ھەممىڭلار بىلىسىلەن، مەن ئۇيغۇربەگدەك جىق يازالمايمەن، شۇڭلاشقا 2014-يىلىنى «ئۆي»، «خوتۇن»، «ماشىنا»، «خىزمەت»،«بالا» دېگەن سۆزگىلا يىغىنچاقلىماقچىمەن. بۇ يىل ھاياتىمدىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولدى. بۈگۈن بلوگىممۇ نەچچە يىلدىن بۇيان كەيگەن كونا چاپىنىنى ئانچە مۇنچە ياماپ، قايتىدىن رەڭ بېرىپ يېڭى يىلغا روھلۇق كىرگەن چىراي، قارىسام بەزى يەرلىرى يىرتىقمۇ تۇرىدۇ، ئۆزەم ئالدىرماي ئەتە ئۆگۈنگىچە ياماپ قويمىسام بولماپتۇ. ئاخىرىدا، ھەممىڭلارنىڭ 2015-يىلىڭلىغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىنجىگە ئېرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
تۇلۇق ئوقۇش
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور دۇنياسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىدىغان بولدۇم، بۇ مەزگىلدە بلوگىمنى نورمال زىيارەت قىلىپ تۇرالايسىلەر.
تۇلۇق ئوقۇش
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كەلگەن بوھران تۈپەيلى، تور ناملىرى بۇلانغان كۆپ قىسىم بلوگگېرلار مېنى توغرا چۈشۈنۈشۈپ، يېڭى تور ناملارغا كۆچۈپ بلوگ ھاياتىنى داۋام قىلدى. يەنە بىر قىسىم بلوگگېرلار مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى تىزراق پۈتتۈرۈشۈمگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، قولۇم بىكار بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ تور ناملارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، يېڭى تورنامغا كۆچۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى. ئاز قىسىم بلوگگېرلار بۇ ئىشنى توغرا چۈشەنسىمۇ، نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىمۇ شۇنداق تويۇقسىز ۋە شىددەتلىك بولدى، مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يېزىش ئىشىمدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىم بۇزۇلدى، بۇ يەردە مۇشۇ پاجىئە تۈپەيلى بلوگلىرى نورمالسىزلاشقان ھەممەيلەنگە خىجىللىقىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن ھەمدە مېنى قوللاپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداش:
ئالدى بىلەن ئەينى زاماندا بىزنى قوللاپ، بىزگە ئىشىنىپ، بىزدىن ھەقلىق مۇلازىمەت ئېلىپ، تور نامى ۋە بوشلۇق ئېلىپ بلوگ قۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. پرېستان بلوگىدا ئېلان قىلىنغان ئەھۋالدەك، ئاۋۋال بىر قىسىم تور بوشلۇقلىرى ۋىروس يوقۇپ، توختىتىلغان بولسا، يەنە بىر قىسىم بلوگلارنىڭ تور نامى بۇلاندى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مەن قەستەن ئورۇنلاشتۇرمىغان بولساممۇ، شۇ تاپتا مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئېچىلماي قالغان بلوگ-بېكەتلەرنى ئويلىسام نومۇستىن يېرىلىپ، خورلۇقتىن پارچىنىپ كېتەي دەپ قالدىم، ئەمما كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بلوگلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتىمەن، ھازىر بارلىق بلوگلارنىڭ ساندان-ئۇچۇرلىرى تولۇق.
تۇلۇق ئوقۇش
ئۆزۈمنى ۋىروس-پىتلاردىن ناھايىتى يىراق، ئوغرىلىنىشدىن ئۇزاق دەپ قارايتىم، ئۆزەمگە بەك ئىشىنىپ كېتىپتىمەن، قويۇلىشتىن ئامان قالىمەن دەي ئويلايتىم، ئەمما بۇ بىر ئايدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تارتقان زىيىنىمنى ئاز دەپ نەچچە قېتىم قويۇلدىم. بۇلارغۇ مەيلىتىغۇ؟ ئەمما… يېقىندا ماڭا يەنە كۆز تەگدى. نەچچە ھەپتە بۇرۇن QQرىمنى ئوغرى ئېلىپ، چوڭ ئاۋارىچىلىق سالغان بولسا، ئەمدى يېقىندا بۇ ئوغرىلار ماڭا يەنە باشقىچە ھۇجۇم قىلىشتى….
تۇنجى بولۇپ ياخو ئېلخېتىمگە پايپال ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى ئۇقتۇرۇشى كەلدى، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي يۈرسەم داداش(Godaddy) ھېساۋاتىمنىڭ پارولىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، غەيرىيلىك ھىس قىلىپ، شۇ ھامان داداشنى ئاچسام دەرۋەقە پارول ئۆزگەرتىلىپ كېتىپتۇ، شۇ ھامان پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدىم. ھە ئەمدى بولدى دەپ ئويلاپ تۇرۇپ، ياخو ئېلخەتكە كىرىشىمگە پارول خاتا دېمەمدۇ، ئاچچىغىم مىڭ گەز ئۆرلەپ شۇ ھامان پارولنى قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ باقسام نۇمۇسسىز ئوغرى ئاللىقاچان پارول ئۆزگەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىپ بوپتۇ…
تۇلۇق ئوقۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار:
تولىمۇ ئازاب ۋە ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنى جاكارلايمەنكى، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى قاتارلىق بلوگلارنىڭ تور نامى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلانغانلىقى ئۈچۈن مەزكۈر بلوگلار تور دۇنياسىدىكى مەۋقۇدلىقىدىن ئايرىلىدىغان بولدى. بۇ بلوگلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزگە ئىنتايىن ئېچىنىمىز، شۇنداقلا مۇشۇ بلوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە بلوگ-بېكەتلەرنىڭ تەڭلا تاقىلىپ قالغانلىقىغا سەۋەبچى بولغان ئاشۇ نۇمۇسسىز ئوغرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى «ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ» پائالىيىتىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم نامزاتلىققا سايلانغان ئىدى، WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇمۇملىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان نادىر بلوگ ئىدى، بۇ بلوگلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا قاتتىق قايغۇرىمىز، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات(سەل جۇڭگوچە بوپ قالدى، شۇنداقتىمۇ)، شۇنداقلا شۇنى جاكارلايمىزكى uyghurbeg.net، uyghurbeg.com قاتارلىق تور ناملىرى ئاستىدا ئېچىلغان بلوگلار ئاشكارا بايانات بەرمىگۈچە، ئەسلىدىكى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇنداقلا uyghurbeg@yahoo.com ناملىق بۇ ئېلخەتمۇ ئوغىرلانغان بولغاچقا، بۇ ئېلخەت ئارقىلىق قىلىنغان ئالاقە مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يۇقارقى تور نام ۋە ئېلخەتلەر ئارقىلىق كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەن ئىگە بولمايمەن.
تۇلۇق ئوقۇش
بارلىق دوستلارنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال خورام ئۆتكۈزۈشىنى، يېڭى يىلغا يېڭىچە قەدەم بىلەن كىرىپ، يېڭى نەتىنجىلەرنى يارىتىشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، تۇرمۇشۇنىڭ كۆڭۈللۈك، ئىشلىرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۇلۇق ئوقۇش
كۆزىڭىزگە ئىشەنمەي قېلىۋاتامسىز، سىز خاتا كىرىپ قالمىدىڭىز. بۇ دەل كەمىنە پرېستاننىڭ يېڭى كەپىسى. بىر مەزگىل ../../..//blog نامىنى ئىشلىتىپ خەنچە بلوگ قۇرۇپ بىر قىسىم نادىر بلوگ قۇرۇش بىلىملىرىنى توپلاپ كەلگەن ئىدىم. يېقىندا بوشلۇق كۆچۈش جەريانىدا توساتتىن خەنچە بلوگىمنى يازماسلىق قارارىغا كېلىپ قالدىم، ۋە بۇ كەپىنى قۇرۇپ قويدۇم، قېنى قايسىڭلار ئاۋال بۇ كەپەمنى تېپىۋالالايسىلەركىن.
ئۇسلۇب ھەققىدە بىر قانچە ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى قالدۇرۇپ قويسام، ھازىرقى ئۇسلۇب كەمىنە پرېستاننىڭ يەنە بىر ئىجادىيىتى بولۇپ، باشقىلارغا تارقىتىلمايدۇ، ھەر قايسى بلوگچى دوستلارنىڭ ئۇسلۇبنى سوراپ مېنى خىجىل قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كەمىنە پرېستان تەرىپىدىن 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىز قالدۇرۇلدى.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار