانلىقىنى بىر قانچە بلوگىرلار ئېيتىپ ئۆتتى، شۇڭا مەن سىلەرگە ئورگان بېتىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. دوستلارنىڭ ئورگان بېتىدىن باشقا ھىچقانداق جايدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەسلىكىنى ئەسكەرتىمەن.

wordpress تېخنىكىسى

wordpress خەنچە 4.1 نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش

7

wordpress خەنچە 4.1 نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن قوشۇلغان تىل تاللاش ئىقتىدارى مىنى ئالاھىدە قىززىقتۇردى، تىل تاللاش رايونىدا ئۇيغۇرچە تىل تاللاش يوق ئىكەن، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقتىم ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولدۇم. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرىنى قىسقىچىلا سۆزلەپ ئۆتىمەن.

wordpress تېخنىكىسى

بلوگىمنى wordpress نىڭ 4.1 خەنچە نەشرىگە يېڭىلىۋالدىم

10

بلوگنى ئاچمىغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان wordpress دەرجىسىنى كۆتۈرپ بىردەمدىلا 4.1 گە چىقىپ بوپتۇ، ئەمما ئۇيغۇچە نەشرى يېڭىلاشتىن توختىغان چىراي. شۇنىڭ بىلەن كونا پەدىگە دەسسەپ خەنچە 4.1 نەشرىگە يېڭىلىۋالدىم.

بلوگ بىلدۈرگۈسى

ھەممىڭلارنىڭ 2015-يىلىقىغا مۇبارەك بولسۇن

5

ھەممىڭلار بىلىسىلەن، مەن ئۇيغۇربەگدەك جىق يازالمايمەن، شۇڭلاشقا 2014-يىلىنى «ئۆي»، «خوتۇن»، «ماشىنا»، «خىزمەت»،«بالا» دېگەن سۆزگىلا يىغىنچاقلىماقچىمەن. بۇ يىل ھاياتىمدىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولدى. بۈگۈن بلوگىممۇ نەچچە يىلدىن بۇيان كەيگەن كونا چاپىنىنى ئانچە مۇنچە ياماپ، قايتىدىن رەڭ بېرىپ يېڭى يىلغا روھلۇق كىرگەن چىراي، قارىسام بەزى يەرلىرى يىرتىقمۇ تۇرىدۇ، ئۆزەم ئالدىرماي ئەتە ئۆگۈنگىچە ياماپ قويمىسام بولماپتۇ. ئاخىرىدا، ھەممىڭلارنىڭ 2015-يىلىڭلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىنجىگە ئېرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

wordpress تېخنىكىسى

wordpress سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىش سەۋەبى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى

7

يېقىندا كومپىيۇتېرغا wordpress نىڭ 3.8.1 نەشرىنى قاچىلىغان ئىدىم، قاچىلاش سۈرئىتى ۋە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنكى ئېچىلىش سۈرئىتى 100 ياشقا كىرگەن قېرى تاشپاقىنىڭ مېڭىشىدىنمۇ ئاستا، بىرەر بەتنىڭ ئېچىلىشىغا تەخمىنەن 20 سىكىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى. توردىن ئىزدەپ بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ يېڭى نەشىردىكى wordpress نىڭ خەت نۇسخىسىنى fonts.googleapis.com دىن چۈشۈرىدىغانلىقىنى، google تورىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئېچىلمىغانلىقىدىن خەت نۇسخىسىنىڭمۇ چۈشمەيدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن wordpress نىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپتۇ.

بلوگ بىلدۈرگۈسى

ۋاقىتلىق ئايرىلىش….

14

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور دۇنياسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىدىغان بولدۇم، بۇ مەزگىلدە بلوگىمنى نورمال زىيارەت قىلىپ تۇرالايسىلەر.